ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى > تولۇق مەزمۇنى

8-يىللىق تارىخ چارەك.doc

ۋاقىت : 2014-04-25 16:21 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : 月和蔼 | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 2013-2014-ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇملۇق 8-يىللىقلارنىڭ تارىخ باسقۇچلۇق ئىنتىھان سۇئالى
ئىسمى ئاتىسى:                8-يىللىق  -سىنىپ       يوقلىما نومۇرى:
 
1-سۇئال:تاللاپ جاۋاپ بىرىڭ: (%30)
 
1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 11 12 13 14 15
                             
 
 
(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى (     ) قۇرۇلدى.
A.1947-يىلى        B.1949-يىلى          C.1955-يىلى   
(2) جۇڭگو خەلق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىدا (      ) ۋاقىتلىق دۆلەت شىئىرى قىلىندى.
A.پىدائىيلار مارشى    B. خۇڭخې خورى      C.ئىتتىپاقلىق كۇچ
(3) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر ئىسلاھاتى قانۇنى  (     ) ئىلان قىلىندى.
  A.1954-يىلى     B.1953-يىلى           C.1950-يىلى
 (4) تۆۋەندىكى يىلنامىلەر ئىچىدە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ باشلانغان ۋاختى (       )
  A.1966-يىلى       B.1976-يىلى           C.1956-يىلى     
(5) تۆۋەندىكى يىلنامىلەر ئىچىدە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرلاشقان ۋاختى (       )
   A.1966-يىلى       B.1976-يىلى           C.1956-يىلى      
(6) تۆۋەندىكىلەردىن جۇڭگو خەلق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 1-نۆۋەتلىك يىغىنىدا  ماقۇللانغان قارارغا كىرمەيدىغىنى:(      )
A.« ئورتاق پىروگرامما»نى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۇشتىكى فاڭجىن قىلىش
B.«پىدائىيلار مارشى» نى ۋاقىتلىق دۆلەت شېئىرى قىلىش
C.مىلادىيە يىلنامىسىنى قوللىنىش
 (7) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈنجى ئاساسى قانۇنى (    ) ئىلان قىلىندى.
A.1954-يىلى     B.1953-يىلى           C.1950-يىلى
(8) ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىنىڭ ئىپادىسى (     )
A. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ جاكارلىنىشى
B. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ تۇزۇلۇشى
 C.ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسى جەھەتتىن ئورۇندىلىشى
 
 
(9) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتىت 3-ئومۇمى يىغىنى ئىچىلغان ۋاقىت (       )
A.1978-يىلى        B.1988-يىلى           C.1998-يىلى
 (10) جۇڭگو خەلق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 1-نۆۋەتلىك يىغىنى ئېچىلغان جاي(     )
A. بېيپىڭ        B.شىبەيپو        C.نەنجىڭ  
(11) «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ ئاياغلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى: (      )
A.لىن بىياۋ ئەكسىلئىنقىلابى گورۇھىنىڭ تارمار قىلىنغانلىقى  
B.جۇئېنلەي بىلەن دېڭ شىياۋپىڭنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى چىكىنىشنى ئوڭشىغانلىقى
C.جىياڭ چىڭ ئەكسىلئىنقىلابى گورۇھىنىڭ تارمار قىلىنغانلىقى
(12) ئامرىكا جاھانگىرلىگىگە قارشى تۇرۇپ،چاۋشىيەنگە ياردەم بىرىپ  ۋەتەننى قوغداش جىڭىدە ئەڭ سۆيۇملۇك كىشىلەر دەپ ئاتالغىنى:(     )
 A.جۇڭگو خەلق پىدائي قىسمى        B. چاۋشىيەن ئارمىيىسى    C.ئامرىكا ئارمىيىسى
 (13) ئىلىمىز (       )-يىلى شىياڭگاڭغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۇرگۇزۇشنى ئەسلىگە كەلتۇردى.
A.1987-يىلى      B.1997-يىلى       C.1999-يىلى
 (14)ئىلىمىز (       )-يىلى ئاۋمىنغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۇرگۇزۇشنى ئەسلىگە كەلتۇردى.
A.1987-يىلى      B.1997-يىلى       C.1999-يىلى
(15) مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى جەمئىي (      ) يىل ئىلىپ بىرىلدى.
A.10 يىل          B.5 يىل             C.15يىل
 
2-سۇئال. ھۆكۇم قىلىڭ: (%21 )
 
   1     2     3     4     5     6    7
             
 
 
(1) جۇڭگو 46 مىللەتتىن تەركىپ تاپقان چوڭ ئائىلە.(         )
(2) ماۋزېدۇڭ يىڭى جۇڭگو قۇرۇلغان ۋاقىتتا « جۇڭگو خەلقى ئورنىدىن دەس تۇردى» دەپ جاكارلىدى.(       )
(3) ھازىرقى تىنىچ،مۇقىم ۋەزىيەتتە بىز دەرسنى ياخشى ئۇگەنسەكلا بولدى،ئىتتىپاقلىقنى قوغداش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئەمەس.(      )
(4) 1986-يىلى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت قانۇنى » ئىلان قىلىندى.(       )
(5) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بارلىق ھوقۇق خەلىققە مەنسۇپ.(    )
(6) « پىدائىيلار مارشى» ئىلىمىزنىڭ دۆلەت شىئىرى.(       )
(7) تەيۋەن ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىم زىمىنى.(    )
3-سۇئال.ماس مەزمۇنلارنى تۇتاشتۇرۇڭ:
 قۇرۇلتاي بىلەن ئىچىلغان ۋاختىنى تۇتاشتۇرۇڭ.(%12)
 
     1987-يىلى                                 12-قۇرۇلتاي
 
     1982-يىلى                               13-قۇرۇلتاي
 
     1997-يىلى                               14 –قۇرۇلتاي
 
     1992-يىلى                               15-قۇرۇلتاي
 
4-سۇئال.بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ.(%14)
 
(1) ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىش (            ) (              ) (               ) گە قارىتا سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى كۆرسىتىدۇ.
(2)بىر دۆلەت ئىككى تۇزۇم تەسەۋۋۇرىنى (             ) ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ،بۇتەسەۋۋردىكى بىر دۆلەت(            ) نى،ئىككى تۈزۈم (            ) تۈزۇم بىلەن(            )تۈزۇمنى كۆرسىتىدۇ.
 
5-سۇئال.جاۋاپ بىرىڭ:
1) نېمە ئۈچۈن دېڭ شىياۋپىڭنى جۇڭگودىكى ئىسلاھات ئىلىپ بىرىش،ئىشىكنى ئىچىۋىتىشنىڭ باش لايىلىگۇچىسى دەيمىز؟( %5 )
 
 
 
 
2) ئىلىمىزدە نەچچە مىللەت بار؟ ئۇلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئالاھىدىلىگى قانداق؟(%5)
 
 
 
(3) كىشىلەر جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنى نېمە ئۈچۈن « ئەڭ سۆيۇملۇك كىشىلەر »دەپ ئاتايدۇ؟( %5 )
 
 
 
 
 
6-سۇئال:تەھلىل قىلىپ جاۋاپ بىرىڭ.( %8 )
 ساۋاقداشلار بىز بۇ بىر باسقۇچتا جۇڭگو تارىخى دەرسىنى ئۇگىنىش ئارقىلىق يىڭى جۇڭگونىڭ قۇرلۇشىنىڭ تولىمۇ تەسكە توختىغانلىغىنى،بۇ جەرياندا سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ   مەيدانقا كەلگەنلىگىنى شۇنداقلا يەنە سوتسىيالىزىم قۇرۇش يولىدىمۇ ۋاڭ جىنشى،جىياۋيۇلۇ،لېي فېڭ قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئاز بولمىغان ئۇلگىلىك شەخىسلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىگىنى ئۇگەندۇق.
    ئۇنداقتا سىز يۇقارقى ماتىريالنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئەنە شۇ ئۇلگىلىك شەخىسلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن قانداق ئۇگەنمەكچى بولدىڭىز؟
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
  

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%

«8-يىللىق تارىخ چارەك.doc»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
月和蔼 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-06-25 10:06 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-04-30 16:04
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ