ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى > تولۇق مەزمۇنى

تولۇقⅢ يىللىقلاردىن ئېلىنىدىغان تەقلىدى ئىمتىھان

ۋاقىت : 2011-09-14 00:25 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : چىچەك | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

تولۇق يىللىقلاردىن ئېلىنىدىغان تەقلىدى ئىمتىھان سوئالى
فونىتىكا قىسمى
            (ئىمتىھان ۋاقتى 100 مىنۇت ، تولۇق نۇمۇر 100 نۇمۇر)
سوئاللار
I
II
III
IV
V
جەمئىي نومۇرى
نومۇرى
 
 
 
 
 
 
Iسۇئال: تاللاش سۇئالى (ھەر بىر تارماققا 2دىن جەمئىي   30 نۇمۇر )
تۆۋەندىكى ھەر بىر سۇئالغا بېرىلگەن تۆت خىل جاۋاپتىن پەقەت بىرسىلا سۇئال تەلىپىگە ئۇيغۇن، سىز سۇئال تەلىپىگە ئۇيغۇن دەپ قارىغان جاۋاپنىڭ ھەرب بەلگىسىنى بەلگىلەنگەن جەدىۋەلگە يېزىڭ.
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
1.تىل تاۋۇشلىرى ھەققىدە ئىيتىلغانلىرىدىن توغرىسى:
A. «ئوغلۇم ئالىي مەكتەپكە ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ،ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردى»دېگەن جۈملىدە بىر سۆزدە تاۋۇش چۈشۈپ قىلىش،بىر سۆزدە تاۋۇش ئاجىزلىشىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن
B. «بەزى ھايۋانلارنى جىددىي نەسىللەندۈرۈش كېرەك.چۈنكى،ئۇلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتسە،ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا ئېغىر زىيىنى بار» دېگەن جۈملىدىكى ھىچقانداق سۆزدە تاۋۇش ئۆزگىرىشى يۈز بەرمىگەن
C.«ھەربىر ئادەم ئۆز كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى باشقىلارغا يۈز تۇرانە دېيەلىگەن بولسا،بۇدۇنيادا مەخپىيەتلىك بولمىغان بولاتتى» دېگەن جۈملىدە بىر سۆزدە تاۋۇش چۈشۈپ قىلىش،بىر سۆزدە تاۋۇش قوشۇلۇش،تۆت سۆزدە«ئا»تاۋۇشى«ئى» تاۋۇشىغا،بىر سۆزدە«ئە»تاۋۇشى«ئې»تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن
D.«خۇدايىم شۇنداق ياراتتىمىكىن دىسەم،ئۆزۈم ۋاقتىمنى قەدىرلىمەي،بەختىمگە ئولتۇردۇم» دېگەن جۈملىدە تاۋۇش ئاجىزلىشىش ۋە چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن،قوشۇلۇپ قىلىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن
2. تۆۋەندىكىلەردىن توغرا ئېيتىلغىنى :
A. «قاراقچى ئۆيگە چىرىپ،پىچىغىنى ئېلىپ،ئۆي ئىگىسىگە تەھتىت سالدى»دېگەن جۈملىدە ئىككى سۆزدە ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن
B. «كەلگۈسى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلىشىمىز كېرەك»دېگەن جۈملىدە بىر سۆزدە ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن
C. «ئەۋلاتلار ئەژداتلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش،ۋىژدانىغا خىلاپ ئىشلارنى قىلماسلىق لازىم»دېگەن جۈملىدە ئۈچ سۆزدە ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن،ئەمما بۇ ئۈچ سۆز تەلەپپۇزدا شۇنداق تەلەپپۇز قىلىنسا بولىدۇ
D. «ئابرۇيۇڭغا نۇقسان يېتىدىغان ئىشنى قىلما»دىگەن جۈملىدىكى«نۇقسان»دېگەن سۆز تەلەپپۇزدىمۇ«نۇقسان»دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ،ھەم شۇنداق يېزىلىدۇ
3. تۆۋەندىكىلەردىن خاتاسى:
A.قۇر ئاخىرىغا كېلىپ قالغان كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ شۇ قۇرغا پاتماي قالغان قىسمى كېيىنكى قۇرغا بوغۇم بويىچە كۆچۈرۈلۈپ يېزىلىدۇ.بۆلۈنگەن بوغۇمنىڭ ئاخىرىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ
B. بىر بوغۇملۇق سۆزلەرنى ئىككى قۇرغا كۆچۈرۈشكە بولىدۇ
C. رەقەم بىلەن يېزىلغان سانلار قۇر ئاخىرىغا كېلىپ سىغماي قالسا،ئۇلارنى پارچىلاپ كېيىكى قۇرغا بۆلۈپ يېزىشقا بولمايدۇ
D. جۈپ سۆزلەرنى قۇردىن-قۇرغا بۆلۈپ يازغاندا بىرىنچى سۆزنىڭ ئاخىرىغا سىزىقچە قويۇلغانلىقتىن،كېيىكى قۇرنىڭ بىشىغا يەنە سىزىقچە قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق
4. ئۇرغۇ ھەققىدە ئېيتىلغانلىرىدىن خاتاسى:
A. «شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىگە بېرىپ كەلدىم»دىگەن جۈملىدىكى «شەھەر»دېگەن سۆزدە ئۇرغۇ ئاخىرقى بوغۇمدىكى «ە»دە كۆرۈلگەن
B. «ساۋاقداش»دېگەن سۆزگە «لار»قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا ئۇرغۇ ئاخىرقى بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇش«ا»غا كۆچكەن
C. «زامان»دېگەن سۆزگە قوشۇمچە ئۇلانغاندا ئۇرغۇ باشقا بوغۇمغا كۆچمەي،تۇراقلىق بولىدۇ،مەسلەن: زامانەڭ
D. ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەردە ئۇرغۇ كۆپ ھاللاردا سۆزنىڭ ئالدىنقى بوغۇمىدا كۆرىلىدۇ.مەسلەن: قىشلاق،يېزا
 5. تۆۋەندىكىلەردىن تەركىبىدە ئىملا خاتالىقى بولمىغان سۆزلەر گورۇپپىسى:
A.باژگىر، يىلان، يۈرەك، ئاچقۇچ
B.قۇلىقىم، كۆڭۈللۈك، ئىقتىساد، ئاشكۆكى
C. يېمەكلىك، ئورۇنۇم، تىلىگى، پىچاخچى
D. تۇراقسىز، باققا، ئىژتىمائىي، پىرانسىيە
6.تۆۋەندىكىلەردىن تىل ئورنى جەھەتتىن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار ماسلىشىپ كەلگەن سۆزلەر گورۇپپىسى:
① بايراق ② ئاچقان ③ دەپتەر ④ مەكتەپ ⑤ ئانار ⑥ ئىلغار ⑦ دۆلەت ⑧ ئەخلەت
A. ①②⑤⑥       B. ②③⑤⑥            C. ①④⑦⑧           D. ③④⑦⑧
7. «كىتاب بولمىغان بولسا،مىڭلىغان قۇياشمۇ دۇنيانى جاھالەت ئازابىدىن قۇتۇلدۇرالمىغان بولاتتى»دېگەن جۈملە ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
A.يۇقىرىقى جۈملىدە ئوچۇق بوغۇم بىلەن ئاياقلاشقان سۆزدىن تۆتى،يىپىق بوغۇم بىلەن ئاياقلاشقان سۆزدىن ئالتىسى بار
B. «كىتاب، بولسا»دېگەن سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلغاندا «كىتاپ، بو: سا»دەپ تەلەپپۇز قىلنىدۇ
C.يۇقىرىقى جۈملە تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ ھىچقايسىسىدا تاۋۇش ئۆزگىرىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن
D. «قۇياشمۇ»دېگەن سۆزدە لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشتىن ئىككىسى،لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشتىن بىرى، تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشتىن ئۈچى بار
8.تۆۋەندە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:
A.لوغەت تەركىبى ئىچىدىكى ئەڭ تۇراقلىق،ئىشلىتىش دائىرسى كەڭ،يېڭى سۆزلەرنى ياساشقا ئاساس بولىدىغان سۆزلەر ئادەتتىكى لوغەت تەركىبى دېيلىدۇ
B. «ئەجەپمۇ پىت ئۈچەيكەنسەن»دېگەن جۈملىدىكى ئىدىئوم«ئۈچىيى ئىنچىكە ۋە قىسقا»دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ
C. «ئاز سۆزلە،كۆپ ئاڭلا، ياخشىلىق قىلالمىساڭمۇ يامانلىق قىلما»دېگەن جۈملىدە ئىككى جۈپ قارمۇ قارشى مەنىلىك سۆز قوللىنىلغان
D.ھەرقانداق بىر سۆز ئەسلىي مەنە ۋە كۆچمە مەنىدە كېلىدۇ
9.لوغەت تەركىبى ھەققىدە تۆۋەندە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
A. «پەلسەپە،تەپەككۇر،ئېكۋاتۇر»قاتارلىق سۆزلەر ئادەتتىكى لوغەت تەركىبىگە كىرىدۇ،ئۇ خەلق ئاممىسى بىردەك چۈشىنىپ كېتەلمەيدىغان سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
B. «چىرايلىق،ياخشى،ئىگىز،تار»دېگەن سۆزلەر شەيئى بەلگىللىرىنى بىلدۇرىدىغان سۆزلەر بولۇپ،ئاساسىي لوغەت تەركىبىگە كىرىدۇ
 C. «ئامبال،قازى،مۇپتى»دېگەن سۆزلەر ئىستىمالدىن قالغانلىقى ئۈچۈن لوغەت تەركىبىگە كىرمەيدۇ
 D. «دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ھەسسىلەپ ئاشماقتا»دېگەن جۈملىدىكى ئاستى سىزىلغان سۆزلەر ئادەتتىكى لوغەت تەركىبىگە كىرىدۇ
10.سۆز ۋە سۆز مەنىسى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغىنى:
A. «ئۇ ئاخىر تارتقان جاپاسىنىڭ مېۋىسىنى كۆردى»دېگەن جۈملىدىكى«مېۋە»سۆزى ئەسلىي مەنىدە كەلگەن
B. «قۇش بالىسىنىڭ قانىتى يېتىلگەندە،ئۇنى قەپەسكە سولاپ قويۇش تولىمۇ رەزىللىك،شۇنىڭدەك ئادەم بالىسىنىڭ قانات-قۇيرۇقى يېتىلگەندە،ئۇنى چەكلىۋىلىش تولىمۇ بىمەنىلىك»دېگەن جۈملىدە «قانات»دېگەن سۆز باشتىن-ئاخىر بىرلا مەنىدە كەلگەن
C. «ۋاقىتنىڭ تىزگىنىنى چىڭ تۇتۇڭ»دېگەن جۈملە بىلەن «ئۇ ئاتنىڭ تىزگىنىنى چىڭ تۇتىۋالدى»دېگەن جۈملىدىكى  «تىزگىن»سۆزى 1-جۈملىدە ئەسلىي مەنىدە، 2-جۈملىدە كۆچمە مەنىدە كەلگەن
 D.«ئۇ ئىشنىڭ يولىنى بىلىدىغان بالا بولدى»دېگەن جۈملىدىكى«يول»سۆزى كۆچمە مەنىدە كەلگەن
11. «دانلىق بۇغداي ئېگىلىپ تۇرار،دانسىز بۇغداي غادىيىپ»دېگەن تەمسىل توغرىسىدا ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
A. يۇقىرىقى جۈملىدىكى«دانلىق»بىلەن «دانسىز»دېگەن سۆزلەر ۋە «ئېگىلىپ»بىلەن«غادىيىپ»دىگەن سۆزلەر قارمۇ قارشى مەنىلىك سۆزلەردۇر
B. بۇنىڭدا ئادەمنى ھە دېسىلا باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېگىلىپ تۇرۇشقا،قائىدە-يوسۇنلۇق بولۇشقا دەۋەت قىلغان
C. «غادىيىش»دېگەن سۆز «تەكەببۇرلۇق،مەنمەنلىك»دېگەن سۆزلەر بىلەن مەنىداشتۇر
D. بۇ تەمسىلدە ئوي-پىكىر ئۇدۇل ئەمەس،بەلكى شەيئىنىڭ بەلگە-خۇسۇسىيتىنى ۋاستە قىلىپ،ئەگىتمە يول ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغان
12.تۆۋەندىكى ئاستى سىزىلغان تۇراقلىق بىرىكمىنىڭ مەنىسى خاتا ئىزاھلانغىنى:
A. «ئۇ ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئېلىپ،ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى»دېگەن جۈملىدىكى ئاستى سىزىلغان بىرىكمە ئىدىئۇم بولۇپ،مەنىسى ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ
B. «باشتا تىرىشمىدىڭ،ئەمدى بىشىڭنى تاشقا ئۇرغان بىلەن بىكار»دېگەن جۈملىدىكى ئاستى سىزىلغان بىرىكمىنىڭ مەنىسى «پۇشايمان قىلىش» دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ
C. «قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ،كۆزىڭنى يۇمۇۋالما»دېگەن جۈملىدىكى ئاستى سىزىلغان بىرىكمىنىڭ مەنىسى «كۆزىنى يۇمۇپ ئۇخلىغاننى دورىۋېلىش» دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ
D. «ئۇنىڭ مۇشۇ كۈنلەردە سەل خورىكى ئۆسۈپ قالدى» دېگەن جۈملىدىكى ئاستى سىزىلغان بىرىكمە«ھال پەيدا بولۇش،مەمەدانىلىق ۋە ھاكاۋۇرلۇق قىلىش»دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ
13. تۆۋەندە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
A. «تىغ يارىسى ساقىيار، دىل يارىسى ساقايماس»بۇ ماقال بولۇپ«يارا» 1-جۈملىدە ئەسلىي مەنىدە،2-جۈملىدە كۆچمە مەنىدە كەلگەن
B. «ھارام پايدىدىن، ھالال زىيان مىڭ ياخشى» بۇ تەمسىل بولۇپ،بىر جۈپ قارمۇ قارشى مەنىلىك سۆز بار
C. «ئەگەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن،تارىخىدىن خەۋەرسىز قالسا،خۇددى خاتىرىسىنى يوقاتقان ئادەمدەك تېڭىرقاش،گاڭگىراش ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ»دېگەن جۈملىدىكى «تېڭىرقاش،گاڭگىراش»دېگەن سۆزلەر مەنىداش سۆزلەردۇر
 D. ھىكمەتلىك سۆزلەر مەلۇم شەخس تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان،چوڭقۇر ھىكمەت ۋە پەلسەپىۋىي پىكىر ئەكس ئېتىپ تۇرىدىغان تۇراقلىق جۈملىلەردۇر
14. تۆۋەندە ئېيتىلغان جۈملىلەر تەركىبىدىكى سۆزلەر ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:
A. «پۇل تاپاي دېسەڭ بېخىلراق بول،يول تاپاي دېسەڭ سېخيراق بول»دېگەن ماقالدىكى «پۇل،يول»دېگەن سۆزلەر كۆچمە مەنىدە كەلگەن
B. «مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن جان پىدا قىل»،«بەدەن چىنىقتۇرۇشنى ئادەت قىل»دېگەن جۈملىلەردىكى «قىل» دېگەن سۆز شەكىلداش سۆزدۇر
C. «يوقسۇز چىغىڭدا دوست تۇتۇپ،باي بولغاندا سىنا»دېگەن جۈملىدىكى «يوقسۇز،باي»دېگەن سۆزلەر قارمۇ قارشى مەنىلىك سۆزلەردۇر
D. «خەلقنىڭ كۆز يېشىنى كۆرەلىگەن ئادەم ھەقىقىي قەھرىمان بولالايدۇ»دېگەن جۈملىدىكى «ئىنسان،ئادەم»دېگەن سۆزلەر مەنىداش سۆزلەردۇر
15. تۆۋەندىكىلەردىن ئاستى سىزىلغان سۆز ئەسلىي مەنىدە قوللىنىلغان جۈملە:
A. ئۇ تەمبۇرنىڭ قۇلىقىنى بۇراپ بوشتىۋەتتى
B. ئۇ بۇ مەرىپەت بېغىدىن قانغىچە سۇ ئىچىشنى ئويلايتى
C. بۈركۈتنىڭ بىر جۈپ كۆزى ئىنتايىن ئۆتكۈر
D. مەن «تەلەي يۇلتۇزى» پروگراممىسىنىڭ «بوسۇغا» قىسمىنى ئەڭ ياختۇرۇپ كۆرىمەن
II. بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ؛ (10نومۇر)
16. «ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى ئايمىسىڭىز،چوقۇم غايىڭىزگە يېتەلەيسىز» دېگەن جۈملىدىكى ئاستى سىزىلغان سۆزلەردە(                 ) ھادىسىسى كۆرۈلگەن،«ئايىمىسىڭىز،غايىڭىزگە يېتەلەيسىز»دېگەن سۆزلەردە  ھادىسىسى كۆرۈلگەن. تىل تاۋۇشلىرىدىكى بۇخىل ئۆزگىرىش ئۇيغۇر تىلى تەركىبى قىسمىدىكى(                )نىڭ تەتقىقات دائىرسىگە كىرىدۇ  
17. «كۆڭۈل،ئورۇن»دېگەن سۆزلەرگە شەخس قوشۇمچىللىرى قوشۇلغاندا(    ) تاۋۇشى ۋە (      ) تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ
18. «ئاقبۇلاق،بەشكىرەم،بۇلاقسۇ»دېگەن سۆزلەر (                   ) سۆزدۇر
19. «زېرەكلەر بىلەن زىندان گۈلىستان، نائەھلى قىلار گۈلزارنى زىندان»دېگەن ماقالدىكى مەنىداش سۆزلەر (                    )، «زېرەك»دېگەن سۆزنىڭ مەنىداش سۆزى (           )، قارمۇ قارشى مەنىلىك سۆزى (                      ) دۇر
20. «دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق،ئەل سۆيگەننىڭ يولى ئوچۇق»دېگەن (                )بولۇپ،«ئوچۇق»سۆزى ھەر ئىككىلى جۈملىدە (                ) مەنىدە كەلگەن
III. مەشىق ئىشلەش سوئالى:( جەمئىي 30 نومۇر)
21.تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى توغرىمۇ؟ ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى توغرىلاڭ  (5نومۇر)
1) كۆزلۈرۈم
2)تاققا
3)چىككەن
4)باژخانا
5)كېرەگلىك
22.تۆۋەندىكى ئاستى سىزىلغان سۆزلەرنىڭ ئۇرغۇسىنىڭ قايسى بوغۇمدا ئىكەنلىگىگە ھۆكۈم قىلىڭ.(بەلگە ئارقىلىق ئىپادىلىسىڭىز بولىدۇ) (5نومۇر)
1) ئاچا، ئاپام سىنى چاقىرۋاتىدۇ .
2) ساۋاقداشلارغا دەم ئالىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ قوي .
3) ئارا- دىھقانچىلىق قورالى .
4) بىزگە بالا بولماي،بالا بولدىڭغۇ سەن؟!
5) چاپىنىڭنىڭ يىرتىلغان جايىنى تېز ياما .
23.تۆۋەندە بېرىلگەن سۆزلەرگە ئەسلىي مەنىدە ۋە كۆچمە مەنىدە جۈملە تۈزۇڭ . (6نومۇر)
1) چولپان:  ئەسلىي مەنە-
كۆچمە مەنە-
2) بوسۇغا:  ئەسلىي مەنە-
كۆچمە مەنە-
3) تۇز: ئەسلىي مەنە-
كۆچمە مەنە-
24.تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ قايسىللىرى ئاساسىي لوغەت تەركىبىگە تەۋە،قايسىللىرى ئادەتتىكى لوغەت تەركىبىگە تەۋە؟ (4نومۇر)
① سىركاي (                    ) ② ئوركېستىر(                    ) ③ ياستۇق(                   )
④ پلاستىر (                     ) ⑤ يومشاق دىتال (                  ) ⑥ ياغۇنچاق (                ) ⑦ ئادەم (                          ) ⑧ بۇلۇت (                        )
25. تۆۋەندىكى ماقال-تەمسىللەرنى تولۇقلاڭ ھەمدە قايسىسى ماقال،قايسىسى تەمسىل ئىكەنلىكىنى تىرناققا يېزىڭ . (10نومۇر)
1)                                      ساداقەتلىك ئۆلۈم ياخشى (                         )
2)                                      يامغۇر بىلەن يەر كۆكىرەر  (                         )
3) ئورغاق تۇتۇپ ئاتاڭ قالغۇچە،                                    (                         )
4)ئۆچكە تاغدا پۇل،                                              (                         )
5)                                     ،تۈلكىنىڭ ھىجايغىنى يامان (                         )
IV تەھلىل قىلىش سوئالى: (30 نومۇر  )
26.بېرىلگەن شېئىرىي پارچىنى ئوقۇپ، تەلەپلەرنى ئورۇنلاڭ .
ئوغلۇم سېنىڭ كەلدى ۋاقتىڭ قىرانلىق،
بول چاكىرى كەڭ ئاۋامنىڭ ياراملىق.
ئېغىز تەگكۈز باغلىرىڭدىن مىۋەڭگە،
ئەل ئېيتىدۇ شۇندا رەھمەت جاراڭلىق.
تەلەپ: 1) بۇ شېئىردىكى قوشۇمچە قوشۇلغاندا فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن سۆزلەرنى تېپىڭ ھەمدە قانداق فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئىزاھلاڭ. (5نومۇر)
 
 
 
 
 
26.تۆۋەندىكى جۈملە مەزمۇنى ئەكس ئەتكەن ماقال-تەمسىل ياكى ئىدىئۇم يېزىڭ. (5نومۇر)
1) ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتكەن ھالەت
 
2) نىيتىدىن يېنىش، بوشىشىش ئىپادىلەنگەن ھالەت
 
3) كۆڭۈل نازۇك نەرسە،كۆتىرەلمەس گەپنى،
   سۇ مىسقال تۆمۈرنى كۆتىرەلمىگەندەك.
4) ئىنسان،ھەم ئەقىللىق بولۇر،ھەم نادان،
   كۆيەر بالىسىغا، كۆيمەس ئانىسىغا .
 
 
5)بىلىم ئىگەللەشنىڭ زۆرۈرىيتى، بىلىمنىڭ قىممىتى ئىپادىلەنگەن ھالەت
 
27. تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ، ئاستىدىكى سۇئالغا جاۋاپ بىرىڭ.
    كىشلىك تۇرمۇشتا ئادەمنى قانائەتلەندۈرىدىغان، ياشاشقا، كەلگۈسىگە دالالەت قىلىدىغان، ۋۇجۇدىغا جاسارەت ۋە ئىشەنچ بىغىشلايدىغان بىر مەنىۋىي كۈچ بار. ئۇ بولسىمۇ ئۈمىد. چۈنكى،ھاياتلىقنىڭ يىلتىزى ئارزۇ-ئۈمىد بۇلىقىدىن سۇغىرىلىدۇ. كىم تۇرمۇشقا ئارزۇ،ئۈمىد بىلەن قەدەم باسسا،ئۇ ئۇنىڭغا ھەر قەدەمدە يار بولىدۇ.ھەرقانداق ئىشقا ئۈمىد بىلەن ماڭسا،يىراق يەرمۇ يېقىن بولىدۇ. خەلق ئارىسىدا «ئادەمنىڭ روھى چۈشسە،ئېتى يۈگرەلمەيدۇ» دېگەن ماقال بار. ئارىستوتىل شۇنداق دېگەن: «ياشلارنىڭ بەختى ئۈمىد ئىچىدە بولىدۇ». ئاندىرسون: «ئۈمىد ئىرادىدىن ياسالغان كۆۋرۈك» دېگەن. سەندە مۇقەددەس بىر ئۈمىد ۋە غايە بولسۇن.
1)     يۇقىرقى پارچىدىن كۆچمە مەنىدە كەلگەن سۆزلەرنى تېپىڭ. (3نومۇر)
 
2)     پارچىدىن  قارمۇ قارشى مەنىلىك سۆزنى تېپىڭ. (1نومۇر)
 
3)     ئارىستوتىل ۋە ئاندىرسوننىڭ سۆزلىرى تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ قايسى تۈرىگە تەۋە؟ نېمە ئۈچۈن؟ (3نومۇر)
 
 
4)     «ئادەمنىڭ روھى چۈشسە ئېتى يۈگىرەلمەيدۇ» دېگەن ماقالنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاڭ. (2نومۇر)
 
 
28.تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ تەلەپلەرنى ئورۇنلاڭ
 «... بالام، زىياپەتكە بارساڭ، ئەدەپ كەمىرىنى باغلاپ،نەپسىنىڭ ئوغرىسى ئەقلىڭ تەۋەلىكىدە غالىبلىق ئۇسۇلىنى ئويناشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن،مۇنۇ بىر قانچە ئەدەپ-يوسۇنىنى ئۆزىڭگە ھاكىم قىل: ئەڭ ئاۋال ھەرقانداق جايغا بارساڭ ۋاقتىدا بارغىن. يەنە بىرى، چاقىرىلغان بولساڭمۇ كۆڭلۈڭ خالىمىغان سورۇنلارغا باھانە كۆرسىتىپ بارمىغىن. سورۇنغا بارغاندىن كېيىن ئۆزۈڭنى تۇتۇشنى بىلگىن. ئەدەپ بىلەن ئولتۇرغىن.گىلەم ۋە سېلىنچا سېلىنغان جايغا ئاياغ بىلەن دەسسىمە، پايپاقلىرىڭ پاكىز بولسۇن. سورۇندا ئورنۇڭ نەگە توغرا كەلسە،شۇ يەردە ئولتۇر.»
1)     پارچىدا تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن سۆزدىن تۆتى بار. سىز شۇلارنى تېپىپ،قايسى تاۋۇش چۈشۈپ قالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىڭ. (4نومۇر)
 
 
 
2)     «پاكىز يۇيۇلسۇن» دېگەن بىرىكمە تەركىبىدىكى «يۇيۇلسۇن» دېگەن سۆزدە قانداق فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن؟ (2نومۇر)
 
 
 
3)     پارچىدىن لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەن سۆزدىن ئىككىنى، تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەن سۆزدىن ئۈچنى تېپىڭ. (5نومۇر)
 

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(4)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
چىچەك تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-13 23:09 ئاخىرقى كەلگىنى:2011-11-24 23:11
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ