ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بوۋاقلارغا تاۋۇزنى بوۋىقىڭىزنىڭ سۈت پار بالىلار كۆپ ئىستېمال بوۋاقلارغا كالتسىي ت

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 0-6ياشقىچە > يېمەكلىك > تولۇق مەزمۇنى

كالا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارنىڭ ئىچى نىمە ئۈچۈن ئاسان قېتىۋالىدۇ؟

ۋاقىت : 2013-07-10 00:54 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

كالا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارنىڭ ئىچى نىمە ئۈچۈن ئاسان قېتىۋالىدۇ؟

كالا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارنىڭ ئىچى نىمە ئۈچۈن ئاسان قېتىۋالىدۇ؟

  كالا سۈتى بىلەن باققان بوۋاقلارنىڭ ئىچىنىڭ قىتىۋېلىشى ، كالا سۈتى تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىب بىلەن مۇناسىۋەتلىك . كالا سۈتىدە ئاقسىل كۆپ بولۇپ ، ئاسان ئۇيۇشۇېلىپ ھەزىم بولمايدۇ . شۇڭا ھەزىم قىلىش ئۈچۈن ، كۆپ مىقداردىكى سۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ .

   كالا سۈتىدە مېنىرال ماددىلار كۆپ بولۇپ ، كالىينىڭ مىقدارى ئادەم سۈتىنىڭ تەركىبىدىكىگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە كۆپ . شۇڭا كالا سۈتى ئېمىدىغان بوۋاقلارنىڭ قېنىدا كالىي مىقدارى يۇقىرى . بۆرەك ئاقسىللىق ماددىنى ئالماشتۇرۇپ كالىينى ئاجرىتىپ چىقارغاندا كۆپ مىقداردىكى سۇنىمۇ چىقىرىدۇ . شۇڭا كالا سۈتىدىكى كالتىسي ، فوسفورلار ئاقسىل بىلەن بېرىكىپ ئاسانلا قېتىۋالىدۇ–دە چوڭ تەرەتنى قۇرغاق قىلىۋېتىدۇ . بوۋاقلارنىڭ ئىچى قېتىۋالغاندا كالا سۈتىگە گۈرۈچ گۈرۈچ شورپىسى قوشۇپ بەرسە تەرەتنى يۇمشىتىدۇ . %5 لىك ھەسەل سۈيىنى كۆپرەك ئىچكۈزۈش ياكى ئىككى قېتىملىق ئېمىتىش ئارىلىقىدا سوۋۇتۇلغان قايناق سۇنى ئىچكۈزسە چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىدۇ .

   ئىككى ئايلىقتىن ئاشقان بوۋاقلارغا كۆكتات شورپىسى ، يېڭى ئاپلېسىن شىرنىسى ياكى باشقا مېۋە شىرنىلىرىنى كۆپەيتىپ بېرىش كېرەك . ماش سۈيى ، ئالما سۈيى ، بانان سۈيى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە نول ۋېتامىن بولغاچقا بۇلارنى بوۋاقلارغا بەرگەندە ئۈچەي ھەرىكىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ ، ئىچى قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

   ئەگەر يۇقىرىقى ئاماللار كار قىلمىسا ، يۈز سوپۇنىنى زەيتۇن شەكلىدە كېسىپ ، مەقئەت ئېغىزىغا قويسا تەرەت راۋانلىشىدۇ .

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار