ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى > تولۇق مەزمۇنى

تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سۇئالى

ۋاقىت : 2011-09-24 21:59 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : چىچەك | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

 7-يىللىقلار ئۈچۈن ئايلىق تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سۇئالى(双语班)

.تاللاش سۇئالى (پەقەت بىرىسىلا تاللىنىدۇ،1دىن 12نومۇر بىرىلدۇ)
1. تۆۋەندىكى مىسرالار ئىچىدە كۆچمە مەنىلىك سۆز ئىشلىتىلگىنى : (      )
A.‹‹ تاللىۋالدىم يولنىڭ يەنە بىرىنى ، چۆپلەر باسقان خىلۋەت ئىدى زىيادە ››
B. ‹‹بىر ھۈنەرۋەن دانا يىگىت بار ئىدى . چىچەنلىكى شۆھرەت تاپقان ئەل ئارا  ›› .
 C.‹‹ئاسانمۇ ئون قارا قىشنى ، قەپەستە ئۆتكۈزۈش باشتىن ›› .
D. ‹‹يامۇلدا ئۇزاق يېتىپ ، چېچىم بىر قۇچاق بولدى  ››.
2.شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايۇنىنىڭ بايرىقى  :
A. بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق     B. سېرىس گۈلى چۈشۈرۈلگەن بايراق
C.‹‹ ››خېتى شەكىللىك بايراق .D. ئاي يۇلتۇزلارنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن بايراق .
3. 《مىڭ دوستۇڭ بولسا گەر ، ئۇنى كۆپ دېمە ، بىر دۈشمەن بولسىمۇ ئۇنى ئاز دېمە 》دېگەن پارچە ھەققىدىكى تۆۋەندىكى قاراشلاردىن خاتاسى  :  (   )
A.پارچىدا ئۈچ جۇپ قارىمۇ قارشى مەنىلىك سۆز بار      
B. پارچىدا مەزمۇننى ‹‹ مېلىڭ مىڭغا يەتكۈچە ، دوستۇڭ مىڭغا يەتسۇن ›› دېگەن ماقال بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ .
C. بۇپارچە ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ ‹‹ سەۋرچانلىق ھەققىدە ›› دېگەن تېكىستىدىن ئېلىنغان .                             D. پارچىنىڭ ئىككىنچى مىسراسىدىكى بىر سۆزگە قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كېيىن تاۋۇش ئۆزگىرىش ھادىسسى يۈز بەرگەن .
4. سىكوت باشچىلىقىدىكى ئېكىسپىدىتسىيىچى ئەترەتنىڭ سوغۇقتىن مۇداپىيە كۆرىدىغان بىردىنبىر قۇرالى :
A. يىمەكلىك      B.كېيىم – كېچەك            C. يېقىلغۇ        D.چېدىر .
5. ‹‹ ئايرىلمىغىل ›› ناملىق شئېر لىرىك شېئرنىڭ (     ) تۈرىگە كىرىدۇ .
A. ئېنتىم لىرىكا    B.تەبىئەت لىرىكىسى       C.  مۇھەببەت لىرىكىسى   D. سىياسىي لىرىكا
6.ئامرىكىنىڭ خىرىسچى ناملىق ئالەم ئايرۇپىلانى ھاۋاغا ئونىنچى قېتىم قويۇپ بېرىلگەندە پارتىلاپ كەتتى ، بۇۋاقىت ( )
A.1990 – يىلى 1- ئاينىڭ 28 – كۈنى                 B. 1986 – يىلى 1- ئاينىڭ 28 – كۈنى
 C. 1988 – يىلى 1- ئاينىڭ 28 – كۈنى               D. 1987 – يىلى 1- ئاينىڭ 28 – كۈنى
7. تۆۋەندىكىلەردىن سەۋرىچانلىق ھەققىدىكى مەزمۇنلارغا خاس كېلىدىغان ماقال :
A. ‹‹ سەۋر قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختار ››        B. ‹‹ كېيىنكى پۇشايمان ئۆزۇڭگە دۈشمەن ››  
C.‹‹كۆپ ئاڭلاپ، ئاز سۆزلە››                      D.‹‹ مېڭىپتۇ ، مېڭىپتۇ ، قىردىن ئاشالماپتۇ ››
8. ‹‹ ۋە لېكىن ۋەتىنىم سەن باشقا دۇنيا ، مېھرىڭدىن تاشقىمۇ بەردىڭ سەن سەزگۈ ›› دېگەن مىسرالاردا قوللىنىلغان ئىستىلىتىكىلىق ۋاستە :(     )
A. سۈپەتلەش     B. سېلىشتۇرۇش         C. ئوخشىتىش         D.  مۇبالىغە
9.‹‹ كەلگۈسىنىڭ يولى تۈز بولمايدۇ ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرلەش تارىخى جاپا – مۇشەققەت ۋە خەتەرلىك توسالغۇلار بىلەن كۆرەش قىلىش تارىخىدىن ئىبارەت ›› دېگەن سۆزنى قىلغان كىشى: (      )
A. كېلىنتون          B. رېگان        C. جۇ ئېنلەي          D. ل . مۇتەللەپ
10. خەۋەرلەر ھەققىدە ئېيتىلغانلارنىڭ خاتاسى  :   (              )
A.دوكىلاتچانلىقى ، ۋاقىت خاراكتىرى  كۈچلۈك
B. خەۋەردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ، پاكىتلارنى مۇبالىغە قىلىشقا بولىدۇ .
C. خەۋەر مەزنۇنى ئېنىق ، توغرا قاراتمىلىقى بولىشى كېرەك  .
D. تىلى ئىخچام ، چۈشىنىشلىك ، جەلىپكار بولىشى كېرەك .   
11.تۆۋەندىكى بوش ئورۇنلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان تىنىش بەلگۈلىرى :   (      )
ۋاي دادىسى          بالىلىرىم             بارمۇسىلەر 
A.سىزىقچە ، ئۈندەش ، چىكىت ، سۇئال  .  B. سىزىق ، پەش ، پەش ، سۇئال       
 C. سىزىق ، پەش، ئۈندەش ، سۇئال      D. سىزىق ، ئۈندەش ، پەش ، سۇئال
12. شىياڭگاڭنىڭ ئۆز تۇرمۇش شەكلىنى داۋاملاشتۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ‹‹ بىرلەشمە بايانات ›› (   ) يىلى ئېلان قىلىنغان .
A. 1983- يىلى ؛                           B. 1997- يىلى
 C. 1995- يىلى                             D.1984 – يىلى
.توغرا- خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىڭ (ھەر بىرىگە 2دىن10نومۇر بىرىلىدۇ.)
1.     ئايرىلمىغىل》ناملىق شېئردا ئاپتۇرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەقىقەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىش ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن .( )
2.     كىرىشتۈرمە خەۋەر – مۇخپىرلارنىڭ نەق مەيدان ئەھۋالى بىلەن نەق مەيدان تەسىراتلىرى ، روشەن خائىشى ئىپادىلىنىدىغان خەۋەر (   )
3.     سىكوت ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرۈشكە سەپەر قىلدى . (   )
4.     ‹‹مېڭىلمىغان يول ››‹‹ تاغلار ›› ناملىق توپلامدىن ئېلىنغان .(   )
5.     شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايۇننىڭ تۇنجى قېتىم تەيىنلەنگەن مەمۇرىي ئەمەلدار چىيەن چىچىن.(   )
.بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ  (ھەربىرىگە 1دىن 20نومۇر بىرىلىدۇ.)
1.‹‹ ئۇ دېرىزىدىن يىراقلارغا نەزەر تاشلىدى ،ساقىلىنى ئاستا سىيلاپ ، مىيقىدا ئەلەملىك كۈلۈمسىرىدى›› دېگەن پارچىدا ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن  (  ①  ) قوللىنىلغان بولۇپ ، تۈرى جەھەتتىن ( ②) نىڭ ( ③  ) تەۋە . ‹‹ ئەلەملىك ›› دېگەن سۆزنىڭ تومۇرى ( ④ ) بولۇپ ، ( ⑤  )   دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .
2. شەيخ سەئىدىنىڭ ‹‹ھېكايەت ››دېگەن شېئىرى پارچىسى ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى ( ⑥ ) دىن ئېلىنغان . ئۇنىڭ يەنە بىر مەشھۇر ئەسىرى ( ⑦ ) دۇر .
3.‹‹زۇلۇم – ئوت ، يېقىنلاشسا ئۇ كۆيدۈرەر ،   قانۇن سۇ- ئۇ ئاقسا ، نېمەتلەر ئۈنەر ›› دېگەن بۇ ئىككى مىسرادا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ( ⑧   ) بىلەن ( ⑨ ) بولۇپ ، سۇ بىلەن ئوت (   ⑩      ) مەنىلىك سۆزگە كېرىدۇ .
4. 《كىرىشتۈمە خەۋەر》 دېگەن تېكىسستتە دۆلىتىمىزنىڭ ( ) مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان .
5. ( 12 ) سۆزلىگەن ‹‹ ھەقىقىي قەھرىمان ›› ناملىق نوتۇقتا  ( 13) ھادىسسىدە قازا قىلغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەن .
6. ‹‹ كەلىلە ۋە دېمىنە ›› (   14 ) خاراكتېردىكى (   15) ۋە (  16 ) سۆزلەردىن تۈزۈلگەن( 17     ) ھەجىملىك ئەسەر بولۇپ ، ئوتتۇرا ئەسىر شەرق ( 18 ) ئەدەبىياتىدا ( 19  ) ئورۇن تۇتىدۇ .
7.ئارپىسىز ئات داۋان ئاشالماس، (  20 )
.قىسقىچە جاۋاپ بىرىڭ (ھەربىرىگە 3دىن9نومۇر بىرىلدۇ.)
1.     ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم ئايرۇپىلانىنىڭ ھادىسسىگە ئۇچرىشى تۈپەيلىدىن قۇربان بولىدۇ . بىراق نىمە ئۈچۈن نوتۇق سۆزلىگۈچى ‹‹ بۇغەلبىنى ۋە باتۇرلىقنى تەرىپلەيدىغان ھېكايە ›› دەيدۇ ؟
2.     ‹‹ قۇچاقلا ئۇ – سېنىڭ داداڭ ›› ناملىق شېئردىكى مەنىۋى موھىت بىلەن ‹‹ ئايرىلمىغىل ›› شېئردىكى مەنىۋى موھىت ئوخشاشمۇ ؟نېمە ئۈچۈن  ؟
3.     بىر پارچە خەۋەر ئادەتتە نىمىلەردىن تەركىپ تاپىدۇ ؟
. مەشىق ئىشلەش سۇئالى (20نومۇر بىرىلىدۇ.)
1.    تۆۋەندىكى رەت تەرتىپى قالايمىقانلاشتۇرۋىتىلگەن پارچە بېرىلدى . مەزمۇننى ئاساس قىلغان ھالدا رەتلەپ چىقىڭ ؟( 7 نۇمۇر )
 1)شۇقاچقانچە شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىردەريانىڭ يېنىغا كىلىپ قاپتۇ.
 2)دەريادا سۈپسۈزۈك سۇ ئېقىۋاتقانىكەن .
 3)كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئاچ كۆز ئىت كوچىدىن يوغان بىر پارچە ئۇستىخاننى تېپىۋاپتۇ – دە ، باشقا ئىتلارنىڭ تارتىۋىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، يىراققا ئېلىپ بېرىپ ئارامخۇدا يىمەكچى بولۇپ قېچىپتۇ .
4)بۇيەردە يىيىشكىمۇ كۆزى قىيماي ، دەريانىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بوپتۇ .
5)ۋاھ ، بۇئىپلاسنىڭ ئەكىتىۋاتقان ئۇستىخنى مېنىڭكىدىن يوغان تۇرىدىغۇ ! ئۇنى تارتىۋالايچۇ ! دەپ ئويلاپتۇ – دە ، ئۇنىڭغا خىرىس قىلىپ ھاۋشىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئاغزىدىكى ئۇستىخان سۇغا چۈشۈپ چۆكۈپ كىتىپتۇ .
6)ھەممىدىن قۇرۇق قالغان ئاچكۆز ئىت ھەسرەتلىنىپ : ‹‹ ئاز بولسىمۇ بارىغا شۈكۈر قىلسام بوپتىكەن ›› دەپ پۇشايمان قىلىپ كېتىپتۇ .
7) ئۇ دەريا بويلاپ كېتىۋىتىپ ، سۇئىچىدە ئۆزىگە ئوخشاشلا بىر ئىتنىڭ ئۇستىخان چىشلەپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ .
2.    تۆۋەندىكى جۈملىلەرنىڭ نوقسانلىرىنى تۈزىتىپ، ساغلام جۈملىگە ئايلاندۇرۇڭ؟ (6نومۇر)
مەن ھەر قېتىم دادامنىڭ كېچە – كۈندۈز كىتاپ كۆرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەم ، ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ ئەرزىمەس ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىمەن .
ئۇنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ ۋۇجۇدۇم ئېچىشىپ كەتتى .
 ساۋاقداشلار ،شۇنى ئۇنتىماسلىقىمىز كېرەككى ،ئۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئوغۇل – قىزلىرىمىز ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىش ياكى ھالاك بولىشى ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن كۆرەش قىلماقتا  .
3.    تۆۋەندىكى تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاڭ ۋە جۈملە تۈزۈڭ  (3نومۇر)
ئەزمىسىنى ئەزمەك   بېلى بوش.  قۇيرىقىنى تىكىۋەتمەك
4.    تۆۋەندىكى ماقال –تەمسىللەرنى ئاخىرلاشتۇرۇڭ .(3نومۇر)
ئىككى ئايغىر تېپىشسا، .........
ئاتا – ئانىدىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى ، ....................  
...........................      دۈشمەن يامانلىقنى تىلەر .
5. ‹‹ يۈرەكسىز يۈرەكلىك ئولسا بېشى ، يۈرەكلىك بولۇر ئۇندا ھەممە كىشى ›› دېگەن كىلاسسىك شېئرى پارچىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسىنى يېزىپ بېرىڭ ؟ ( 1 نۇمۇر )
. مۇھاكىمە قىلىش سۇئالى :( 18 نۇمۇر )
1. تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ تەلەپلەرنى ئورۇنداڭ . ( 13 نۇمۇر )
بىر راھىپنى داڭ ئۇرىدىغان ئىشقا بەلگىلەپ قويۇپتۇ . ئۇنىڭچە بۇ ئەتىگەن – كەچتە بىر قېتىمدىن داراڭلىتىپ قويسىلا بولىدىغان ئىش ئىدى . بۇتخانىدىكى تائەت – ئىبادەت ۋاقتىدىن بەلگە بەرسىلا باشقا ئەھمىيىتىمۇ يوق ئىدى . ئۇ زېركىپ كەتكەن بولسىمۇ ، بىر كۈن راھىپ بولساڭ ، بىر كۈن دھڭ ئۇرغىن دېگىنىچە ئىشنى قىلىۋىرىپتۇ .
بىر كۈنى باش راھىپ ئۇنى داڭنى ياخشى ئۇرمىدى دەپ ئارقا ھويلىدا ئوتۇن يېرىپ ، سۇ توشۇيدىغان ئىشقا بەلگىلەپ قويۇپتۇ .
راھىپ دەل ۋاقتىدا ، جايىدا ئۇردۇمغۇ دەپ قايىل بولماپتۇ .
باش راھىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ :
ــــ داڭنى جاراڭلىق ئۇردۇڭ ، لىكىن ئاۋازى قۇرۇق ، ھارغىن ، مەنىسى قۇرۇق بولۇپ قالدى . سېنىڭ خىيالىڭدا داڭ ئۇرۇشنىڭ ۋاي دېگۈچىلىكى يوق ، مەززىسىز ئىش . ئەمما ، داڭنىڭ ئاۋازى پەقەت ئىبادەتخانىنىڭ ئىبادەت ۋاقتى ئۈچۈن ئۆلچەم بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى تېخىمۇ موھىمى ئۇيقۇدا ياتقانلارنى ئويغىتىدىغان سېگنال . شۇڭا ئۇ ياڭراق ، ئېغىر ، ۋەزنىلىك بولىشى كېرەك . 
     پارچىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن بىر ماۋزۇ قويۇڭ  ؟(2نومۇر)
     راھىپ ئۆزىنى داڭنى شۇنداق ياخشى ئۇردۇم دېسىمۇ ، نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭدىن رازى بولمايدۇ ؟(2نومۇر)
③ پارچىدىكى راھىپنىڭ داڭ ئۇرىشىدىن ئۇنىڭ قانداق خاراكتېرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ ؟(2نومۇر)
④ باش راھىپنىڭ سۆزىنى تەھلىل قىلىڭ ؟ ( 2نۇمۇر )
⑤پارچىدىكى قوڭغۇراق جەمئىيتىمىزدىكى نېمىگە سىمۋول قىلىنغان ؟ ( 2 نۇمۇر )
⑥ پارچىنى ئوقۇپ قانداق ھەقىقەتنى تونۇپ يەتتىڭىز ؟ ( 3 نۇمۇر )
2.                      كېرىلمە ، كىردىم دەپ توقسان ، يۈز ياشقا ،
                   ئۇلۇغلڭق باغلىق ئەمەس قېرى ۋە ياشقا .
                   ياش چاغدا بىلىمدىن قۇراللانمىساڭ ،
نادانلىقتىن كۆزلىرىڭ تولار قان – ياشقا .
تەلەپ:
① بېرىلگەن شئېردىكى مىسرالاردا قانداق مەزمۇن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن .  2(نۇمۇر )
② ‹‹ ياشقا ›› سۆزى بۇ شئېردا قانداق مەنىلەردە كەلگەن ؟(2 نۇمۇر )
③ بېرىلگەن شئېرىدىكى مىسرالارغا ئاساسەن بىر ماقال ئېيتىپ بېرەلەمسىز ؟(1 نۇمۇر )
.يېزىقچىلىق مەشىقى (16نومۇر)
مەن ئۇنتىيالمايدىغان بىر xxxxxxxxx    ( ۋەقە ، ئادەم ) دېگەن ماۋزۇدا خالىغان ژانېردا    بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ .                            تەلەپ:
     ماۋزۇنى ئۆزىڭىز تاللاڭ.
     ئادەم ۋە ئىشلارنى يازغان چاغدا يىپ ئۇچى ئېنىق بولسۇن
     تېلى ئوبرازلىق ، تەسىرلىك بولسۇن .
     ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ، تېنىش بەلگۈلىرىنى ئىشلىتىكە ئىتىبار بېرىڭ .
     ھەجىمى بىر بەتتىن كەم بولمىسۇن .

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
چىچەك تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-13 23:09 ئاخىرقى كەلگىنى:2011-11-24 23:11
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ