يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىڭىزدا ئادەت خارا
كىچىك بالىلار يالاڭ
بالىلار چۈشتە ياخشى
ھۆل قەغەز بالىلارغا
بوۋىقىڭىزنىڭ سوسكىسىنى دائىم دېزىنفېكسىيە قىلىڭ
كالا سۈتى ئاسان بۇزۇلىدۇ. بوۋاق سوسكىدىكى سۈتنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن سوسكىنىڭ ئاستى، ئېغىزى قاتارلىق ئورۇنلىرىدا دائىم سۈت دېغى قالىدۇ. بۇ سۈت دېغىنى پاكىز يۇيۇپ چىقىرىۋېتىش قىيىنراق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئوڭايلا باكتېرىيە پەيدا بولىدۇ. ئەگەر بۇ باكتېرىيەنى ۋاقتىدا تازىلاپ چىقىرىۋەتمىسىڭىز، بوۋىقىڭىزنىڭ ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەگەر بوۋاق بالىڭىز بولسا سوسكىدىن بىر نەچچىنى تەييارلاڭ، ئامال بار تۈز سوسكا سېتىۋېلىڭ. سوسكىنى بازاردىن ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن داغلانغان يىڭنە بىلەن ئېغىزىدىكى ئېمىزگىنى تېشىڭ، تۆشۈكنىڭ چوڭ–كىچىكلىكى سۈت تېمىپ چۈشەلىگۈدەك بولسۇن.
ھەر كۈنى ئىشلىتىلگەن سوسكىلارنى يىغىپ، ئىچىنى چوتكا بىلەن پاكىز يۇيۇڭ. ئاندىن سوسكىنى چوڭراق ئاليۇمىن كورىغا سېلىپ، كورىغا سوسكا چۆكمىگۈدەك سۇ قۇيۇڭ. كورىنى ئوچاققا ئېسىپ، سۇ قاينىغاندىن كېيىن سوسكىنىڭ ئېغىزىدىكى ئېمىزگىسىنى سۇغا سېلىپ، 3 ~ 5 مىنۇت قايناتسىڭىز مىكروپ ئۆلىدۇ.
بوۋىقىڭىزغا سۈت بېرىشتىن بۇرۇن كورىدىن سوسكا ۋە ئېمىزگىنى پاكىز چوكا بىلەن ئېلىپ ئاندىن ئىشلىتىڭ. بوۋاق سۈتنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن سوسكىنى يەنە دېزىنفېكسىيە قىلىپ داۋاملىق ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.