يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىلارنىڭ ئۆزىنى كو
ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى
بالىلارنى قورقۇتۇش ئ
ئەقلىي ئىقتىدارلىق ي
ئېزىزگۈل ئابدۇكېرىم
ئالىي مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى ئاخىرلاشتى، بەزى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىمتىھاندىن ئەنسىرەش ۋە جىددىيلىشىش كەيپىياتىمۇ بېسىلدى.
پىسخىكا ئىلمى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىكىسى تازا پىشىپ يېتىلمىگەن، بەزى شەيئىلەرگە بولغان تونۇشىمۇ يۈزەكى بولۇپ، ئىمتىھان بېسىمى ئالدىدا ئازراق جىددىيلىك ۋە ئەندىشىنىڭ كۆرۈلۈشى تەبىئىي ئەھۋال. لېكىن مەكتەپ بىلەن ئائىلە باشلىقلىرى ئىمتىھاندىن ئىلگىرىكى پىسخىك يېتەكچىلىكى قىلمىسا، بەزى ئوقۇغۇچىلاردا خاراكتېر ھەم بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن زىيادە ئەنسىرەش ۋە قاتتىق قورقۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
شۇڭا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مەكتەپ بىلەن ئائىلە باشلىقلىرى ئاۋۋال ‹‹توغرا پىسخىك تەربىيە›› ئىشلىشى كېرەك. بالىلارغا ۋاقتىدا قىلىنغان پىسخىك ‹‹ياردەم›› ئۇلارنىڭ ئىمتىھاننىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتىنى توغرا تونۇپ، ئىمتىھاننىڭ زىيادە ئېغىر بېسىمىنى يېنىكلىتىشىگە، كۆپ مەنبەلىك ئىقتىدارلىقلارنى يېتىشتۈرۈۋاتقان مۇشۇ دەۋردە، ‹‹بىرلا ئىمتىھان بىلەن ئۆمۈرلۈك تەقدىرنى بەلگىلەش›› دېگەن بۇ قاراشنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلاۋاتقانلىقىنى توغرا تونۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالماي، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالغان تەقدىردىمۇ، بۇ، ھەقىقىي غايىسى بار كىشىلەرنىڭ باشقا يوللار ئارقىلىق ئىقتىدارلىق ئادەم بولۇش يولىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە رېئال تۇرمۇشىمىزدا باشقا يوللار ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارغا ئائىت مىساللار ناھايىتى كۆپ.
مەكتەپ ئۈچۈن ئېيتقاندا، يىللىقلار قاتلىمىدا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا پىسخىك جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىدىغان دەرسلەرنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ‹‹ئەڭ ئالدىنقى سەپ قاراۋۇلى›› بولغان سىنىپ مەسئۇلىمۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي ھالىتىگە بەكرەك دىققەت قىلغىنى تۈزۈك، ئۇلار ئىمتىھاندىن ئىلگىرى نەتىجەم چۈشۈپ كېتەرمۇ دېگەن ئەنسىرەش بىلەن روھىي كەيپىياتى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، ۋاقتىدا ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئوقۇغۇچىدىكى بۇ جىددىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
ئائىلە باشلىقلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بالىسىنىڭ ئىمتىھاننىڭ ئالدى – كەينىدىكى كەيپىيات ئۆزگىرىشىگە ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، بالىسىدىكى ئىمتىھان نەتىجەم چۈشۈپ كېتەرمۇ، دېگەن ئەندىشە تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان جىددىيلىكنى پەسەيتىشى كېرەك. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ مۇشۇ ۋاقىتتا قىلغان پىسخىك يېتەكچىلىكىنىڭ ئۈنۈمى كۆپىنچە ئەھۋالدا پىسخىكا مۇتەخەسسىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، چۈنكى ئاتا – ئانا بالىلار ئەڭ ئىشىنىدىغان ئادەم. روھىي جەھەتتىن تايىنىۋېلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئاتا – ئانىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىقتىدارلىق ئادەم بولۇشىغا بولغان ئۈمىدى ھەم بالىلىرىنىڭ ئىمتىھاندا ياخشى نومۇر ئېلىشىغا بولغان ئارزۇسى كۆپىنچە ھاللاردا بالىلارنىڭ ئىمتىھانغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى بەلگىلەپ قويىدۇ. شۇڭا ئىمتىھاندىن ئىلگىرى قاتتىق ئەندىشە كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، ئاتا – ئانا بولغۇچىلار بالىلاردىكى ئىمتىھان مۇھىم دەيدىغان قاراشنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئىمتىھان پەقەتلا ئادەملەرنىڭ ئۆمرىدىكى سانسىزلىغان ئوڭۇشسىزلىقلار ۋە سىناقلار ئىچىدىكى ئەڭ ئاددىي بىر قېتىملىق سىناق ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈپ، ئىمتىھاندىن زىيادە جىددىيلىشىپ كېتىش ۋە قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى، ئىمتىھانغا ئېغىر بېسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلسا بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى جۇڭگودىكى ھەر بىر ئائىلە ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ، ئەمما بالىلاردا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قارىتا ياخشى روھىي ھالەتنى قانداق يېتىلدۈرۈش ھەققىدە ئاتا – ئانىلار چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار ئۆز سۆز – ھەرىكىتى ئارقىلىق بالىلىرىدا كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى خاراكتېر، ئادەت يېتىلدۈرۈشى ھەم توغرا قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشى، بالىلىرىغا بەختنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشەندۈرۈپ، بېسىم ۋە سىناققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان پوزىتسىيەدە بولۇشنى ئۆگىتىشى كېرەك، ھەرگىزمۇ بالىلىرىدا ئىمتىھاننىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان روھىي ھالەت كۆرۈلگەندىلا، ئاندىن ھەممە ياققا قاتىراپ ياردەم تەلەپ قىلىدىغان ئىشنى قىلماسلىقى كېرەك. دېمەككى، ياخشى روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن كىشىلىك تۇرمۇشتا ئۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ.