ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىڭىزدا ئادەت خارا كىچىك بالىلار يالاڭ بالىلار چۈشتە ياخشى ھۆل قەغەز بالىلارغا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 0-6ياشقىچە > ساۋات > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارغا بەش ياشتىن بۇرۇن خەت يېزىشنى ئۆگەتمىگەن تۈزۈك

ۋاقىت : 2013-04-03 12:50 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
بالىلارغا بەش ياشتىن بۇرۇن خەت يېزىشنى ئۆگەتمىگەن تۈزۈك

بالىلارغا بەش ياشتىن بۇرۇن خەت يېزىشنى ئۆگەتمىگەن تۈزۈك

ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ دەسلىپىدىلا ئاساسىنى پۇختىلاش ئۈچۈن ئىككى، ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپلا خەت يېزىشنى ئۆگىتىشنى باشلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش خاتا.

ئادەتتە بىز بالىلارغا بەش ياشتىن بۇرۇن خەت يېزىشنى ئۆگىتىشنى توغرا، دەپ قارىمايمىز. چۈنكى بەش ياشتىن بۇرۇن بالىنىڭ كىچىك مۇسكۇللىرى تېخى تولۇق تەرەققىي قىلمىغان، يېتىلىۋاتقان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قارىغۇلارچە بالىلارغا قەلەم تۇتقۇزغاندا، ئۇلارنىڭ قولىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ سۆڭىكىمۇ بۇنداق ھەرىكەتنى كۆتۈرەلمەيدۇ. قولىنىڭ كۈچىمۇ يېتىشمەيدۇ ھەم ئۇلارنىڭ قەلەم تۇتۇش قىياپىتىمۇ دۇرۇس بولماي قالىدۇ. بۇنداق ناچار ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالسا، تۈزىتىش تەس بولىدۇ.

بالا بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ماي بوياق قەلەم بىلەن جىجاشنى ئۆگەتسە بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ كىچىك مۇسكۇللىرىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق. تۆت ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭغا سۇ بوياق قەلەم ئىشلىتىشنى ئۆگەتسە مۇۋاپىق. بۇ چاغدا بالىغا قەلەم تۇتۇشنى تەكىتلەپ، بەش ياشقا توشقاندا قولىغا قەلەم ئېلىپ خەت يېزىشىغا ئاساس سالسا بولىدۇ.

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار