| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنىت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت > تولۇق مەزمۇنى

ئائىلە تەربىيەسى گەپ ئاڭلىتىش تەربىيەسى ئەمەس

ۋاقىت : 2012-11-17 22:10 | مەنبەسى : شىنجاڭ گىزىتى | ەمىنلىگۇچى : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

ئائىلە تەربىيەسى گەپ ئاڭلىتىش تەربىيەسى ئەمەس


ئەكبەرئىسمائىل


    يېقىندا بىر نەچچە دوست يىغىلىپ قالدۇق، ئۇياق - بۇياقتىن پاراڭلىشىپ ئاخىرىدا ئائىلە تەربىيەسىنىڭ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەم گەپ ئاڭلايدىغان بالا ۋە گەپ ئاڭلىمايدىغان بالا ئۈستىدە تالاش - تارتىش قىلىشىپ قالدۇق. بەزىلەر ھازىرقى دەۋردە بالىلارنى قۇلىقى يۇمشاق، ئاتا - ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئېيتتى، بەزىلەر ئۇنداق بالىلارنىڭ مۇستەقىللىقى تۆۋەن بولىدۇ دېيىشتى. مائارىپتا ئائىلە تەربىيەسى بىر بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، كەلگۈسى ئىستىقبالى ۋە تۇرمۇشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان تەربىيە دەپ قارالماقتا. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئائىلە تەربىيەسى گەپ ئاڭلىتىش تەربىيەسىمۇ، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلاندىم، باشقىلارنىڭ قارىشىنىمۇ ئاڭلىدىم.

    بىزدە «بالا بولسا شوخ بولسا، بولمىسا يوق بولسا» دېگەن گەپ بار، بۇ جايدا تەكىتلىنىۋاتقان «شوخلۇق» باشباشتاقلىقنى، شەخسىيەتچىلىكنى ئەمەس، بەلكى چېچەنلىكنى، تېتىكلىكنى، ئىزدىنىشچانلىقنى، تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئائىلە تەربىيەسى بالىنىڭ مۇشۇنداق ئېسىل «شوخلۇق» خىسلەتلىرىنى يېتىلدۈرىدىغان بۆشۈك، ھەرگىزمۇ ئىچ مىجەز، مۇستەقىللىق قارىشى يوق، ئاتالمىش گەپ ئاڭلايدىغان، قۇلىقى يۇمشاق بالىلارنى قۇيۇپ چىقىدىغان «قېلىپ» ئەمەس.

    ئائىلە تەربىيەسى ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىدىغان تەربىيە. «ئالىم بولماق ئاسان، ئادەم بولماق قىيىن». ئادەم بولۇش تەربىيەسى بۇ مۇھەببەت، ھۆرمەت، ئەخلاق، گۈزەللىكنى سۆيۈش، ھەق - ناھەق قارىشى، جىسمانىي قۇۋۋەت، مۇستەقىللىق ئېڭى، مەنىۋىيەت، شۇنداقلا مېھرىبانلىق جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك يېتىلىشنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئائىلە تەربىيەسى ئىنسان ھاياتىدىكى تۇنجى تەربىيە بولغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرىقى خىسلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينايدۇ. ئەمما، ئائىلە تەربىيەسى گەپ ئاڭلىتىش تەربىيەسى بولۇپ قالسا، بالا ئەخلاق ئۆلچىمىگە يەتسىمۇ، ئەمما ھەر ۋاقىت مۇستەقىللىق ئېڭى، مەنىۋىيەت، ھەق - ناھەق قارىشىدا تەۋرىنىپ قېلىشى مۇمكىن، ھەتتا زىيادە قورۇنۇش سەۋەبلىك كىشىلىك مۇھەببەتنى چەتكە قاقىدىغان، باشقىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

    ئائىلە تەربىيەسى بىلىمگە ئىنتىلىشنى ئۆگىتىدىغان تەربىيە. بۇ جايدا دېيىلىۋاتقان «بىلىم» يالغۇز كىتابىي بىلىم ئەمەس، بەلكى دۇنياغا بولغان تونۇش، تەبىئەتكە بولغان تونۇش، تۇرمۇشقا بولغان تونۇش، ئىنسانىيەتكە بولغان تونۇشنى كۆرسىتىدۇ. بالىلار يېڭى شەيئىگە قىزىقىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، بۇنداق ئىزدىنىش بىلىمگە ئىنتىلىشنىڭ بىخ ھالىتى ھېسابلىنىدۇ، بۇ بالىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدا تولىمۇ مۇھىم، بىراق گەپ ئاڭلىتىش تەربىيەسى بالىلاردىكى ئىزدىنىش روھىنى بوغۇشلاپ قويىدۇ.

    ئائىلە تەربىيەسى ئىش قىلىشنى ئۆگىتىدىغان تەربىيە. بۇنى بىلىمگە ئىنتىلىشتىن ئايرىپ قارىساق بولمايدۇ، ئىش قىلىشنى ئۆگىنىش دېگەنلىك ئىگىلىگەن بىلىمنى ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىش قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش بالىلارنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىشىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق بالىلار ناچار شارائىتتىمۇ قىينىلىپ قالمايدۇ. بىراق، كۆپىنچە ئاتا - ئانا بالىلىرىنىڭ مۇستەقىل ئىش قىلالىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ - يۇ، لېكىن «ئۇنى قىلما، بۇنى قىلما» دەپ، بالىنى بىلىپ - بىلمەيلا گەپ ئاڭلىتىش تەربىيەسى بويىچە تەربىيەلەيدۇ، نەتىجىدە بالا ئاستا - ئاستا ئىش قىلىشتىن يالتىيىدىغان، قاچىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئائىلە تەربىيەسى ئورتاق ياشاشنى ئۆگىتىدىغان تەربىيە. يەر شارى كۈنسېرى «كەنت» كە ئوخشاپ قېلىۋاتقان ھازىرقى زاماندا ئورتاق ياشاشنى ئۆگىنىۋېلىش تولىمۇ مۇھىم، ئائىلە تەربىيەسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئائىلە جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ كىچىك بىرلىك بولۇپ، ئائىلە بىلەن ئائىلىنىڭ، ئائىلە بىلەن جەمئىيەتنىڭ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى بالىنىڭ جەمئىيەتكە سىڭىشىشىدىكى مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئورتاق ياشاشنى ئۆگىنىۋېلىش كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئۆزى بىلەن ئۆزگە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا ھەل قىلىش، كوللېكتىپقا سىڭىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ئۆزىنى تونۇش، باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ئاساسىدا داۋاملىشىدۇ. ۋەھالەنكى، قىسمەن ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، خاتىرجەملىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشىنى چەكلەپ تۇرىدۇ، بۇنداق چەكلەش مۇئەييەن چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە، بالىلار تۇرمۇشنىڭ رەڭدارلىقىنى بىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

    يۇقىرىقى تۆت خىل تەربىيە ئۇسۇلى بىر - بىرىنى شەرت قىلىدۇ، بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ. ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش ئورتاق ياشاش ئۈچۈن ئاساس بولسا، ئىش قىلىشنى ئۆگىنىش بىلىمگە ئىنتىلىشنى شەرت قىلىدۇ؛ بىلىمگە ئىنتىلىش ئورتاق ياشاشنى ئۆگىنىش ئارقىلىق مەزمۇن تاپسا، ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش ئىش قىلىشنى ئۆگىنىش جەريانىدا ئىپادىلىنىدۇ؛ ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش بىلىمگە ئىنتىلىشنى ئۆگىنىشنىڭ خۇرچى بولسا، ئىش قىلىشنى ئۆگىنىش ئورتاق ياشاشنى ئۆگىنىشنىڭ ئاچقۇچى بولىدۇ. شۇڭا، ئائىلە تەربىيەسى نوقۇل ھالدا گەپ ئاڭلىتىش تەربىيەسىگە ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ.

()

ياخشى
(2)
100%
ناچار
(0)
0%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>