| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنىت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت > تولۇق مەزمۇنى

بالا تەربىيەلەشتە ئاتا–ئانىلار تۇنجى جاۋابكار

ۋاقىت : 2013-01-06 00:22 | مەنبەسى : شىنجاڭ گىزىتى | ەمىنلىگۇچى : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

بالا تەربىيەلەشتە ئاتا–ئانىلار تۇنجى جاۋابكار

 ئابدۇقادىر ئابلىز


   ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى، شۇڭا بالا تەربىيەلەشتە ئاتا – ئانىلارنىڭ مەسئۇليىتى ئەڭ مۇھىم. مۇشۇ ‹‹مۇھىم›› لىق بالا تەربىيەلەشتە ئاتا – ئانىلارنىڭ تۇنجى جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن.
   ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە قانداق رول ئوينىشى كېرەك؟ پەرزەنتلىرىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغان ئاتا – ئانىلار بىلىپ – بىلمەيلا مائارىپ قانۇنىيتىنى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىنىڭ قارشى تەرىپىدە قويۇۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاتا – ئانىلار تەرسا، جاھىل كۈچكە ئايلىنىدۇ – دە، بالا تەربىيەلەشتە مەغلۇب بولىدۇ. ئەمەلىي پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، بالىلار ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، مائارىپچىلارمۇ ئاتا – ئانىلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمايدۇ. ئاتا – ئانىلار بالىلىرىمنى ياخشى تەربىيەلەيمەن دەيدىكەن، ئالدىدا ئۆزىنىڭ پىسخىك ھالىتىنى تەڭشىشى، شۇ ئاساستا بالىلارغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. چۈنكى، ئاتا – ئانىلارنىڭ نورمال پىسخىك ھالىتى بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاتا – ئانىلارنىڭ سەۋىيەسى مائارىپنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەرزەنتىدىن كۈتىدىغىنى مۇۋاپىق بولغان ئاتا – ئانىلار تەربىيەلىگەن بالىلار پەرزەنتىدىن كۈتىدىغىنى يۇقىرى بولغان ئاتا – ئانىلار تەربىيەلىگەن بالىلارغا قارىغاندا كۆپ قابىلىيەتلىك بولۇپ يېتىشكەن. ئەگەر بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولمىسا، ئاتا – ئانىلار مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتقۇچىنى ئىزدەپ بالىسغا دەرس تولۇقلاپ بېرىشنى ئويلايدۇ. ئۇنداقتا، ئاتا – ئانىلار ئۆزى نېمە قىلىدۇ؟ ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بۇ قارىماققا ھەقلىقتەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن ئاتا – ئانىلار شۇنى دەستەك قىلىۋېلىپ ئۆزى بىلىپ – بىلمەيلا بالىلىرىغا تەربىيە بېرىش مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كېچىدۇ. ھازىر كۆپىنچە ئاتا – ئانىلار ئالىي مەلۇماتلىق، شۇڭا ئۆزى تەربىيە بەرسىمۇ بولىدۇ. لېكىن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ياخشى ئادەت يىتىلدۈرۈشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
   قىسقىسى، ھەرقانداق ئاتا – ئانا ئۈچۈن بالىنى قانداق تەربىيەلەشنى بىلىش بەكمۇ مۇھىم، شۇڭا ئاتا – ئانىلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى، ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەت توغرىسىدا ئويلىنىپ تۇرۇشى، ئاددىي تەربىيە ساۋاتلىرىغا توشۇق بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا كېيىن ‹‹ئاپلا›› دەپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
ئالدىنقى ئەسەر:ئاتا-ئانىسىنى خورلىغان ۋاپاسىز ئوغۇل
كىيىنكى ئەسەر:يوق
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>