يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىلارنىڭ ئۆزىنى كو
ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى
بالىلارنى قورقۇتۇش ئ
ئەقلىي ئىقتىدارلىق ي
مىلاقىز بەكرى
يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان ئاتا – ئانىلار يىغىنىغا قاتناشتىم. يىغىندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يان تېلېفونغا ھېرىسمەن بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى مۇھىم مەسىلە قىلىپ سۆزلەندى.
مۇئەللىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈچ ئايدا دەرس ۋاقتىدا تېلېفون ئويناپ ئولتۇرغان 25 ئوقۇغۇچىنىڭ يان تېلېفونى يىغىۋېلىنىپتۇ. بىراق، بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئاتا – ئانىلار مۇئەللىمگە تېلېفون قىلىپ، بالىلىرىنىڭ تېلېفونلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ. مۇئەللىم ئۇلارغا بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ۋاقتىدا يان تېلېفون ئويناپ ئولتۇرغانلىقىنى، بۇ ئىش داۋاملىشىۋەرسە بالىلارنى باشقۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار يەنىلا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىپ مۇئەللىم ئۈستىدىن ئەرز قىپتۇ. ئۇنداقتا، ئوقۇغۇچىلار يان تېلېفون ئىشلەتسە بولامدۇ؟ يېقىندا، مەن بۇ ھەقتە بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار، جەمئىيەت ئەربابلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلدىم.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹يان تېلېفون مەستانىسى›› بولۇپ قېلىشىغا سەل قارىمايلى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يالقۇن تىللايوف مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ يان تېلېفون مەستانىسى بولۇپ قېلىشى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. ئادەتتە بالىلارنىڭ مەكتەپكە كېلىپ – كېتىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇلار كۈندۈزى سەككىز سائەت مەكتەپتە، قالغان ۋاقىتتا ئۆيدە بولىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن ئاتا – ئانىلارنىڭ بالامدا يان تېلېفون يوق، دەپ ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئاتا – ئانىلار بالىلارغا ئامراقلىق قىلىپ يان تېلېفون ئېلىپ بەرگەن بىلەن، ئۇلار يان تېلېفون ئارقىلىق ئاتا – ئانىلارغا ئويلىمىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ رايىغا بېقىپ، ئۇلارغا داڭلىق يان تېلېفونلارنى ئېلىپ بېرىشى ئەمەلىيەتتە بالىلارغا قىلىنغان مەسئۇلىيەتسىزلىك. چۈنكى، يان تېلېفون ئارقىلىق ھەر قانداق ئۇچۇرنى كۆرگىلى بولىدۇ، بالىلارنىڭ يېشىغا ماس كەلمىگەن بۇ ئۇچۇرلار ئۇلارنىڭ كاللىسىنى تېز غىدىقلايدۇ ھەم قىزىقىشىنى قوزغايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىلار ئۆگىنىشكە قىزىقماي، سىرتقى دۇنياغا ھەۋەس قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاتا – ئانىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنۈشىدىن يامان يولغا مېڭىپ قالغان ھەم ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا ئارتۇقچە ئىشىنىپ كەتكەچكە، بالىلىرىنىڭ جىنايەت يولىغا قەدەم قويغانلىقىنىمۇ سەزمىگەن. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ يان تېلېفون مەستانىسى بولۇپ قېلىشىغا سەل قارىماي، ۋاقتىدا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قويغان تەلىپىگە ماسلىشىشى كېرەك.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى گۈلفىرە مۇنداق دېدى: يان تېلېفون ئىشلىتىۋاتقىنىمغا ئالتە يىلدىن ئاشتى، يان تېلېفوننى يېقىن دوستۇم دېسەممۇ بولىدۇ، بۇنىڭدىن نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى كۆرەلەيمەن، ناخشا ئاڭلايمەن، كىنو كۆرىمەن، يان تېلېفوندىن بىر كۈن ئايرىلسام بىئارام بولىمەن.
ئوقۇغۇچىلار يان تېلېفون تۇتماسلىقى كېرەك
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 38 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىسى قەلبىنۇر مۇنداق دېدى: مېنىڭچە كۆپ قىسىم ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇلارغا يان تېلېفون ئېلىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يان تېلېفون ئىشلىتىش مودا بولۇپ كەتتى. يان تېلېفون بىر قىسىم بالىلىرىمىزنى ئەمەلىيەتتىن، چىنلىقتىن، راستچىللىقتىن، مېھىر – مۇھەببەتتىن يىراق قىلىپ، چېچىلاڭغۇ، كەمسۆز، شەخسىيەتچى بالىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ھازىر، بالىلىرىمىز بىز بىلەن مۇڭداشماي يان تېلېفون بىلەن سىردىشىدۇ، ئۆگىنىشكە ئانچە قىزىقماي يان تېلېفوندىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقىدۇ. مېنىڭچە ئوقۇغۇچىلار يان تېلېفون ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا بالىلار دىققىتىنى يىغىپ ئۆگىنىش قىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتالايدۇ .
ئوقۇغۇچى لەيلى مۇنداق دېدى: مەن يان تېلېفونۇمنى ئۆزلۈكىمدىن دادامغا تاپشۇرۇپ بەردىم. چۈنكى، چارەكلىك ئىمتىھان نەتىجەم ئويلىغىنىمدىنمۇ تۆۋەن چىقىپتۇ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبنى يان تېلېفوندىن كۆردۈم. ئادەتتە كەچتە ئۆگىنىش قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا ساۋاقداشلار توپى قىزىپ كېتىدۇ، مەنمۇ ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئارىلىشىپ بىرەر يېرىم سائەت سۆزلىشىمەن، ئاندىن قولۇمغا كىتاب ئالساممۇ خىيالىمغا يەنىلا توپتىكى بالىلارنىڭ سۆزلىرى كىرىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۈندىلىك تاپشۇرۇقنى ئىشلەپلا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى تەكرار قىلىشقا ئانچە ئەھمىيەت بەرمەپتىمەن، ئەمدى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىچە يان تېلېفون تۇتمايمەن.
دۆلەتلىك 2 – دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى ئاسىيە ھېكىم مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتى بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدا ئەڭ تېز ئۆزگىرىش ياسايدىغان مەزگىل بولغاچقا، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىدىكى ئۆزگىرىشنى سېزىشكە، بالىلىرىنى ئىلمىي، توغرا ئۆگىنىش يولىغا يېتەكلەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. بالىلار دەل مۇشۇ يېشىدا يان تېلېفون ئىشلەتسە، ئۇلاردىكى زۆرۈر بولمىغان ئالاقىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، بالىلىرىنى تورخانىلاردىن، قاۋاقخانىلاردىن ئەكىلەلمەيۋاتقان ئاتا – ئانىلار ئاز ئەمەس. نۆۋەتتە، بالىلارنى تورخانىدىن، يان تېلېفوندىن قانداق يىراقلاشتۇرۇش جەمئىيەتنىڭ، مەكتەپنىڭ، بولۇپمۇ ئاتا – ئانىلارنىڭ جىددىي ئويلىشىشىغا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا قارىتا ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۇچراشتۇرۇشى، بىر ئائىلە كىشىلىرى كۆپرەك بىللە بولۇپ، ئۇلارغا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى، جەمئىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئىمام مۇنداق دېدى: يان تېلېفون بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن زىيانلىق. ياشلار – ئۆسمۈرلەر يان تېلېفون ئىشلەتكەندە ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسى قوبۇل قىلغان رادىئاتسىيە چوڭلارغا قارىغاندا %50 يۇقىرى بولىدۇ. يان تېلېفون رادىئاتسىيەسى ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزۈپ، بالىلاردا باش ئاغرىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، ئۇيقۇسىزلىق، چېچىلاڭغۇلۇق كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.