ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى > تولۇق مەزمۇنى

9- يىللىقلار ئۈچۈن 1- مەۋسۇملۇق تىل- ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالى

ۋاقىت : 2013-03-01 21:08 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئەخلەت | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
9- يىللىقلار ئۈچۈن 1- مەۋسۇملۇق تىل- ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالى
 
بوش ئورۇن تولدۇرۇش سوئالى  (10 نومۇر )
1. سەئىدىيە خانلىقى (         )نى پايتەخت قىلىپ (       )- يىلدىن (      )- يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن خانلىق.
2. ‹‹ چىچەننىڭ بەلگىسى سۆزىدىن، باتۇرنىڭ ئۆتكۈرلۈكى كۆزىدىن سېزىلىدۇ ›› دېگەن جۈملىدىكى ‹‹چىچەن، باتۇر، ئۆتكۈر ›› دېگەن سۆزلەر سۆز تۈركۈملىرىنىڭ (         ) تۈرىگە تەۋە بولسىمۇ، ئۇلار بۇ جۈملىدە (        ) سۆز تۈركۈمى رولىدا كەلگەن. جۈملىدىكى ‹‹ چىچەننىڭ بەلگىسى ›› دېگەن سۆزلەر بېقىندى باغلىنىشنىڭ (             ) مۇناسىۋىتىدە، ‹‹ كۆزلىرىدىن سېزىلىدۇ ›› دېگەن  سۆزلەر (            ) مۇناسىۋىتىدە باغلىنىپ كەلگەن.
3. ‹‹نۇر چېچىپ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› خەلقنى قىلغان بەختىيار
خاس يۈسۈپ ھاجىپقا ئوخشاش ئەھلى ئېرپانلار ياتۇر›› دېگەن بېيىتتىكى ئاستى سىزىلغان سۆزلەر ئايرىم- ئايرىم ھالدا (                    )، (                      )، (                     ) دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
 
تاللاش سوئالى  ھەربىر تارماققا بېرىلگەن تۆت خىل جاۋابنىڭ سوئال تەلىپىگە ماس كېلىدىغان بىرلا توغرا جاۋابنىڭ ھەرپ بەلگىسىنى تىرناق ئىچىگە تولدۇرۇڭ. (20 نومۇر)
4. ئاماننىساخاننىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى:                  (      )
.A ‹‹ ئىشرەت ئەڭگىز ›› مۇقامىنى ئىجاد قىلغانلىقىدا
.B شاھنىڭ خانىشى بولۇپ، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىدا.
.C ‹‹ ئون ئىككى مۇقام ›› نى رەتلەپ چىققانلىقىدا
.D ساز چېلىش، شېئىر يېزىش، ھۆسنىخەت يېزىش جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.
5. ‹‹ ئابدۇراخماننىڭ تىرىشچانلىقى ھەممىدىن يۇقۇرى›› دېگەن جۈملىدىكى چىرمىشىش باغلىنىشتا كەلگەن سۆزلەر:  (    )
A. ‹‹ ئابدۇراخماننىڭ ›› بىلەن ‹‹ يۇقۇرى ››
B. ‹‹ ھەممىدىن ›› بىلەن ‹‹ يۇقۇرى ››
C. ‹‹ تىرىشچانلىقى ›› بىلەن ‹‹ يۇقۇرى ››
D. ‹‹ ئابدۇراخماننىڭ ›› بىلەن ‹‹ تىرىشچانلىقى ››
6. ‹‹ قىسمىتىڭدىن يۈرمە زارلاپ، كۆز ئېچىپ ئەتراپقا باق،
       بىزمۇ ئادەم باشقىلاردىن نەرىمىز كەم ئېيتىپ باق.
      كۈچلۈكلەر ھايات قالۇركەن، ئاجىزلار ھالاك بولۇپ،
      رىقابەتتە دەس تۇرۇپ بىلىم بىلەن ئېلىڭنى باق. ›› دېگەن مىسرالار توغرىسىدىكى خاتا جاۋاب:                                    (       )
.A ‹‹ باق ›› سۆزى شەكىلداش سۆز بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەنىلەردە كەلگەن.
.B بۇ شېئىر ۋەزىنلىك شېئىر بولۇپ، ئۇدا قاپىيە شەكلىدە يېزىلغان.
.C ‹‹ كۈچلۈكلەر ھايات قالۇركەن، ئاجىزلار ھالاك بولۇپ›› دېگەن مىسرادا سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغان.
.D شېئىردا ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلاشماي، ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى بىل، دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
7. تۆۋەندىكىلەردىن ئىگىسىز ئاددىي جۈملە بولالايدىغانلىقىنى: (    )
A. ئەتە تاغقا چىقىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقچى بولۇۋاتىمىز.
B. بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلدى.
C. سىلەرنىڭ دەرسكە كېچىكمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
D. بىز بارالمايمىز.
8. تۆۋەندىكى قاراشلاردىن توغرىسى:                      (     )
A. ‹‹ئانا تىلىم›› ناملىق شېئىرنىڭ ئاپتورى قۇتلۇق شەۋقى بولۇپ، ئۇ 1930- يىلىدىن 1989- يىلىغىچە ياشىغان.
B. ‹‹قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئادەملا تۇرمۇش يارىتالايدۇ›› ناملىق نەسىردە ئۇلۇغ ئالىم سېچېنوۋنىڭ تەۋرەنمەس روھى، تىرىشچانلىقى، ئالىي پەزىلىتىگە مەدھىيە ئوقۇلغان.
C. ‹‹تەپەككۇر ئادەم مېڭىسىنىڭ مەھسۇلى›› دېگەن ئەسەردە تەتقىقاتچى يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندى ئۆز پىكرىنى قۇۋۋەتلەشتە ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئادەمنىڭ پىكىر قىلىش ئورنى بولغان مېڭە توغرىسىدىكى قاراشلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.
D. پروزا دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى شېئىر- قوشاق دېگەنلىك بولىدۇ.
9. ‹‹ تالاي يىللار ئۆتۈپ كەتتى. ›› دېگەن جۈملىدە ئېنىقلىغۇچى بولۇدىغان سۆز تۈركۈمى:                                   (       )
A. ئىسىم                               B. پېئىل
C. رەۋىش                               D. سان- مىقدار بىرىكمىسى
10. ‹‹ ئانا يۇرت›› رومانى توغرىسىدا ئېيتىلغان خاتا ھۆكۈم:  (     )
.A بۇ روماننى مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىر يازغان.
.B بۇ رومان جەمئىي ئۈچ قىسىم بولۇپ، شىنجاڭ تارىخىدا يۈز بەرگەن زور ئىنقىلاب_ ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ›› نى ئاساسىي تېما قىلغان.
.C روماندا تەسۋىرلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى تارىختا ياشاپ ئۆتكەن رېئال پېرسۇناژلاردۇر.
.D روماندىكى تۇرمۇش ئاساسلىقى ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ- ئادىتى بولۇپ، ئاپتور ھەربىر كىچىك ئىشلارغىچە ئەھمىيەت بېرىپ، مىللىي پىسخىكىنى جانلىق سۈرەتلەپ بەرگەن.
 
مەشىق ئىشلەش سوئالى
11. تۆۋەندىكى ئاستى سىزىلغان سۆزلەرنىڭ قانداق مۇناسىۋەتتە كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىڭ.   ( 4 نومۇر )
1) مەن دەم ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ كىتابخانىغا باردىم.
 
2) مېنىڭ ئوغلۇم خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.
 
3) ياسىن يوغان تاۋۇز ئۈزدى.
 
4) سەمەت يەكەندىن كەپتۇ.
 
12. ‹‹ ئاھ، مۇيەسسەر بولمادى كۆڭلۈمدە ئەرمانىم مېنىڭ،
      بۇ جىھەتتىن تامدى يەرگە ئەشكى خۇنبارىم مېنىڭ.››
1) يۇقۇرىدا بېرىلگەن پارچە قايسى ئەسەردىن ئېلىنغان؟ ئاپتورى كىم؟ (2 نومۇر )
 
2) ئاستى سىزىلغان سۆز بىرىكمىسىنىڭ مەنىسى نېمە؟ بۇ سۆزلەر بېقىندىلىق باغلىنىشنىڭ قايسى مۇناسىۋىتىدە كەلگەن؟ ( 2 نومۇر )
 
3) بۇ شېئىر قايسى خىل شېئىرىي شەكىلگە تەۋە بولىدۇ؟ شۇ خىل شېئىرىي شەكىلنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىپ بېرىڭ. (2 نومۇر)
 
 
 
13. ‹‹ ئانا تىلىم،
مۇھەببەت بابىدا چەكسىز يېقىملىق،
جىلۋىدار تىلىم.
نەپرەت بابىدا شۇنچە شىددەتلىك،
زۇلپىقار تىلىم.›› دېگەن پارچىدا قايسى خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر قوللىنىلغان؟ ئايرىم- ئايرىم كۆرسىتىپ شەرھىيلەڭ. ( 4 نومۇر )
 
 
14. تۆۋەندىكى جۈملىنى جۈملە بۆلەكلىرىگە ئايرىڭ. ( 5 نومۇر )
دەريا ياقىسىدىكى جايلارنىڭ ھاۋاسى بەك ساپ.
 
تەھلىل سوئالى
15. ‹‹سەر نەۋىشت روزى ئەزەلدە ئۇشبۇ ئېرمىش قىسمەتىم،
      ئۆرۈلۈر فەسلى خەزانغە، فەسلى گۈلزارىم مېنىڭ ›› دېگەن بىيىتنى تەلەپلەر بويىچە تەھلىل قىلىڭ.
1) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىڭ. ( 4 نومۇر )
 
 
2) پارچىدىكى ‹‹ گۈلزار››، ‹‹ غازاڭ ›› دېگەن سۆزلەر ئەسلىي قايسى سۆز تۈركۈمىگە تەۋە سۆزلەر؟ ئۇلار جۈملىدە قانداق ۋەزىپە ئۆتىگەن؟ ‹‹گۇلزار پەسىل، غازاڭ پەسىل››دېگەن سۆزلەر ئايرىم- ئايرىم قانداق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ؟ (3 نومۇر)
 
 
 
 
18. سىز تەقدىرگە ئىشىنەمسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟ سىلەرچە، ‹‹تەقدىر كىشىلەرنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ ›› دېيىش توغرىمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ قارىشىڭىزنى بايان قىلىڭ. (3 نومۇر)
 
 
 
19. مېتېئورولوگىيە فېنولوگىيىسى دېگەن ئاتالغۇنى چۈشەندۈرۈڭ. (3 نومۇر )
 
 
 
20. ‹‹نەزەر مۇفتىغا خەت›› ناملىق ئەسەرنى نېمە ئۈچۈن ھەجۋىي شېئىر دەيمىز؟ مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈڭ. ( 2 نومۇر )
 
 
 
21. تۆۋەندىكى پارچىنىڭ نومۇر قويۇلغان ئورۇنلىرىغا تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇپ بېرىڭ. ( 4 نومۇر )
كوچىمىز① ئورغاق ئاي شەكىللىك خالتا كوچا② ھازىر ③قوش مەسچىت④ دېمىسە ھېچكىم بىلمەيدىغان بۇ كوچىمىزنىڭ ئەسلىي نامى ⑤ئايكوچا⑥ ئىكەن شۇنداقمۇ⑦ بوۋا⑧
 
22. ‹‹بىزنى ئوراپ تۇرغان تەبىئەت ــ بىر بۈيۈك ئانا›› دېگەن جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئوي- پىكىرنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ. ( 2 نومۇر )
 
 
 
يېزىقچىلىق سوئالى (30 نومۇر)
24. ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى، ئۇنى ئۆگىنىشنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى رولى ھەققىدە پىكىر قىلىپ ‹‹ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ›› دېگەن تېمىدا بىر پارچە مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىڭ. نۇقتىئىنەزەر ئېنىق، دەلىللەر قايىل قىلارلىق، ئىسپاتلاش جەريانى لوگىكىغا ئۇيغۇن بولسۇن. خەت چىرايلىق، ئىملا توغرا بولسۇن، ھەجىمى بىر يېرىم بەتتىن كەم بولمىسۇن.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(3)
75%
ناچاركەن
(1)
25%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-07-25 17:07
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ