ئاتا-ئانىسىنى خورلىغان ۋاپاسىز ئوغۇل
ئاتا-ئانىسىنى خورلىغان ۋاپاسىز ئوغۇل
قانۇنغا مۇراجەت قىلىش
ھەسەن بىلەن پاتەمخانلار 70 ياشقا ياماشتى. بۇ دەل ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى تەرىپىدىن ياخشى كۈتىۋېلىنىپ، ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىنى راھەت-پاراغەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ، پەرزەنتلىرىگە ئىنساپ ۋە بەخت تىلەپ خاتىرجەم ياشايدىغان چاغلىرى ئىدى، ئەپسۇس بۇ خىل بەخت ۋە خاتىرجەملىك ئۇلارغا نىسىپ بولمىدى.«چوڭ بولغاندا بىزنى باقار، ھالىمىزدىن خەۋەر ئالار» دەپ مىڭ بىر جاپا مۇشەققەت، ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن چوڭ قىلغان ۋاپاسىز ئوغلى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم خورلاندى، ھاقارەتلەندى...، ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان ئازاپلارغا مۇپتىلا بولدى. ئۆز پەرزەنتى تەرىپىدىن شۇنچە خورلۇق ۋە دىشىرۋاچىلىققا ئۇچرىغان بۇ ئەر-خوتۇنلار ئامالسىزلىقتىن قانۇننىڭ دەرۋازىسىنى چېكىشكە، قانۇن ئارقىلىق ئۆزلىرىنى قوغداشقا، قانۇننىڭ ئۆزلىرىنى خاتىرجەملىككە ئىگە قىلىدىغان قورال ئىكەنلىكىنى ۋاپاسىز ئوغلىغا تونىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولۇشتى. ھەسەن بىلەن پاتەمخانلارنىڭ بايانىغا ئاساسەن، ئاتۇش شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى 24–ئۆكتەبىر جاۋاپكار ئالىمنى ئاتا-ئانىسىنى خورلاش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ قاراپ بىۋاستە قولغا ئالدى.
خورلانغان بوۋاي-مومايلار
- ھەي ئاغىنىلەر، چىرايلىق مېڭىشىپسىلەر، سەپىرىڭلار قاياققا بولدى، بىرەر يەردە ئولتۇرۇش-باراۋەت قىلمايدىغانسىلەر؟دىدى ئىشىك ئالدىدىكى ئوڭغۇل-دوڭغۇل يەرلەرنى تۈزلەۋاتقان ئەركىن يولدا قاتارلىشىپ كېتىۋاتقان تەڭتۈشلىرىغا قاراپ:
- ھەي، سېنىڭ تېخى خەۋرىڭ يوقما؟ بۈگۈن ئاتۇش شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەلىرى كەنت ئاھالىلەر كومېتىتىدا ئالىمنىڭ ئاتا-ئانىسىنى خورلىغانلىقى توغرىسىدا سەييارە سوت ئاچىدىكەن، شۇ يەرگە ماڭدۇق.
- ھە شۇنداقمۇ؟ ئالىمنىڭمۇ قانۇننىڭ جازاسىنى تارتىدىغان ۋاقتى كېلىدىكەن-ھە؟ بىچارە ھەسەنكام بىلەن پاتەمخان ئاچاملار ئالىمنىڭ خورلاشلىرىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ قۇتۇلىدىغان بوپتۇ، سىلەر ماڭغاچ تۇرۇڭلار، مەنمۇ قولۇمدىكى ئىشنى تۈگىتىپلا كەينىڭلاردىن يېتىشىمەن.
ئالىمنىڭ ئاتا-ئانىسىنى خورلىغانلىق توغرىسىدىكى سەييارە سوتنىڭ كەنت يىغىن زالىدا ئېچىلدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئۇرۇق-تۇققان، قوشنا قۇلۇملاردىن سىرت كەنت ئاھالىلىرىدىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى سەھەردىلا كەنتنىڭ يىغىن زالىغا يىغىلىپ بولۇشقان ئىدى .
سەييارە سوتنىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشقان بىۋاستە دەۋا قىلغۇچى ھەسەن بوۋاي بىلەن پاتەمخان مومايلار بىر تەرەپتىن زال ئىچىدىكىلەرگە خىجىللىق ئىچىدە يەر تېگىدىن قارىسا بىر تەرەپتىن جاۋاپكار ئورنىدا ئولتۇرغان ۋاپاسىز ئوغلىغا نەپرەت بىلەن قاراپ ئولتۇراتتى .
سودىيە سەييارە سوتنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن ھەسەن بوۋاي كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغىنىچە ئوغلى ئالىمنىڭ ئۆزلىرىنى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان قىلغان-ئەتكەن، خورلىغان قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەن ئازاپلىق كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىشقا كىرىشتى.
- بۇ دۇنيالىقتا ئۈچ ئوغۇلغا ئاتا-ئانا بولۇپتۇق، ئەر–خوتۇن ئىككىمىز تىرىشىپ–تىرمىشىپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈش بىلەن پەرزەنىتلەرنىمۇ ئەتراپلىق تەربىيەلىدۇق، ئوغۇللارمۇ كەينى-كەينىدىن چوڭ بولۇشۇپ، ئىڭەككە تاقاشتى. شۇنداق قىلىپ تاپقان-تەرگەنلىرىمىز بىلەن ئۈچ ئوغۇلنىڭ بېشىنىمۇ تېنچ-ئامان ئوڭشاپ، ئۆي ئوچاقلىقمۇ قىلىۋالدۇق، ئەمما ئوتتۇرانچى ئوغلىمىز ئالىمنىڭ نىكاھتىن تەلىيى كەلمىدى بولغاي ، ئۈچ قېتىم تويىنى قىلغان بولساقمۇ، ھەر قېتىملىق تويى ئاجرىشىش بىلەنلا ئاخىرلاشتى. نىكاھتا پەشۋا يەپ، تۇرمۇشتىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن پەرزەنتىم ئالىم شۇ كۈندىن باشلاپلا كەنتىمىزدىكى بىكار تەلەت بالىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، كۈندۈزلىرى ھاراق ئىچىپ بېشى قايغان، پۇتى تايغان يەرلەردە ئويناپ يۈرسە، كېچىلىرى مەست ھالەتتە ئۆيگە كېلىپ، ئەر-خوتۇن ئىككىمىزنى ئۇخلاتماي سەۋەپسىز، ئۇرۇپ-تىللاپ، خورلايدىغان بولىۋالدى. نىكاھتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاچقىمىكىن، دەسلەپتە ئۇنىڭ قىلغانلىرى كۆزىمىزگە كۆرۈنمەي بۈگۈن ئوڭشىلىپ قالار، ئەتە ئوڭشىلىپ قالار دەپ بىر قانچە يىلنىمۇ ئۆتكۈزدۇق، ئەمما ئالىمدا ئۆزگىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ، بۈگۈنى پۇل بەر دەپ جار سالسا، ئەتىسى ئۆيدىكى پۇلغا يارايدىغان نەرسىلەرنى تۇيدۇرماستىن سېتىپ خەجلەيدىغانمۇ بولىۋالدى. ئەر-خوتۇن ئىككىمىز ئۇنىڭغا كۆپ قېتىم تەربىيە قىلغان بولساقمۇ، ئۈنۈمى بولمىدى. ئىككەيلەن ئۇنىڭ تىل ئاھانىتى، تاياق-توقماقلىرى ۋە توختاۋسىز خورلاشلىرىغا چىدىماي، يۇرتىمىزدىن چىقىپ كېتىپ، ئۇنىڭدىن مەلۇم مەزگىل بولسىمۇ قۇتۇلۇشنى ئويلاشتۇق، ھەم 2005–يىلنىڭ باشلىرىدا بۆرتالاغا چىقىپ شۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدۇق. ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندە كەنجى ئوغلىمىز قەيسەرنىڭ ئۆلۈم خەۋرى كەلدى. ئەر–خوتۇن ئىككىمىز يۇرتقا قايتىپ، ئوغلىمىز قەيسەرنىڭ نەزىر-چىراقلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن كىچىك كېلىنىمىز، نەۋرىلىرىمىز بىلەن چوڭ ئۆيدە بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدۇق، گەرچە ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئالىمنىڭ خۇيى تېخىچە ئۆزگەرمىگەن ئىكەن. ئالىم كۈندە دىگۈدەك ھاراق ئىچىپ كىرىپ بىز بىلەن ئۇرۇشقاننى ئاز دەپ، يەڭگىسى ھەم ئۇنىڭ باللىرىغىمۇ ئازار بېرىپ تۇردى. 2012–يىلى كىرگەندىن بۇيان ئالىم تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ ئەر–خوتۇن ئىككىمىزنى داۋاملىق ئۇرۇپ-تىللاپ خورلايدىغان بولىۋالدى، گەرچە ئۇ بىزنى شۇنچە خورلىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇ بىزنىڭ يۈرەك پارىمىز بولغاچقا دەردىمىزنى ئىچىمىزگە يۈتۈپ كۈن ئۆتكۈزدۇق. 4–ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى بولسا كېرەك، ئالىم مەست ھالاتتە ئۆيگە كىردى- دە، سەۋەپسىزلا بىزنى يەنە ئۇرۇپ خورلاشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز كۆتۈرۈلگەن قىيا-چىيالاردىن خەۋەر تاپقان قولۇم-قوشنا، مەھەللە ئاقساقاللىرى ئۆيگە كىرىپ ئالىمغا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، ئالىم ئۇلارنىڭ نەسىھەتىگە قۇلاق سېلىپمۇ قويمىدى. شۇنداق قىلىپ بۇنداق خورلاشلار پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى، بىز ئامالسىز بۇ ئەھۋاللارنى كەنت كادىرلىرى، يېزىلىق ساقچىخانىدىكى خادىملارغىمۇ ئېيىتتۇق، ئۇلار ئالىمغا كۆپ قېتىم تەربىيە قىلدى، ئەمما ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرى ئالىمنىڭ بۇ قۇلىغىدىن كىرىپ يەنە بىر قۇلىقىدىن چىقىپ كەتتى، بوۋاي كۆز ياشلىرىنى سۈرتۇپ، تىترەك ئاۋازى بىلەن سۆزىنى بايان قىلىشقا باشلىدى:
- 8- ئۆكتەبىر كۈنى ئىدى، ھويلىدا ئولتۇرۇپ چارۋىلارغا شاخ توغراۋاتاتتىم، ئالىم مەست ھالدا ھويلىغا كىرىپ، نەۋرىلىرىمنى قورقاتقىلى تۇردى، مەن ئالىمنىڭ پەيلىدىن قورقۇپ، ئۇنى ئۆيگە كىرىپ ئارام ئېلىشنى ئېيتقان بولساممۇ، ئالىم ماڭا ۋارقىرغىنىچە يەنە ئۆزىنىڭ سەنىمىگە دەسسىگىلى تۇردى، بۇ چاغدا چوڭ ئوغلۇم نىجات:‹ دادامغا نىمانداق ھۆرمەتسىزلىك قىلىسەن› دىگىنىچە ئالىم بىلەن جىدەللىشىپ قالدى، قوشنىلار يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلىفۇن ئۇرغان بولسا كېرەك، ساقچىلار شۇ ھامانلا ئۆيگە كېلىپ، ئالىمنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كەتتى. ساقچىلار ئالىمغا بىرمۇنچە تەربىيە قىلغاندىن كېيىن ئۇنى شۇ كۈنىلا قويۇپ بەردى. كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ بىردەم ئارام ئېلىش ئۈچۈن يېتىۋىدىم، ئالىم تۇيۇقسىزلا كېلىپ گېلىمنى بوغۇپ ئۇرۇشقا باشلىدى. پاتەمخان قورقۇپ كېتىپ، قولۇم-قوشنىلارنى باشلاپ ئەكىرگەن بولسىمۇ، ئالىم قوشنىلارنىڭ توسۇشلىرىغا قارىماي، كەتمەننىڭ چولدىسى بىلەن مېنى ئۇرۇپ يارلاندۇردى.....
زال ئىچى ئىنتايىن تىمتاس بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ دىققىتى ھەسەن بوۋاينىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ئاچچىق كەچۈرمىشلەردە ئىدى، ئولتۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىشسا، بەزىلىرى ياقىلىرىنى تۇتىشىپ، جاۋاپكار ئورنىدا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇرغان ئالىمغا نەپرەت ئوقىماقتا ئىدى.
ھەسەن بوۋاي بىر ئاز توختىۋېلىپ ئېغىر ئۇھسىنغان ھالدا سۆزىنى داۋام قىلدى:
- ئىشقىلىپ سەككىز ئون يىلدىن بۇيان ئوغلۇم ئالىمنىڭ ئەر –خوتۇن ئىككىمىزنى خورلىغان ۋەھشىيانە قىلمىشلىرى توختاپ قالغىنى يوق، بۇ جەرياندا بىر كۈنمۇ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەلمىدۇق، يېشىمىز 70 كە يېقىنلاشتى، شۇڭا قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ بىزدەك ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق –مەنپەئەتىنى قوغداپ. ئوغلىمىز ئالىمنى قانۇن بويىچە جازالاپ، ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزىشىمىزگە كاپالەتلىك قىلسا» دەپ ئالىم ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى .
جاۋاپكار ئورنىدا ئولتۇرغان ئالىم :«ئاتا-ئانام مېنى ئۆيدىكى مال-مۈلۈكلەرنى سېتىۋەتتى دەپتۇ، مەن نىمىنى سېتىپتىمەن، ماڭا دەپ بەرسۇن، مېنى ئۇلار قاتىللىق قۇرالى بىلەن ئۇردى دىدى ، بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسى يالغان » دەپ ئىقرار قىلدى ۋە ئۆزىنى ئاقلىدى .
جىنايى جازا
ئاتۇش شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن جاۋاپكار ئالىمنىڭ قىلمىشىدىن خورلاش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ دەلىل-ئىسپات پاكىتى تولۇق، جاۋاپكار كۆپ قېتىم ئاتا-ئانىسىنى ھاقارەتلەپ، ئۇرۇپ تىللاپ خورلىغان، يۇرت –جامائەت ھەم ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى كادىرلار تەربىيە قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ نەسىھەتىنى ئاڭلىمىغان، يېزىلىق ساقچىخانىدىكى خادىملارمۇ كۆپ قېتىم تەربىيە قىلغان بولسىمۇ، ئالىم داۋاملىق ھاراق ئىچىپ ئاتا-ئانىسىنى خورلاپ جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغان، ئاتا-ئانىلىرىغا ئارامچىلىق بەرمەي، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزگەن، جاۋاپكارنىڭ سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ئادەتتىكىچە دەپ قاراپ ، 12 –نويابىر سوت ئېچىپ، جاۋاپكار ئالىمغا خورلاش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك بىر يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى .
ئەسكەرتىش : كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى
( ئاپتورلار : قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈم ۋە ئاتۇش شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىدىن )
()
«ئاتا-ئانىسىنى خورلىغان ۋاپاسىز ئوغۇل»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر:بالا تەربىيەلەشتە ئاتا–ئانىلار تۇنجى جاۋابكار
- . بالا تەربىيەلەشتە ئاتا–ئانىلار تۇنجى ج
- . ئاتا-ئانىسىنى خورلىغان ۋاپاسىز ئوغۇل
- . تەنقىد–تەربىيە لايىقىدا بولغىنى تۈزۈك
- . بالىڭىزنىڭ سوئالىغا سەل قارىماڭ
- . پەرزەنتلەرگە قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى
- . ئائىلە تەربىيەسى گەپ ئاڭلىتىش تەربىيەس
- . ئائىلە ۋە ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى
- . بالىلار تەربىيەسىدە بۆشۈكنىڭ رولى
- . پەرزەنتىڭىزگە كىتاب ئوقۇپ بېرىڭ
- . بالىڭىز بىلەن سىردىشىپ باقتىڭىزمۇ؟
- . بالىلار تەربىيەسىدە بۆشۈكنىڭ رولى
- . ئانىنىڭ كۆيۈمچانلىقى بالىنى تېخىمۇ ئەق
- . ئائىلە تەربىيەسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
- . ھامىلدار ئاياللار تاماكا چەكسە،نەۋرىسى
- . بالىڭىز سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە
- . ئائىلە تەربىيىسىدىكى 100 خىل ئۇسول
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . بالا تەربىيەلەشتە ئاتا–ئانىلار تۇنجى ج
- . ئاتا-ئانىسىنى خورلىغان ۋاپاسىز ئوغۇل
- . تەنقىد–تەربىيە لايىقىدا بولغىنى تۈزۈك
- . بالىڭىزنىڭ سوئالىغا سەل قارىماڭ
- . پەرزەنتلەرگە قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى
- . ئائىلە تەربىيەسى گەپ ئاڭلىتىش تەربىيەس
- . ئائىلە ۋە ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى
- . بالىلار تەربىيەسىدە بۆشۈكنىڭ رولى
- . پەرزەنتىڭىزگە كىتاب ئوقۇپ بېرىڭ
- . بالىڭىز بىلەن سىردىشىپ باقتىڭىزمۇ؟
- . بالىڭىزنىڭ سوئالىغا سەل قارىماڭ
- . ئائىلە تەربىيەسى گەپ ئاڭلىتىش تەربىيەس
- . ئائىلە ۋە ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى
- . پەرزەنتىڭىزگە كىتاب ئوقۇپ بېرىڭ
- . ئائىلە تەربىيەسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
- . بالىنىڭ تاللىشى
- . رىغبەتلەندۈرۈش–بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈ
- . ئاتا-ئانامنى يەنە قانچە قېتىم كۆرەلەيمە
- . جۇڭگولۇق ئانىلار بىلەن غەرپ دۆلەتلىرىد
- . گېرمانىيەلىكلەر بالىلاردا ياخشى ئادەتن
- . بالىغا ئالتە ئادەتنى ئۈگىتىڭ
- . پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 10 خىل سەۋەن
- . بېسىمى ئېغىر ئاياللارنىڭ قىز تۇغۇش ئېھت
- . بالىلار يەتتە ئادەت، ئاتا-ئانىلار تۆت ئ
- . بالىلارنى ئۇرمايمۇ تەربىيىلىگىلى
- . ياخشى ئانىنىڭ ئۆلچىمى
- . بالىلار نەدە ئۇخلايدۇ؟
- . بالىلار قانداق ئائىلىنى ياخشى كۆر
- . ئاتا بولغۇچى قانداق پەزىلەتلەرنى ھازىر
- . بالىڭىز سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە