ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىلارنىڭ ئۆزىنى كو ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى بالىلارنى قورقۇتۇش ئ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ي

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 7-12ياشقىچە > پىسخىكا > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتىكى ئەپچىل چارىلەر

ۋاقىت : 2015-07-13 12:45 | مەنبەسى : ئىزدىنىش | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتىكى ئەپچىل چارىلەر

شىنجاڭ نوبېل مائارىپ پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچى بولسا ئىجتىمائىلىشىشنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى بولۇپ، بالىلارنىڭ كېيىنكى نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ پايدىلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. كونترول قىلىش كۈچى يۇقىرى بالىلار چوڭ بولغاندا تۇرمۇشتا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدۇ، كەيپىياتىنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلى ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇپ باشقىلار بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرمەيدۇ ياكى خاتا ئىش قىلمايدۇ. ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچى ئاجىز بالىلار جەمئىيەتكە ماسلىشىش جەريانىدا ناھايىتى جىق توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى مۇھىم، ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى ئەپچىل چارىلەرنى ياخشى ئىگىلەپ، بالىلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرىلاردىن بولۇپ چىقىشىغا بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى!
بىرىنچى: مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق بالىلارغا تەربىيە قىلىش
تۆت ياشتىن باشلاپ بالىلار ئاستا – ئاستا ئىش ئۇقىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ، ئاتا-ئانىلار مۇۋاپىق ئۇسۇل - چارىلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى ياكى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك، بۇ ئارقىلىق ئۇ نېمە قىلسا بولىدىغانلىقىنى، نېمە قىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىۋالالايدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار قاتتىق قوللۇق قىلسا، نەتىجە دەل ئەكسىچە بولىدۇ ۋە بالىدا قارشىلىق قىلىش پىسخىكىسىنى قوزغاپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىغا ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ئۆزىنى ھەقىقىي كونترول قىلىش چۈشىنىشتىن كېلىدۇ.
ئىككىنچى: توغرا بىر تەرەپ قىلىش ماھارىتىدىن پايدىلىنىش
1.        كېچىكتۈرۈپ قانائەتلەندۈرۈش. بالا مەلۇم بىر تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۇنىڭ ئارزۇسىنى كېچىكتۈرۈپ، ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش. مەسىلەن: ئۆيگە مېھمان كەلمەكچى بولۇپ، نازۇ-نېمەتلەر داستىخانغا تىزىلغاندا، ھەرقانداق بالىنىڭ يېگۈسى كېلىپ تۇرالماي قالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئانا بولغۇچى بالىسىنىڭ مېھمان كەلگۈچە غەيرەت قىلىپ بۇ نەرسىلەرگە چېقىلماسلىقىنى، ئەگەر شۇنداق قىلسا شاكىلات بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى دېسە، ئۇ بۇ ساقلاش جەريانىدا سەۋرچانلىقنى ئۆگىنىدۇ، بۇ دەل ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساس.
2.        كەيپىياتىنى مۇۋاپىق تەڭشەش. كەيپىياتىنى كونترول قىلىش بولسا ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. بالىنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچى بىرقەدەر ئاجىز بولسا، ئاچچىقلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلانماق تەس، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى بېسىشنىڭ ئورنىغا مۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىشنى ئۆگىتىش كېرەك، مەسىلەن: ھەرىكەت قىلىش، يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراش، قەغەزنىڭ ئۈستىگە قالايمىقان سىزىش قاتارلىقلار. بۇنداق قىلغاندا، بالىلار كەيپىياتىدا ياخشىلىنىش بولىدۇ ۋە ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلالايدىغان بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار ئەقىل – پاراسىتىنى ئىشلىتىپ، بالىلىرىنى ناچار كەيپىياتتىن قۇتۇلدۇرالايدىغان تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلىشىغا ياردەم قىلسا بولىدۇ.
ئۈچىنچى: بالىنىڭ تۈزۈم ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش
بالىدا تۈزۈم ئېڭى بولغاندىلا ئۆزىنى كونترول قىلىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار ھازىردىن باشلاپ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى قائىدە - تۈزۈملەر تەرەپتىن قول تىقىپ يېڭى تۈزۈم تۇرغۇزسا بولىدۇ، مەسىلەن: ۋاقتىدا ئۇخلاپ، ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرۇش، تاماق تاللىماسلىق قاتارلىق. ئاتا-ئانىلار ئۇزۇن مەزگىل ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ تەلەپ قويغاندا، بالا ئاستا-ئاستا ئۆزلۈكىدىن قائىدىگە بويسۇنىدىغان بولىدۇ. تۇرمۇش قائىدە-تەرتىپلىرىدىن باشقا، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا قائىدە تۇرغۇزۇپ ھەم داۋاملىق ئىجرا قىلسا بولىدۇ، مەسىلەن: بالىنى سودا سارايغا باشلاپ كىرىشتىن بۇرۇن قالايمىقان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق قىلىپ ئېيتىش. مۇشۇنداق بولغاندا، بالىلار قالايمىقان نەرسىلەرنى ئالىمەن دەپ تۇرۇۋالسىمۇ تەلىپىنى كەسكىن رەت قىلىش. بالا قايتا-قايتا رەت قىلىشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن، تەبئىيلا قالايمىقان نەرسىلەرنى ئېلىشتىن ۋاز كېچىدۇ.
تۆتىنچى: ئويۇن ئارقىلىق بالىنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش
ئويۇن بىر قاتار قائىدە-تۈزۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بالا بۇ قىزىقارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئاسان يېتىلدۈرەلەيدۇ. مەسىلەن: ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن بىللە «ياغاچ ئادەم» ئويۇنىنى ئويناش. بۇ جەرياندا بالا ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىدۇ، ئاستا-ئاستا ئۆزىنى كونترول قىلىش ئېڭىمۇ شەكىللىنىدۇ.
بەشىنچى: ئاتا-ئانىلار ئۆزىنى كونترول قىلىشتا ياخشى ئۈلگە بولۇش
ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بولسا، بالىلارمۇ شۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، بالىنى سىرتقا ئېلىپ چىققان ۋاقىتتا قاتناش قىستاڭچىلىقىغا دۇچ كەلگەن بولسا، بالا بىلەن قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئويناپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈشى، ھەرگىزمۇ ناچار كەيپىياتنى بالىغا يۇقتۇرماسلىقى، ساقلاشنى يۇمۇر تۈسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. بالىغا ئاچچىقلىنىشنى ئويلىغان ۋاقىتتا، چوڭقۇر نەپەس ئېلىشى ۋە ئۆز-ئۆزىگە:«ئاچچىقلىنىشقا بولمايدۇ، ئۆزۈمنى بېسىۋالاي» دېيىش كېرەك. بۇنداق گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتلەر بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ.
ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بولسا بالىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان، چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك مۇھىم ساپالارنىڭ بىرى، بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش - ئاتا-ئانىلار كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئاتا-ئانىلار يۇقىرىقى بىرقانچە ئەپچىل چارىلەرنى ئوبدان ئىگىلىيەلىسىلا، بالىنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئىلغارلاردىن بولۇشىغا تۈرتكە بولالايدۇ.
ئالدىنقىسى: ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى پىسخىكا تەربىيەگە سەل قارىماڭ | كېيىنكىسى: تۈگەپ قاپتۇ
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار