| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنىت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت > تولۇق مەزمۇنى

بالىڭىزنىڭ سوئالىغا سەل قارىماڭ

ۋاقىت : 2012-12-18 23:30 | مەنبەسى : شىنجاڭ گىزىتى | ەمىنلىگۇچى : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

بالىڭىزنىڭ سوئالىغا سەل قارىماڭ

  تۇتىگۈل ھاجى

    بىر كۈنى دوستۇمنىڭ ئۆيىگە باردىم. قىزى بىر كىتابنى كۆتۈرۈپ كىرىپ دادىسىدىن ‹‹دادا، بۇ تۈلكە نېمىشقا ھەمىشە توخۇنىڭ ئىزىغا چۈشىدۇ›› دەپ سورىدى. دادىسى ‹‹ئاناڭدىن سورىغىنا›› دېدى. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ قىز يەنە بىر كىتابنى كۆتۈرۈپ كىرىپ ‹‹مېكىيان نېمىشقا تۈلكنىڭ ئىزىغا چۈشكىنىنى سېزەلمەيدۇ؟›› دەپ سورىدى. دادىسى يەنە ‹‹نېرى تۇرە، ئالدىراشلىقىمنى كۆرمىدىڭمۇ؟›› دېدى.

    تۆت ياشلىق قىزىممۇ دائىم مەندىن سوئال سورايدۇ. ئۇ بىردە ‹‹چۆپ نېمىشقا يېشىل؟ نېمىشقا باشقا رەڭدە ئۆسمەيدۇ؟›› دەپ سورىسا، يەنە بىرىدە ‹‹مەن نېمىشقا سېنىڭ قۇرسىقىڭدىن چۈشكەن؟›› دەپ سورايدۇ. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ‹‹قۇياش نېمىشقا ئىسسىق؟ قۇياش ئاسماندىن چۈشۈپ كەتسە قانداق قىلىمىز؟›› دېگەندەك سوئاللارنى سورايدۇ. مەن كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ سوئاللىرىغا سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بەرگەچ، ئۆزىنىمۇ ئويلاپ بېقىشقا، پىكىر قاتناشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىمەن.

    بالىلارنىڭ سوئالى قارىماققا ئەھمىيىتى يوقتەك تويۇلسىمۇ، بۇ بالىلارنىڭ شەيئىلەر ئۈستىدە ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىشنىڭ ئىپادىسى. ئەتراپىدىكى گۈل–گىياھلاردىن تارتىپ، يىراقتىكى قۇياش، ئايلارغىچە ھەممىسى ئۇلارنىڭ سوئالى ۋە تەسەۋۋۇرىنى قوزغىتىدۇ. ئەمما بەزىدە بالىلارنىڭ سوئالى ھەمىشە ئاتا–ئانىلار تەرىپىدىن سەل قارىلىدۇ.

    ئوغلۇم ئۆزى كۆرگەن مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى. مېھمان بولۇۋاتقان ئىككى كىچىك دوست تېلېۋىزوردا بىر قانالنى كۆرىمىز، دەپ تۇرۇۋاپتۇ، ئەمما كىچىك ساھىپخاننىڭ باشقا قانالنى كۆرگۈسى بار ئىكەن، تالىشىۋېرىپ ئاخىرى دادىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ ‹‹ئۇ ئىككىسى مېنى تېلېۋىزور كۆرگىلى قويمىدى››دەپتۇ. دادىسى ‹‹ئۇلار ئىككى ئادەم، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش كېرەك›› دەپتۇ، بالا ‹‹ نىمىشقا؟ ئەجەبا، ئىككى ئادەمنىڭ شەخسىيەتچى بولۇشى، بىر ئادەمنىڭ شەخسىيەتچى بولۇشىدىن ياخشىمۇ؟›› دەپ سوراپتۇ.

    بالىلارنىڭ يۇقىرىقىدەك سوئاللىرى گەرچە نورمال ئىشتەك تويۇلسىمۇ، بۇ سوئاللار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بالىلارنىڭ سوئالى ئەسلىدىنلا ئەقىل–پاراسەت. بۇ ئەقىل–پاراسەت ئاتا–ئانىلارنىڭ بالىلاردىن توختىماستىن ئۆگىنىشكە، ھەتتا ئۆز–ئۆزىمىزدىن قايتۇرۇپ سورىشىمىزغا موھتاج.

    جاسىللىس: ‹‹بىز دائىم بالىنىڭ ئاغزىدىن پەلسەپە، سىرلارغا تولغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ قالىمىز›› دېگەن. لاۋزىمۇ ‹‹ئەڭ دانىشمەنلەر بالىلاردۇر›› دەپ قارىغان، يەنە بەزىلەر ‹‹بالىلارنىڭ سوئالى ھەتتا دوكتۇرلارنىڭكىدىنمۇ چوڭقۇر›› دەپ قارايدۇ. بالىنىڭ سوئالى بالىنىڭ ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بالىلارنىڭ سوئالى دەل ئۆزىنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسىنىڭ قايتا–قايتا بىرىكىشىدۇر، شۇڭا، ئۇلارنىڭ سوئالى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە بالىلارنىڭ فىزىئولوگىيە ۋە پىسخىكا تەرەققىياتى تېخى تولۇق يېتىلمەيدۇ، تاشقى دۇنياغا بولغان كونترول قىلىش ئىقتىدارىمۇ ئاجىز بولىدۇ، ئۇلارغا نىسبەتەن دۇنيادىكى نەرسىلەر ناتونۇش ھەم سىرلىق. بالىلار ئەتراپىدىكى تەبىئىي مۇھىتنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقىدۇ، تۈگىمەس سوئاللىرى بىلەن نامەلۇم نەرسىلەرنى بېلىشكە تىرىشىدۇ، بىخەتەرلىك ئارزۇسىغا ئىنتىلىدۇ. بالىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشتىن ھېس قىلىپ سورىغان سوئاللىرى ئەتراپىدىكى گۈ –گىياھ، ئىت–مۈشۈك، قۇرت–قوڭغۇزدىن باشلىنىپ، يىراق ئاسمان بوشلوقىغىچە بولىدۇ. شۇڭا، ئاتا–ئانىلار بۇنى مۇھىم تەربىيەلەش باسقۇچى، دەپ قارىشى كېرەك.

    بالىلار بەزىدە ئىنتايىن كۈلكىلىك، ھەتتا جاۋاب بەرگىلىمۇ بولمايدىغان سوئاللارنى سورايدۇ، بۇ ۋاقىتتا مەسخىرە قىلىپ كۈلۈش، ئەپلەپ–سەپلەپ جاۋاب بېرىش ياكى سىلكىۋېتىش بالىغا يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار بالىنىڭ سوئالىغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىش لازىم. ئەستايىدىل جاۋاب بالىنىڭ تاشقى دۇنياغا بولغان ئىزدىنىشىنى، قىزىقىشىنى قوزغايدۇ ۋە بالىنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>