ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى > تولۇق مەزمۇنى

تىل-ئەدەبىيات مەۋسۇملۇق ئىمتىھان سوئالى

ۋاقىت : 2013-03-01 21:06 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئەخلەت | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
تىل-ئەدەبىيات مەۋسۇملۇق ئىمتىھان سوئالى
(9-يىللىق  1-مەۋسۇم)
 
تاللاش سوئالى: (ھەر بىرىگە 2دىن جەمئىي 20 نومۇر بېرىلىدۇ.)
سوئال نۇمۇرى 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10
جاۋابى                    
 
1. ‹‹كۆرمىگىل قەشقەرنى كەم، بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر،
ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغرايى خاقانلار ياتۇر›› دېگەن بېيىت ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:                                    (     )
  A. بۇ بېيىت قۇتلۇق شەۋقىنىڭ ‹‹ياتۇر›› ناملىق شېئىرىدىن ئېلىنغان.
  B. ئاپتور  1920- ۋە 1930- يىللاردا قەشقەردىكى ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىغان.
  C. 2- مىسرادا كۆزدە تۇتۇۋاتقىنى قاراخانىلار خانلىقىنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان پادىشاھى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننى كۆرسىتىدۇ.
D. ‹‹شېئىردىكى قاپىيىداش بولۇپ كېلىۋاتقان سۆز ‹‹ياتۇر››.
2. « بار مەگەر شائىر غېرىب، يالغۇز ياتۇر كۆككە قاراپ، كۆكتە يۇلتۇزلار يانار، يەردە پەقەت شائىر يانار...» دېگەن مىسرا توغرىسىدا مۇۋاپىق ئېيتىلغان ھۆكۈم:
  A. دۇنيادا پەقەت شائىرلار غېرىبلىق ھېس قىلىدۇ.
  B. كۆكتە يۇلتۇزلار چاقنىغاندەك، زېمىندا شائىرلار چاقنايدۇ.
  C. شائىرلار بەك رومانتىك بولغاچقا، غەلىتە پىكىر قىلىدۇ.
  D. شائىرلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسى ئەڭ باي كىشىلەردۇر.
3. ‹‹قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئادەملا تۇرمۇش يارىتالايدۇ›› دېگەن ئەسەر ھەققىدە توغرا ئېيتىلغىنى:                                (          )
  A. بۇ ئەسرنىڭ ئاپتورى سېچېنوۋ بولۇپ، ئۇ روسىيىلىك فىزىئولوگىيە ئالىمى.
  B. بۇ ئەسەرنىڭ ژانىرى مۇھاكىمە ماقالىسى بولۇپ، ئاپتور دەلىل- پاكىتلارنى دەل جايىدا كەلتۈرگەن.
 C. ‹‹پەقەت ھاياتلىق يولىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان، ئىنسانىيەتكە ئازدۇر- كۆپتۇر تۆھپە قوشقان كىشىلا ھەقىقىي تۈردە كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ياشايدۇ›› دېگەن جۈملىدىكى مەزمۇن ماۋزۇدا ئىپادىلەنگەن مەنىنى يورۇتۇپ بېرىشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.
 D. ‹‹بۇ ئالىمنىڭ ئۆمرى پەۋقۇلئاددە مۇھىتتا ئۆتتى، ئۇ دائىم  ھەقىقەتكە باش ئىگەتتى›› دېگەن جۈملىدىن ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان ئالىمنىڭ ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھىنىڭ سەل ئاجىزلىقىنى ھېس قىلالايمىز.
  4. ‹‹پالۋان كەلدى›› ناملىق ھېكايىدا:  (     )
.A مانجۇ ھاكىمىيىتى ۋاقتىدىكى دېھقانلارنىڭ ئالۋان- سېلىقىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكى باش تېما قىلىنغان.
.B ئەينى ۋاقىتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ مانجۇ ئەمەلدارلىرى بىلەن يەرلىك ئەمەلدارلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن.
.C سادىر پالۋان بىلەن خائىن- مۇناپىقلار ئوتتۇرىسىدىكى ۆۈرەش ئاساسلىق تەسۋىرلەنگەن.
.D سادىر پالۋاننىڭ باتۇرلىقى، خەلقنىڭ زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەتكە كەلگەنلىكى باش تېما قىلىنغان.
5. تۆۋەندىكىلەردىن تەڭداش بۆلىكى بار بولغان جۈملە:      (        )
.A ‹‹ پالتا چۈشكىچە كۆتەك ئارام ئاپتۇ ››
.B نامراتلىق بىزنى تۇرمۇش بىلەن، دۇنيا بىلەن بىۋاستە ئۇچراشتۇردى.
.C يۇرتنىڭ بايلىقى شاھنىڭ كۆڭلىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرالماس
.D جىنايەتنى داۋالاشنىڭ توغرا ئۇسۇلى ئۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلىش
6. تۆۋەندىكىلەردىن پېرسوناژ تەسۋىرى ھەققىدە توغرا ئېيتىلغىنى:
A. «ئېگىز بوي، كەكە ساقال، دوقا ماڭلاي، يېشى ئاتمىشتىن ھالقىغان مەزەمزات ھېكىم كىمخاب تۇماق، موۋۇت پەرىجە كىيگەن ھالدا غادىيىپ، ھەممىنىڭ ئالدىدا  كىبىرانە قەدەم تاشلاپ چىقىۋاتاتتى» بۇ پارچىدا پورتېرت تەسۋىرى بېرىلگەن.
B.«ــ بېشىڭدىكى قۇلاقچىغا قارىغىنا، 40 ياماق! سەن ئوتۇن ئەكەلگىلى ئەمەس، مېھمان بولۇپ كېتىۋاتىسەن!» بۇ پارچىدا ھەرىكەت تەسۋىرى بېرىلگەن.
C. «ــ تۇر ئورنۇڭدىن! ــ دەپ گەجگىسىدىن يۇلۇۋاپتۇ ئىمام ئاخۇنۇم،ــ ھۇ، بىنومۇس ئالۋاستى! ــ شۇ سۆز بىلەن بىر كاچات ساپتۇ. » دېگەن جۈملىدە قىياپەت تەسۋىرى بېرىلگەن.
D. «دېمەك، بىزنىڭ ياش- ئۆسمۈرلىرىمىز ئەنە شۇ ئاتالمىش ‹‹ئەقىللىق›› ئوسكار بېلىقتەك مەنىسىز ياشاپ، ھاياتىنى ئەسلەشكە ئەرزىمەيدىغان ھالدا بىھۇدە ئۆتكۈزىۋېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.» پىسخىكا تەسۋىرى بېرىلگەن.
7. تۆۋەندىكىلەردىن ئەسەر، ئاپتورى، ژانىرى، دۆلەت تەۋەلىكى توغرا گۇرۇپپىلانغىنى:                                           (       )
A. « ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈش» چىڭغىز ئايتماتوف، پوۋىست، روسىيە.
B. ‹‹ئانا تىلىم››        قۇتلۇق شەۋقى         شېئىر     قازاقىستان
C. «تەپەككۇر ئادەم مېڭىسىنىڭ مەھسۇلى» مۇھاكىمىلىق ئەسەر  ئەسەت سۇلايمان            جۇڭگو
D. «پالۋان كەلدى»     تېيىپجان ھادى،     ھېكايە،       جۇڭگو
8. ‹‹ ئانا يۇرت›› رومانى توغرىسىدا ئېيتىلغان خاتا ھۆكۈم:  (     )
.A بۇ روماننى مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىر يازغان.
.B بۇ رومان جەمئىي ئۈچ قىسىم بولۇپ، شىنجاڭ تارىخىدا يۈز بەرگەن زور ئىنقىلاب_ ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ›› نى ئاساسىي تېما قىلغان.
.C روماندا تەسۋىرلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى تارىختا ياشاپ ئۆتكەن رېئال پېرسۇناژلاردۇر.
.D روماندىكى تۇرمۇش ئاساسلىقى ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ- ئادىتى بولۇپ، ئاپتور ھەربىر كىچىك ئىشلارغىچە ئەھمىيەت بېرىپ، مىللىي پىسخىكىنى جانلىق سۈرەتلەپ بەرگەن.
9. تۆۋەندىكى سۆ‍زلەردىن ھەممىسى ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە تەۋە بولغىنى:
  A. تەمۇغ، خال، يامۇل، جەننەت.
  B. خادىك، مالىخاي، ئامبال، يۇلتۇز.
  C. دوتەي، باپكا، مېتېرىئولوگىيە، شېكەستە.
  D. شەرىئەت، ئاپاق، ئەيىب، بېدىك.
  10. «چوردۇن ئۇلارنىڭ قارلىغاچلار ئىكەنلىكىنى بىلەتتى» دېگەن جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ باغلىنىشى ھەققىدە خاتا ئېيتىلغىنى:
  A. «چوردۇن بىلەتتى» ئىگە ــ خەۋەر مۇناسىۋىتى
  B. «قارلىغاچلار ئىكەنلىكىنى بىلەتتى» چىرمىشىش مۇناسىۋىتى.
  C. «ئۇلارنىڭ قارلىغاچلار ئىكەنلىكىنى» چىرمىشىش مۇناسىۋىتى.
  D. «قارلىغاچلار ئىكەنلىكىنى بىلەتتى» باشقۇرۇش مۇناسىۋىتى.
 
بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ. (جەمئىي 11 نومۇر بېرىلىدۇ)
11. تېيىپچان ئېلىيېف (         )- يىلى تۇغۇلۇپ، (        )- يىلى ۋاپات بولغان. تونۇلغان (          ).
12. « ئۇ ماڭا ھەر قاچان تىرىكتەكلا تۇيۇلىدۇ، ھەتتا ھازىرمۇ ئۇ شۇ يەردە باردەكلا قىلىۋاتىدۇ، كۆڭلۈم شۇ ياققا تارتىپلا تۇرىدۇ، مېنىڭ ئۇنى كۆرگۈم كېلىۋاتىدۇ،ــ دېدى بوۋاي.» دېگەن پارچىدىكى ئۇ (         ) نى كۆرسىتىدۇ. بۇ پارچىدىكى تەسۋىر (         ) تەسۋىردۇر. پارچىدىكى ۋاقىت رەۋىشى (         ) دىن ئىبارەت.
 13. «ئۇنىڭ يۇمۇرلىرى ھەممىمىزنى قاتتىق كۈلدۈرۈۋېتەتتى» دېگەن جۈملىدىكى ئىگە (     )، خەۋەر (      ) بولۇپ، «قاتتىق» دېگەن (        ) رەۋىشىدۇر.
14. ھالەت جۈملىدە (        ) ياكى (          ) خاراكتېردىكى بېرىكمىلەرگە بېقىنىپ كېلىدۇ.
 
قىسقىچە جاۋاب بېرىڭ.
15. جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ باغلىنىشى قانچە خىل؟ قايسىلار؟(2 نومۇر)
 
 
 
16. «ئانا يۇرت» رومانىدىن ئېلىنغان «ئوغلاق تارتىش» پارچىسىدا تەسۋىرلەنگەن مۇختار باينىڭ نۇقتىلىق ئالاھىدىلىكىنى يىغىنچاق يېزىپ چىقىڭ. (3 نومۇر)
 
 
 
 
 
17. سادىر پالۋاننىڭ خاراكتېرىدە قانداق ئالاھىدىلىك روشەن گەۋدىلەنگەن؟ (3 نومۇر)
 
 
 
 
 
ئۇنۋېرسال مەشىق سوئالى
18. «ــ ئادەم بول، ئوغلۇم! قەيەردىلا بولساڭ ئادەم بول! ئۆمۈر بويى ياخشى ئادەم بولۇپ قال!»
  (1) بۇ پارچە قايسى ئەسەردىن ئېلىنغان؟ سۆزلىگۈچى كىم؟ (2 نومۇر)
 
 
  (2) «ئادەم بول» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى نېمىدەپ چۈشىنىش كېرەك؟ سۆزلىگۈچىنىڭ قانداق ھېسسىياتىنى بايقىدىڭىز؟ (3 نومۇر)
 
 
 
 
  19. تۆۋەندىكى سۆ‍زلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بارلىقىنى ئىزاھلاڭ. (3نومۇر)
  باھار كەلدى          (                   )
  كىتاب ئوقۇش        (                   )
  قىزىل بايراق        (                   )
  مەكتەپتىن قايتىش  (                   )
  دۇنيا لوڭقىسى       (                   )
  چىڭقى چۈش        (                   )
 
  20. تۆۋەندىكى جۈملىنىڭ بۆلەكلىرىنى ئايرىڭ. (5نومۇر)
  (1) ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇنىڭدىن يەنە بىر پارچە خەت كەلدى.
 
 
  (2) «بىز بۈگۈن ھەر مىللەت ئالىم، مۇتەخەسسىسلىرى پايتەخت بېيجىڭغا جەم بولۇپ ‹ئەلىشر نەۋائى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 560 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەملىكەتلىك ئىلىمىي مۇھاكىمە يىغىنى›نى ئېچىۋاتىمىز›› دېگەن جۈملىنى يىغىق ئاددىي جۈملىگە ئايلاندۇرۇپ يېزىڭ. (2 نومۇر)
 
 
  21. تەلەپ بويىچە جۈملە تۈزۈڭ. (6نومۇر)
  (1) «قارا» سۆ‍زىنى كېمەيتمە دەرىجىدە كەلتۈرۈپ شەيئىنىڭ رەڭگىنى سۈپەتلەپ بېرىڭ.
 
 
  (2)«...گەرچە...بولسىمۇ، لېكىن...» شەكلىدە جۈملە تۈزۈڭ.
 
 
 
  (3) شامالنى جانلاندۇرۇپ، مايسىنى سۈپەتلەپ بىر جۈملە تۈزۈڭ.
 
 
 
    يېزىقچىلىق مەشىقى (جەمئىي 40 نومۇر)
22. ئائىلىڭىزدىكەر مەھەللىگە ‹‹ئارمان›› تاللا بازىرىنىڭ تارماق دۇكىنىنى ئاچماقچى، شۇڭا ئۇلارغا ياردەم قىلىپ،  ‹‹ئارمان›› گوروھى بىلەن تۈزۈدىغان توختامنى تۈزۈپ بېرىڭ. (10نومۇر)
  (1) توختامنامە تۈزۈش قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولسۇن،
(2) سۆز- جۈملىلەرنى ئېنىق، توغرا، دەل جايىدا ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىڭ.
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
23. ‹‹قەھرىمانلىق، قاراملىق›› قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىر پارچە مۇھاكىمە خاراكتېرلىك ئەسەر يېزىڭ. (30 نومۇر)
تەلەپ:
1) مۇھاكىمە ماقالىسىنىڭ ئامىللىرى تولۇق گەۋدىلەنسۇن.
2) باش - ئاخىرى باغلاشقان، پىكىرلەر قايىل قىلارلىق بولغان، مۇئەييەن كۆزقاراش ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇشى كېرەك.
3) ئابزاسلىرى ئېنىق، خەت چىرايلىق، ئىملا توغرا بولسۇن.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-07-25 17:07
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ