ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىڭىزدا ئادەت خارا كىچىك بالىلار يالاڭ بالىلار چۈشتە ياخشى ھۆل قەغەز بالىلارغا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 0-6ياشقىچە > ساۋات > تولۇق مەزمۇنى

بوۋىقىڭىزنى خالىغانچە ئۇپىلىماڭ

ۋاقىت : 2013-06-05 17:26 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 


بوۋىقىڭىزنى خالىغانچە ئۇپىلىماڭ

بوۋىقىڭىزنى خالىغانچە ئۇپىلىماڭ

يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە بوۋاقلار تەرلەپ كېتىدۇ ، بۇ چاغدا نۇرغۇن ئاتا – ئانا بوۋاقنى ئۇپىلايدۇ ، ئەمما بالىلار كېسەللىك مۇتەخەسسىسلىرى ئۇپىنى مۇۋاپىق ئىشلەتمىگەندە ، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يىتىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى .

   چۈنكى ئۇپىنىڭ تەركىبىدە تالىك پاراشوكى بولۇپ ، ئەگەر مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتسە ، تالىك پاراشوكى كېكىردەكنىڭ سىرتقى قەۋىتىدە ئاجرىلىپ چىققان نەرسىلەر بىلەن قېتىشىپ ، كاناي توكچىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى بۇزىدۇ ، ھەتتا كاناي توسۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا پەقەت ستېروئىد تۈرىدىكى دورىلارنى ئىشلىتىپ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىش كېرەك . شۇڭا ئاتا – ئانىلار ئۇپا ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك :

   ئۇپىنى بالىلاردىن يىراق تۇتۇش ، ئىشلەتكەندە مۇۋاپىق مىقداردا ، ئاستا –ئاستا ئۇپىلاش ، توزۇتىۋەتمەسلىك كېرەك . ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاغزىنى ھىم ئېتىپ ساقلاش ، بالىلارغا بەرمەسلىك كېرەك . ئۇپىلىغاندا مىقدارىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك .

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار