يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىلارنىڭ ئۆزىنى كو
ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى
بالىلارنى قورقۇتۇش ئ
ئەقلىي ئىقتىدارلىق ي
مەمەتجان ئابلىمىت
ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى گەپكە كىرگۈزەلمىگەن ۋاقىتتا ھەرخىل گەپلەرنى قىلىپ ئۇلارنى قورقۇتۇش بالىلارنىڭ سەبىي قەلبىنى زەخىملەندۈرۈپ، جۈرئەتسىز قىلىپ قويىدۇ. مانا بۇ ئاتا – ئانىلارنىڭ سەل قارىشى سەۋەبلىك بالىلىرىغا ئېلىپ كەلگەن زىياندىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى گەپكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، دائىم دېگۈدەك قورقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. مەسىلەن: ‹‹تېز ئۇخلا، بولمىسا بۆرە كېلىپ سېنى يەۋالىدۇ››، ‹‹يەنە يىغلىساڭ دوختۇر كېلىپ ساڭا ئوكۇل سالىدۇ››... دېگەندەك. بالىلارنى بەزلەشتە بۇ ئۇسۇل دەرھال ئۈنۈم بەرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندا قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ.
ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە بالىلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا، قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ھەددىدىن زىيادە جىددىيلەشتۈرۈپ، پىسخىكا جەھەتتىكى يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بالىلارنى قورقۇتۇش بالىلارنى يۈرەكسىز، ئاجىز قىلىپ قويىدۇ، بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلارنى ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقى ئارقىلىق قورقىتىدۇ. بالىلارنىڭ قاراڭغۇدىن قورقىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويىدۇ، ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنىنى ئويناشتىن چەكلەيدۇ. بۇ بالىلاردا خاراكتېر ئاجىزلىقىنى پەيدا قىلىدۇ – دە، بالا ھەمىشە قورقۇپ ھودۇقۇپ يۈرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىلارنى قورقۇتقاندا، بالا ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەتىسىدىكى كەيپىياتىغا تەسىر يېتىدۇ. بۇ ئىش داۋاملىشىۋەرسە، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. يەنە بەزى ئانىلار بالىسى گەپ ئاڭلىمىغاندا ياكى خاتالىق سادىر قىلغاندا ‹‹خەپ، داداڭ كەلسە كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسەتمىسەم›› دېگەندەك گەپلەر بىلەن بالىنى قورقۇتىدۇ، نەتىجىدە بالىنىڭ قەلبىدىكى دادىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىدۇ – دە، بالىدا قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ.
دېمەك، بالىلارنى قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ فىزىيولوگىيە ۋە پىسخولوگىيە جەھەتتىكى يېتىلىشىگە ئوخشاشلا ئىنتايىن زىيانلىق. شۇڭا ئاتا – ئانىلار بالىلارنى توغرا ئۇسۇلدا تەربىيەلىشى، بالىلارنى ئەركىن، يۈرەكلىك چوڭ قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى زىيادە چەكلىۋەتمەسلىكى لازىم.