ۋاقىت : 2011-10-09 23:10 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : شام | تەھرىر : يانتاق | كۆرۇلىشى : قېتىم
2009-2010-ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇم
8-يىللىلقلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ماۋسۇملۇق ئىمتاھان سۇئالى
مەكتەپ يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى يوقلام نۇمۇرى
Ⅰتوغرا جاۋابنى تاللاش سۇئالى(20نۇمۇر)
1.تۆۋەندىكىلەردىن ناننىڭ تارىخنىڭ ئۇزۇنلىقى ئىپادىلەنگەن تارىخى پاكىت( )
A: ناننىڭ پاك ۋە ھالال ئىكەنلىكى؛ B: ناننىڭ قۇرۇق يېيىشكىمۇ بولىدىغانلىقى؛C: قەدىمكى خارابىلەردىن نان تېپىلغانلىقى؛ D: ناننىڭ تۇنۇردا، ئوتتا پىشۇرۇلغانلىقى.
2.«سۇۋادان تېرەككى مەدھىيە» ناملىق نەسىردە ئاپتۇرنىڭ سۇۋادان تېرەكنى مەدھىيلىشىدىكى سەۋەب: ( )
A: سۇۋادان تېرەكنىڭ شىمال دېھقانلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى؛B: سۇۋادان تېرەكنىڭ غەربىي شىمالدا كەڭ ئۆستۈرۈلىدىغانلىقى؛C: ئۇنىڭ ئىنتايىن ئاددى دەرەخ ئىكەنلىكى؛D: ئۇنىڭ تۈز، چىرايلىق ئۆسىدىغانلىقى؛
3.تۆۋەندىكىلەردىن «بۇرانقۇش ناخشىسى» ناملىق تىكىسىت بىلەن ژانىر جەھەتتە ئوخشاش بولغان ئەسەر( )
A: «نان»، B:«قاشتېشىغا مەدھىيە»، C: «سۇۋادان تېرەككە مەدھىيە»، «دېرىزە»
4.«ھۈنەرسىز كىشىنى دوست تۇتما» دېگەن جۈملە ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى( )
A: جۈملىدىكى «تۇتما» دېگەن پېئىل بۇيرۇق پېئىلدۇر، B: جۈملىدە قۇلىدىن ئىش كەلمەيدىغان پۇلسىز ئادەمنى دوست تۇتما دېگەن قاراش ئىپادىلەنگەن.C: جۈملىدىكى «ھۈنەرسىز» دېگەن سۆز ياسالما سۆزدۇر.D:«ھۈنەر» دېگەن ئۇمۇمى ئىسىم بولغاندا «ياغاچچىلىق » خاس ئىسىم بولىدۇ.
5.ئالىيجاناب» دېگەن سۆز قايسى خىل سۆز تۈرىگە تەۋە( )
A: تۈپ سۆز، B: قىسقارتىلما سۆز ، C: جۈپ سۆز، D: بىرىككەن سۆز،
6.«گۈل نېمىشقا قىزىل» ناملىق تىكسىتتىكى باياندىن قارىغاندا گۈلنىڭ قىزىل بولۇشىدىكى سەۋەبلەردەن خاتاسى( )
A: بىئولوگلار ئۇنىڭغا قىزىل رەڭ بەرگەن.B: تەبىئىي تاللىنىش تەلىماتى بويىچە ھاشارەتلەرنىڭ رولى چوڭ. C:سۈنئىي تاللىنىشقا باغلىق.D: قىزىل نۇرنىڭ ئىسسىقلىق ئىففىكتى بولغانلىقى ئۈچۈن گۈل قىزىل ئېچىلىدۇ.
7.«كۇڭ يىجى»ناملىق ھېكايىدە كۇڭ يىجى پاجىئەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائى سەۋەب:( )
A: نامىراتلىق B: يېتىملىك، C: ھاراقكەشلىك، D: فىئۇدال ئىمتىھان تۈزۈمى ۋە ئىجتىمائى تۈزۈم
8.«ئادەملەر»ناملىق تىكىستنىڭ ئاپتۇرى ۋە ئەسەردىكى پىرسۇناژلاردىن توغرا گۇرپىلانغىنى( )
A: مۇھەممەت باغراش_تازچاق، B: مەمتىمىن ھۇشۇر_شوپۇر، C: مۇھەممەت باغراش_بىلەيچى بۇۋاي، D: تىگىرىت_ مۇللام
9.«تەنھا قېيىق» ناملىق ئەسەرنىڭ ژانىرى( )
A: ئىپىك نەسىر، B: شېئىر، C: ھېكايە، D: لىرىك نەسىر
10.چۈنكى مەن _ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم» دېگەن مىسرا ھەققىدە تۆۋەندە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى( )
A: «چۈنكى »دېگەن سۆز باغلىغۇچى، B: «ھايات دېگەن سۆز تۈپ سۆز،C: ئادەمنىڭ مەسجۇتلۇقى ھېسسىياتقا باغلىق دېگەن مەزمۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.D: مەن تىخى ئۆلمىدىم دېگەن مەزمۇن ئىپادىلەنگەن.
Ⅱتوغراخاتاغا ھۆكۈم قىلىڭ(10نۇمۇر)
1.سۇۋادان تېرەك گومىنداڭغا سىمۋۇل قىلىنغان.( )
2.تۈرلىگۈچى قۇشۇمچە بىلەن ياسىغۇچى قۇشۇمچىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق( )
3.«بۇرانقۇش قۇشىقى»گوركىينىڭ نەسرىي شېئىرى( )
4.بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار جاھانگېر دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.( )
5.«بىزنىڭ بىلىمىمىز چەكلىك» ناملىق ئەسەردە بىلىمنىڭ چەكلىكلىكىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىپادىلىگەن( )
6.سۇبويىدا ناملىق ئەسەر پۈتۈنلەي تۇقۇلما قىلىنىپ يېزىلغان ئەسەر ( )
7.مۇساپىرلار قاۋىقىدا» ناملىق ئەسەردە كۇڭ يىجىنىڭ ھاراقكەشلىكى تەنقىت قىلىنغان.( )
8.«ئاسىموۋ ئەسەرلىرىدىن ئىككى پارچە»دە ئىلمىي ئاساسى يوق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.( )
9.فارابىي پەزىلەتلىك شەھەر باشلىقىنىڭ 12 تۈرلۈك سۈپىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.( )
10.«دوستلۇق ھەققىدە» ناملىق ئەسەر «قابۇسنامە» دىن ئېلىنغان پارچىدۇر.( )
Ⅲبوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ(15نۇمۇر)
1.ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەشنىڭ زۈرۈرلىكى ناملىق پارچە ________ناملىق _______دىن ئېلىنغان بولۇپ،مەنىسى_______________ ئاپتۇرى _________.
2.«قاشتېشىغا مەدھىيە» ناملىق ئەسەرنىڭ ژانىرى _________بولۇپ، ئاپتۇرى ________، ئەسەردە قاشتېشىنى مەدھىيلەش ئارقىلىق __________گە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن.
3.مورفىما____ۋە_____دەپ ئىككىگەبۆلۈنىدۇ،«سايلام»سۆزىدىكى ياسىغۇچى قۇشۇمچە__.
4.«سۇبويىدا»ئېلىمىزنىڭ ____سۇلالىسى مەزگىلىدىكى مەشھۇر رومانلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاپتۇرى ________، روماندا ئىلگىرى ئاخرى بولۇپ ___پالۋاننىڭ ئىش- پائالىيەتلىرى يېزىلغان، روماننىڭ تىلى ___________ۋەقەلىكى _________.
Ⅳتەھلىل سۇئالى(17نومۇر)
1.تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىڭ.(11نۇمۇر)
«مېنىڭ بۇۋايغا قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى،گېلىمغا بىرنەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بولدۇم. نېمىدېگەن ئېغىر ئەمگەك، زور بەدەل! نېمىدېگەن كۆپ ئەجىر، ئەرزان نەرخ...»
1)بۇ پارچە كىمنىڭ قايسى ئەسىرىدىن ئېلىنغان؟ ژانىرى نېمە؟
2)« مەن »نېمە ئۈچۈن بۇۋايغا ئىچ ئاغرىتىدۇ؟ بۇۋاي ئىچ ئاغرىتىشقا تىگىشلىكمۇ قانداق ؟ قارىشىڭىزنى بايان قىلىڭ.
3)پارچىدىكى ئىسىملارنى ئايرىپ يېزىڭ
2.«خامېئىلون» ناملىق ھېكايىدىكى ئوچومىلوف ئىت چىشلىۋېلىش ۋەقەسىنى بىرتەرەپ قىلىش جەريانىدا قانچە قېتىم ئۆزگىرىدۇ؟ بۇنىڭدىن ئۇنىڭ قانداق خارەكتېرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ؟(6نۇمۇر)
Ⅴمەشىق ئىشلەش سۇئالى(20نۇمۇر)
1.تۆۋەندىكى ئەسەرلەرنى ئاپتۇر بىلەن تۇتاشتۇرۇڭ (4نۇمۇر)
نان چىخوف
بىلەيچى بۇۋاي ئەختەم ئۆمەر
خامېلېئون لۇشۈن
كۇڭ يىجى خالىدە ئىسرائىل
2.تۆۋەندىكى ئىسىملار خاس ئىسىم بولسا تۈردەش ئىسىمنى تۈردەش ئىسىم بولسا خاس ئىسىمنى يېزىڭ.(6نۇمۇر)
1) دۆلەت_ 2)تاغ_ 3)مەكتەپ_
4)چامغۇر_ 5)ئوقۇغۇچى_ 6)قوي_
3.«كەت»دېگەن پېئىلنى مۇستەقىل پېئىل رولىدا كەلتۈرۈپ بىرجۈملە، ياردەمچى پېئىل رولىدا كەلتۈرۈپ بىر جۈملە تۈزۈڭ.(4نۇمۇر)
كەت(مۇستەقىل پېئىل)_
كەت(ياردەمچى پېئىل)_
4.«يالغانچى» ۋە «يالغانچىلىق» قايسى خىل سۆز تۈركۈملىرىگە تەۋە؟ بۇ ئىككى سۆز گە مۇناسىۋەتلىك ماقال- تەمسىلدىن بىرنى دەپ بېرىڭ. (6نۇمۇر)
Ⅵيېزىقچىلىق سۇئالى(18نۇمۇر)
«ئانا ۋەتەن»دېگەن تىمىدا بىر پارچە نەسىر يېزىڭ
تەلەپ: مەزمۇن ماۋزۇدىن چەتنەپ كەتمىسۇن، خەت ئىملا توغرا، چىرايلىق بولسۇن، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىڭ،
________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________
(تەھرىر : يانتاق)