ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىلارنىڭ ئۆزىنى كو ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى بالىلارنى قورقۇتۇش ئ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ي

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 7-12ياشقىچە > پىسخىكا > تولۇق مەزمۇنى

ھەربىربالا-بىر ۋەتەن

ۋاقىت : 2014-01-27 19:39 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ھەربىربالا-بىر ۋەتەن
ھەربىربالا-بىر ۋەتەن

    بۇ  ۋەقە ھىچ ئېسىمدىن چىقمايدۇ4-سىنىپقارەھبەرئېدىم.بىر ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىللىرىم  ھەققىدە شىكايەت قىلدى.سىنىپقا بۇغۇلۇپ كىردىم،كەيپىياتىمنى كۆرۈپ ئوقۇغۇچىلارمۇ جىم بۇلۇشتى،قوپال ھالدا بىر قانچە ئېغىز تەنبىھ بەردىم.ھە دېگەندە قاپىقىمنى ئاچالماي دەرسنى باشلىيالماي تۇرىمەن.ئۇلار ھەم ،مەن ھەم سۈكۈتتە،شۇ پەيىتتە مۇراد دېگەن ئۇقۇغۇچۇم قول كۆتۈردى:

-ھە نېمە دەيسەن ؟-دېدىم زەردە بىلەن.

ئۇ دېرىزىگە ئويچان تىكىلگەنچە ئاۋۋال ئۇزۇن《ئۇھ》تارتتى،كېيىن:

-بۇگۈن ھاۋا ھەجەپ يامانغۇ؟-دېدى ھەسرەتلىك ئاۋازدا.

يەنە نېمە دەركىن دەپ قاراپ تۇرسام،ئاشۇ خامۇشلىغىنىچەئۈن دېمەي يەنە ئولتۇرۋالدى.ئەجەپ ھالەت،《جەھلىم چىقىپ تۇرغاندا ھاۋانى نېمە دەپ ئوتتۇرغا قۇيسەن؟》دېسەم بالىنىڭ  ئوبرازى سۇنىدۇ.ئۇ ياخشى بالا.ھەزىلگە ئايلاندۇرسام،سىنىپقا قىلغان شۇنچە كۆپ سىياسىتىم بىكار كېتىدۇ.شۇ چاغدا بالىلار ئارىسىدىن ئۆزۈمنىڭ ناھەق ئاچچىقلىنۋاتقانلىقىمنى ئاڭلىدىم .ئاخىرى ئۈزەمنى سەل بېسىپ ئاچچىقلىنمايغىىنە:

-نېمىسىنى دەيسەن،بۈگۈن ئېغىر كۈن بولدى.سىزلەرنى ھەم قىيناپ قويدۇم،كەچۈرۈڭلار.-دېدىم سىلىقلىق بىلەن.شۇ تەرزدە ئۈزۈمنى ھەم ئەيىبلەپ ھەم ئۈزۈمچە ئازاپ بىلەن تۇرىمەن .شىكايەت ئۈچ ئوقۇغۇچى ئۈستىدە ئىدى،قالغان يىگىرمە سەككىزدەك بالىدا نېمە گۇناھ؟45مىنۇت داۋامىدا ئۇلارنىڭ كەيپىنى بۇزۇشقا نېمە ھەققىم بار؟بۇ بالىغۇ بىغۇبارلىق بىلەن يۈرۈگىنىڭ سىقىلىشىنى دەۋالدى.ئەمما ،بىچارە ياشلارنىڭ ئازاپ بەرگۈچىسى بىز،ئۇلار چوڭلارنىڭ ئۆزگىرىشچان خارەكتىرىگە چىداپ ياشايدۇ.بىز ،ئەقىللىق چوڭلار تاشتەك ئېغىر تەبىئىتىمىزنى كىچىككىنە نارسىدە جانلارغا يۈكلەپ ئۈتىۋاتقىنىمىزنى ئويلاپ كۆردۈقمۇ؟بۇ گەپ ئاتا-ئانىلارغاھەم تېگىشلىكتۇر.بىز پەرزەنتلىرىمىزگە ھم دائىم ئۆزىمىزنىڭ كەيپىياتىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىمىز.ئۇلارنىڭ ھالىتى، يۈرگىنىڭ كۆتۈرۈش_كۆتۈرۈلمەسلىگى بىلەن كارىمىز  يوق.بالا ھەم ھەمىشە خۇرسەن يۈرمەيدىغۇ؟ئۇنى ھەم ئويلاندۇردىغان ئۆز دۇنياسى بار .شائىر ئابدۇللاھ ئارىپوفنىڭ بىر يازمىسىدا 《ھەر بىر ئىنسان -بىر ۋەتەن،ئۇنىڭ چىگىراسىنى بۇزۇپ كىرىۋېرىشكە ھىچكىمنىڭ ھەققى يوق》دېيىلگەنىدى.مۇرەببى ئاشۇ ئىنسانلارنى ئاسراش ۋە پەرۋىشلەش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەندۇر.

    ئۆزبېكىستان يازغۇچىسى تۇرسۇنئاي سادىقوۋانىڭ ‹قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر›ناملىق روھىي ساغلاملىق دۇردانىللىرىدىن ئېلىندى.

 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار