پەرزەنتلەرگە قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى كەم بولمىغ
پەرزەنتلەرگە قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى كەم بولمىغاي
مۇھەممەدتۇرسۇن ئەخمەت
قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى تەلىم – تەربىيەنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر. كىشىلەر قائىدە – يوسۇنلۇق كىشىنى تەربىيە كۆرگەن، ئۇقۇمۇشلۇق دەپ تەرىپلىسە، قائىدە – يوسۇننى بىلمەيدىغان كىشىنى تەربىيە كۆرمىگەن، قارا قورساق، دەپ داتلايدۇ. خەلقىمىز ئارىسىدا ئېسىل قائىدە – يوسۇنغا ئەمەل قىلىش ئىشلارنىڭ خەيرلىك بولۇشىدىكى بىر شەرت، دەپ قارالغاچقا، ھەربىر ئىشنىڭ قائىدە – يوسۇندىن چەتنەپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار پەرزەنتى تۇغۇلغاندىن تارتىپلا، قىز بولسا قىزلارغا خاس، ئوغۇل بولسا ئوغۇللارغا خاس قائىدە – يوسۇنلارنى ئۆگىتىشكە باشلايدۇ. ئەگەر ئاتا – ئانا بولغۇچى پەرزەنتىگە قائىدە – يوسۇنلارنى ئۆگەتمىسە ئاۋام تەرىپىدىن ئەيىپلىنىدۇ، قائىدە – يوسۇن بىلمەيدىغان پەرزەنتلەرمۇ جامائەت ئارىسىدا قارشى ئېلىنمايدۇ. قائىدە – يوسۇن پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىدە ئەل – يۇرتقا نىسبەتەن ھۆرمەت، مۇھەببەت تۇيغۇسى ئويغۇتىدۇ. قائىدە – يوسۇندىن چەتنىگەن پەرزەنتلەرنىڭ قەلبى ئەل – يۇرتتىن يىراقلاپ كېتىدۇ. ئەگەر قائىدە – يوسۇنلار بۇزۇلسا، جەمئىيەت تەرتىپىمۇ بۇزۇلىدۇ، ئۇ چاغدا گۈزەللىكتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
مۇشۇ نوقتىلاردىن قارىغاندا، پەرزەنتلەرگە قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى تائامدەكلا مۇھىم. ئۇنداقتا، قائىدە – يوسۇن تەربىيەسىنى قانداق بەرگۈلۈك؟ بىرىنچىدىن، كىچىكىدىن باشلاپلا بەرگۈلۈك. چۈنكى ئائىلە جەمئىيەتلەشكەن قائىدە – يوسۇنلارنىڭ بۇلىقى. بۇ ‹‹بۇلاق›› پەرزەنتلەر قائىدە – يوسۇننى ئەڭ بۇرۇن قوبۇل قىلىدىغان ئورۇن. پەرزەنتلەرنىڭ كىچىك ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى ۋە خاراكتېر يېتىلدۈرۈشى تېز بولىدۇ. شۇڭا پەرزەنتلەرگە كىچىكىدە ئېلىپ بېرىلغان تەربىيە ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولغۇلۇق. پەرزەنتلەردە ئۆسۈپ – يېتىلىش مەزگىلىدە دوراش خاراكتېرى كۈچلۈك بولىدۇ. ئاتا – ئانىلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇش ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرى تەبىئىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، 150 ئۆسمۈر جىنايەتچىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ %40 نىڭ ناچار ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولغانلىقى بايقالغان. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلەرگە قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى بېرىشتە ئالدى بىلەن ئۆزلىرى قائىدە – يوسۇنلۇق بولغىنى تۈزۈك. ئۈچىنچىدىن، ئەمەلىي بولغۇلۇق. تەربىيەدە ئۇنداق قىل، بۇنداق قىل دەپ بۇيرۇق بىلەن مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. تۇرمۇشتا قائىدە – يوسۇنلار داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇنداق چاغلاردا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ پەرزەنتلەرگە قائىدە – يوسۇننى ئىما – ئىشارەت بىلەن، ئۆيگە قايتقاندا چۈشەندۈرۈش بىلەن بىلدۈرگۈلۈك. شۇنداق قىلىپمۇ قائىدە – يوسۇن تەربىيەسىدە ئۈنۈم قازانغىلى بولىدۇ.
()
« پەرزەنتلەرگە قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى كەم بولمىغ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر: بالىڭىزنىڭ سوئالىغا سەل قارىماڭ
- . بالىڭىزنىڭ سوئالىغا سەل قارىماڭ
- . پەرزەنتلەرگە قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى
- . ئائىلە تەربىيەسى گەپ ئاڭلىتىش تەربىيەس
- . ئائىلە ۋە ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى
- . بالىلار تەربىيەسىدە بۆشۈكنىڭ رولى
- . پەرزەنتىڭىزگە كىتاب ئوقۇپ بېرىڭ
- . بالىڭىز بىلەن سىردىشىپ باقتىڭىزمۇ؟
- . بالىلار تەربىيەسىدە بۆشۈكنىڭ رولى
- . ئانىنىڭ كۆيۈمچانلىقى بالىنى تېخىمۇ ئەق
- . ئائىلە تەربىيەسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
- . ھامىلدار ئاياللار تاماكا چەكسە،نەۋرىسى
- . بالىڭىز سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە
- . ئائىلە تەربىيىسىدىكى 100 خىل ئۇسول
- . ‹‹بالىلار بىر ياشتن باشلاپ كىتاب ئوقۇس
- . ئائىلە تەربىيەسىدىكى بىر مىنۇت
- . قانداق قىلغاندا ياخشى ئائىلە باشلىقى بو
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . بالىڭىزنىڭ سوئالىغا سەل قارىماڭ
- . پەرزەنتلەرگە قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى
- . ئائىلە تەربىيەسى گەپ ئاڭلىتىش تەربىيەس
- . ئائىلە ۋە ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى
- . بالىلار تەربىيەسىدە بۆشۈكنىڭ رولى
- . پەرزەنتىڭىزگە كىتاب ئوقۇپ بېرىڭ
- . بالىڭىز بىلەن سىردىشىپ باقتىڭىزمۇ؟
- . بالىلار تەربىيەسىدە بۆشۈكنىڭ رولى
- . ئانىنىڭ كۆيۈمچانلىقى بالىنى تېخىمۇ ئەق
- . ئائىلە تەربىيەسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
- . بالىڭىزنىڭ سوئالىغا سەل قارىماڭ
- . ئائىلە تەربىيەسى گەپ ئاڭلىتىش تەربىيەس
- . ئائىلە ۋە ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى
- . پەرزەنتىڭىزگە كىتاب ئوقۇپ بېرىڭ
- . ئائىلە تەربىيەسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
- . بالىنىڭ تاللىشى
- . رىغبەتلەندۈرۈش–بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈ
- . ئاتا-ئانامنى يەنە قانچە قېتىم كۆرەلەيمە
- . جۇڭگولۇق ئانىلار بىلەن غەرپ دۆلەتلىرىد
- . گېرمانىيەلىكلەر بالىلاردا ياخشى ئادەتن
- . بالىغا ئالتە ئادەتنى ئۈگىتىڭ
- . پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 10 خىل سەۋەن
- . بېسىمى ئېغىر ئاياللارنىڭ قىز تۇغۇش ئېھت
- . بالىلار يەتتە ئادەت، ئاتا-ئانىلار تۆت ئ
- . بالىلارنى ئۇرمايمۇ تەربىيىلىگىلى
- . ياخشى ئانىنىڭ ئۆلچىمى
- . بالىلار نەدە ئۇخلايدۇ؟
- . بالىلار قانداق ئائىلىنى ياخشى كۆر
- . ئاتا بولغۇچى قانداق پەزىلەتلەرنى ھازىر
- . بالىڭىز سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە