يېڭى قىزىق نۇقتا :
بوۋاقلارغا تاۋۇزنى
بوۋىقىڭىزنىڭ سۈت پار
بالىلار كۆپ ئىستېمال
بوۋاقلارغا كالتسىي ت
تاۋۇز ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ھەم ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدىغان ياخشى مېۋە بولغاچقا يازدا كۆپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. لېكىن بۇمۇ لايىقىدا بولمىسا بوۋاققا نىسبەتەن زىيانلىق. چۈنكى بوۋاقلارغا تاۋۇزنى كۆپ بېرىۋەتسە ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغاچقا ئېغىر دەرىجىدىكى ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدا سۇسىزلىنىش، كىسلاتادىن زەھەرلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئېغىرراق بولغاندا ھاياتىغىمۇ خەۋپ يېتىشى مۇمكىن. بوۋاقنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالغاندا تاۋۇز بېرىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.
ئۇندىن باشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر تەرەپ شۇكى ، بوۋاققا تاۋۇز بەرگەندە چوقۇم ئۇرۇقىنى چىقىرىۋېتىپ بېرىش كېرەك. ئەگەر بوۋاق تاۋۇز ئۇرۇقىنى يۈتىۋالسا ئىچى قېتىپ قالىدۇ، نەپەسلىنىش نەيچىسىگە كىرىپ كەتسە تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ .