ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىلارنىڭ ئۆزىنى كو ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى بالىلارنى قورقۇتۇش ئ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ي

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 7-12ياشقىچە > پىسخىكا > تولۇق مەزمۇنى

ھىكايە سۆزلەپ بالىلارنىڭ بىلىمىنى كېڭەيتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل

ۋاقىت : 2014-01-03 15:34 | مەنبەسى : دىلفىرۇز | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
   ھىكايە سۆزلەپ بالىلارنىڭ بىلىمىنى كېڭەيتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل

بالىلارنى ھېكايە سۆزلەش ئۇسۇلى بىلەن تەربىيىلەش ئەڭ ئۈنۈملۈك . ھىكايە بالىلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدۇ ، تەسەۋۇرىنى  قوزغايدۇ ، بىلىمىنى كېڭەيتىدۇ . بىلىمىنى ئۆلۈك ئۆگەتسە ، بالىلار ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ ، ھەمدە ئاسان ئەستە ساقلايدۇ . ۋىنىفلېدنىڭ تېخى تىلى چىقماستا ، ئانىسى ئۇنىڭغا گرېتسىيە ، رىم ۋە شىمالىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ رىۋايەتلىرىنى  ئېيتىپ بېرىدۇ . ئۇنىڭ تىلى چىققاندىن كېيىن ، ئانا - بالا ئىككىسى بۇ رىۋايەتلەردىن نومۇر ئوينايدۇ . ئانىسى يەنە ئۇنىڭغا ئىنجىلدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەرگەندە ، بەزىدە تىياتىر شەكلىدە ئويناپ چىقىدۇ . خانىم قىزىنى ئاسترنومىيىگە قىزىقتىرۇش ئۈچۈن رىۋايەت سۆزلەپ بېرىدۇ ، ئۇنىڭ ئويما بۇيۇملارنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئويمىچىلىق سەنئىتىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇنىڭ قارشىچە ، رىۋايەت بىلمەسلىك ، ئەدەبىيات تەتقىق قىلىشقا بەك پايدىسىز .
قىزىغا رىۋايەت ۋە ئىنجىلدىكى ھېكايىلەرنى ئەستە ساقلىتىش ئۈچۈن ، ئۇ دائىم مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى باغاقچىلارغا يازىدۇ . ھەرقايسى  دۆلەتلەرنىڭ تارىخىنى ئۆگەتكەندىمۇ مۇشۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ . بۇ ئۇسۇللارنى يەكۈنلىگەندە ، دەسلەپتە ھېكايە سۆزلەش ئۇسۇلى بىلەن ئۆگىتىدۇ ، كەينىدىن ئۇلارنى باغاقچىلارغا يېزىپ ، ئويۇن ئويناش شەكلىدە ئۆگىتىدۇ . بەزىدە ئۇلار  قىزىقارلىق بىرەر كىتاپنى ئوقۇيدۇ ، ھەمدە ئۇنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى يازىدۇ .
ۋىنىفلېد ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ، تۈرلۈك ئىشلارنى شېئىرىي ئەسەر قىلىپ يېزىپ ئەستە قالدۇرىدۇ . چۈنكى  شېئىرىي ئەسەرلەر ئاسان ئېسىدە قالىدۇ . ئۇ نۇرغۇن شېئىرىي ئەسەرلەرنى يازىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرى « ئۆتكەن نەزمىسى» دېگەن نام بىلەن نەشر قىلىنىدۇ .
ستنا خانىمنىڭ تارىخىي ئشلار تەربىيىسىدىمۇ ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش ئۇسۇللىرىنى بار . يەنى ، بالىسى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ، يەنە دراما شەكلىدە ئويناپ چىقىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن بالىسى ئاسان تۇتىۋالىدۇ . ئۇ يەنە مەكتەپلەرگىمۇ ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىدۇ . مەكتەپلەر ئۆگەتكەن تارىخ دەرسى پۈتۈنلەي دەۋرنىلا كۆچۈرۈپ كېلىدۇ ،تېتىقسىز ، قىلچە قىزىقى يوق ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىزار بولۇشىمۇ ئورۇنلۇق ، بۇ ئۇسۇلغا ھىچقانچىلىك ۋاقىت كەتمەيدۇ ، پەقەت كۈندە مەشىق قىلسىلا بولىدۇ .
ۋىنىفلېد سەككىز ياشقا كىرگەندە ، ئانىسى مېڭە سۆڭىكىدىن پايدىلىنىپ فزىئولوگىيە دەرسى ئۆتىدۇ . بىر قېتىم ، دادىسىنىڭ ساياھەتكە چىقىش كېتىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ، ئېسىدە قالغان سۆڭەك ، مۇسكۇل ۋە ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىسمىنى شېئىرىي شەكىلدە يېزىۋالىدۇ . دادىسى قايتىپ كېلىپ ھەيران قالىدۇ . ۋىنىفلېد فىزىئولوگىيە ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ، يەنە داۋالاش ئىلمىنىمۇ ئۆگىنىپ ، شۇ ئارقىلىق يېمەكلىكلەر ۋە كېسەللىككە مۇناسىۋەتلىك قائىدىلەرنى بىلىدۇ .
بالىلارغا كەلگۈسىدە ئىشلەيدىغان بىلىملەرنى ئۆگىتىش كېرەك . دۇنيادىكى بەزى كىشىلەرنىڭ نەچچە ئون مىڭ كىتابنى ئوقۇغانلىقى ، بىلىدىغىنىنىڭ كۆپلۈكى پەقەت« بىلىش » لا خالاس ، بۇ بىلىملەرنىڭ ئۇلارغا ۋە جەمىيەتكە پەقەت پايدىسى يوق . ستنا خانىم قىزىنى ھەرگىز ئۇنداق ئادەم قىلىپ چىقىشنى ئويلىمايدۇ ، شۇڭلاشقا ، ئۇ قىزىغا مۇلازىمەت ئېڭىنى تىرىشىپ سىڭدۈرۈپ ، ئۇنى جەمئىيەت ۋە ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىدىغان ئادەم قىلىپ چىقىشقا ئىرادە باغلايدۇ .
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار