9-8-7-يىللىقلار ئىدىيە ئەخلاق ماۋسۇملۇق ئىمتىھان سۇئالى
ئىددىيە سىياسىدىن ئىمتىھان سۇئالى
1- سۇئال:تاق تاللاش سۇئالى21 نومۇر
1 | 2 | 3 | 4 | 5 | 6 | 7 | 8 | 9 | 10 | 11 |
12 | 13 | 14 | 15 | 16 | 17 | 18 | 19 | 20 | 21 | |
1)ئىلىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى( )
A.ئومۇمى مۈلۈكچىلىك.B.كوللىكتىپ مۈلۈكچىلىك.C.خۇسۇسى مۈلۈكچىلىك.
2)سوتسىيالىستىك مەدىنىيەت قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىشتىكى تەلەپ( )
A.سوتسىيالىستىك ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش.B.ئىلغار مەدىنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يۈلىنىشىنى پۇختا ئىگەللەش.C.مائارىپ پەن-تەخنىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇش.D.غايىلىك ئەخلاقلىق كىشىلەرنى تەربىلەپ چىقىش.
3)سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدىنىلىكنىڭ كونكىرىتنى مەزمۇنى بولسا( )
A.ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلىشى.B.ماددى مەدىنىلىك قۇرۇلىشى.C.سىياسى مەدىنىلىك قۇرۇلىشى.
4دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ ئاساسى ئەخلاق ئۆلچىمى( )
A.غايىلىك ئەخلاقلىق بولۇش.B.مەدىنى ئىنتىزامچان بولۇش.C.مەدىنىيەتلىك دىمۇگراتىك بولۇش.D.سەمىمى ئەدەپلىك بولۇش.
5)جاپاغا چىداپ كۇرەش قىلىش روھى بولسا ( )
A. جاپاغا چىداشتا ئىپادىلىنىدۇ ، B . ئىگىلىك تىكلەشتە ئىپادىلىنىدۇ ، C. تىرىشۋان كەمتەر بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ ،D. رىقابەت ئېڭى بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ .
6) غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چوقۇم پىلان بولۇش لازىم ، بۇ پىلان ( )
A. ئامال بار قىسقا مەزگىللىك بولۇش لازىم ، B. چوقۇم ئەڭ ئۇلۇغۋار پىلان بولۇشى لازىم ، C. ئوتتۇرا مەزگىللىك پىلان بولۇشى لازىم ، D. ئۇزاق مەزگىللىك پىلان بولۇشى لازىم .
7) ئومومى مۇلۇكچىلىك ئىگىلىگىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش كىرەك،چۇنكى ئومومى مۇلۇكچىلىك بولسا ( )
A. دۆلەت ئىقتىسادىدىكى ئاساسى كۇچ ، B. دۆلەت ئىقتىسادى تۇزىمىنىڭ ئاساسى ئەمەس، C. دۆلەت ئىگىلىگىنىڭ يىتەكچى كۇچى ،
8) پۇقرالار ئاساسى ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ يادروسى ( )
A. كوللىكتىۋىزىم ، B. سەمىمى ئىشەنچلىك بولۇش، C. تىرىشچان قەيسەر بولۇش،D. خەلىق ئۇچۇن خىزمەت قىلىش.
9)ئىلغار مەدىنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يۆلىنىشنى مۇستەھكەم ئىگەللەشتە ئەڭ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەردە چىڭ تۇرۇش لازىم ( ) : پارتىيەنىڭ رەھبەرلىگىدە ، B. پارتىيىنىڭ ئاساسى لۇشەنىدە، C. 4 ئاساسى پىرىنسىپتا ، D. 3كە ۋەكىللىك قىلىش موھىم ئىددىيىسىدە .
10)كونىلاردا ئاش- نان ئەجىرسىز كەلمەس ھەرقانداق ئىشتا غەيرەت شىجائەت كىرەك دىگەن گەپ بار . بۇ سۆز تۆۋەندىكىلەرنى چۇشەندۇرىدۇ ( )
A. ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ، B. يىڭىلىق يارىتىش روھى ، C. جاپاغا چىداپ كۇرەش قىلىش روھى ،D. كەسىپنى سۆيۇش ،ئۆزىنى بىغىشلاش روھى .
11) ئىنگىلىس غايىلىك ئادەمنىڭ تۇرمۇشى ئوتۇقلۇق بولىدۇ ەپ كۆرسەتكەن ، بۇ بىر جۇملە سۆز بىزگە شۇنى چۇشەندۇرىدۇكى ( )
A. غايە كىشىلىك ھاياتتىكى كۇرەش نىشانى ، B. غايە چوقۇم رىئاللىققا ئايلىنىدۇ ، C. يۇكسەك غايە كىشىنىڭ روھى تۇۋرىگى، D. غايىلىك ئادەم چوقۇم جەمىيەتكە زور تۆھپە قوشىدۇ .
12. كوللىكتىپ مەنپەت بىلەن شەخسى مەنپەت بولسا ؛( )
A .پۈتۈنلەي ئوخشاش B.ئۆز-ئارابىقىنىدۇ C .ئۆز-ئارا زىت مۇناسىۋەتتە D. بىر-بىرىنى ئىگەللەيدۇ
13 .دۆلەتنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى قوغداش ھەر بىر پۇخرانىڭ مەسئۇلىيىتى ،دۆلەتنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىغاندا ؛( )
A ھەربىلەر بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئىلىشى كىرەك B. بىز ئاجىز ئامالىمىز يوق C. بىز كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ، دۆلەتنىڭ نام-ئابرويىنى قوغدىشىمىز لازىم D. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى
14. سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسى لۇشەننى بىكىتىشنىڭ ئاساسى ؛( )
.Aدىڭشاۋپىڭ نەزەرىيەسى B. سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسى زىددىيەت C. سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرىۋاتقانلىغىدىن ئىبارەت دۆلەت ئەھۋالى D. سوتسىيالىزىمنىڭ تۈپكى ۋەزىپىسى
(
15.خەلىق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى :
.Aدۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسى تۈزۈمى B. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى ئىختىزادى تۈزۈمى C .دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ ئالى ھوقۇقلۇق ئورگىنى D. مىللى مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان تۈزۈم
16.پارتىنىڭ خەلىققە رەھبەرلىك قىلىپ ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسى تەدبىرى ؛( )
A.ئىشىكنى سىرتقا قارىتا ئىچىۋىتىش B. پىلانلىق تۇغۇت
C. دۆلەتنى قانۇن بويىنچە ئىدارە قىلىش D. مۇھىتنى قوغداش
17.دۆلەتنى قانۇن بويىنچە ئىدارە قىلىشنىڭ يادروسى ؛( )
A.ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇش B. قانۇن بولغانىكەن ئۇنىڭغا تايىنىش C .قانۇننى ئىجراقىلىشتا قاتتىق بولۇش D. ئاساسى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش .
17)مىللى مەدىنىيەتنىڭ جەۋھىرى ؛( )
A.مىللى ئۆرىپ-ئادەت B. مىللى روھ C. مىللى قائىدە –يوسۇن D. مىللى مەدىنىيەت
18) ئىلىمىز بايلىق مەنبەلىرىنى قوغداش ،نوپۇس ،بايلىق ،مۇھىتقا نىسبەتەن ( ) ئىستىراتىگىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى .
A.ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستىراتىگىيەسى B. دۆلەتنى پەن-مائارىپ گۈللەندۈرۈش ئىستىراتىگىيەسى C .ئىشىكنى سىرتقا ئىچىۋىتىش D. ئورتاق بىيىش
19)ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا پارتىيەھۆكۆمەت ( ) دىن ئىبارەت ئىككى ئاساسى فاڭجننى بىكىتتى.
A.سىرتقا قارىتا ئىشىكنى ئىچىۋىتىش B.تىنىچ بىرلىككە كەلتۈرۈش C. بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش D. مىللى تىرىتورىيەلىك
20)تۆۋەندىكى تاللاشلاردىن كوللىكتىپقا كۆڭۈل بۆلۈشكە تەۋە بولغىنى ؛( )
①مەكتەپ يىنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىسىدە سىنىپ كوللىكتىپى ئۈچۈن شەرەپ قازىنىش ② كىچىك گورۇھۋازلىق قىلىپ ،ئومۇم بىلەن بىرلەشمەسلىك ③ ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ،كوللىكتىپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇش④
قانۇن ئىنتىزامغا بويسۇنۇپ شەرەپ –نومۇس قارشىغا ئەمەل قىلىش B. ②③④ C. ①②④ D. ①③④ ①②③ A.
21)دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ تۈزۈمى : ( )
A.خەلىق دىمۇگۇراتىيە دىكتاتۇرىسى B. سوتسىيالىستىك تۈزۈم C. ئومۇمى مۈلۈكچىلىك D.خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى
2- سۇئال: ھۆكۇم قىلىش سۇئالى: 20 نومۇر
1 | 2 | 3 | 4 | 5 | 6 | 7 | 8 | 9 | 10 |
1) ئورتاق بېيىش سوتسىيالىزىمنىڭ تۇپ پىرىنسىپى ( )
2) ئىلغار مەدىنىيەتنى تەرققى قىلدۇرۇشتا كەلگۇسىگە يۇزلىنىش لازىم ( )
3) دۆلىتىمىز ھازىر زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشىنى تاماملاپ بولدى ( )
4) جاپاغا چىداپ كۇرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ۋاختى ئۆتتى ( )
5) «3كە ۋەكىللىك قىلىش»موھىم ئىددىيىسىنى خۇجىنتاۋ ئوتتۇرغا قويغان ( )
6) ئورتاق بىيىش تەڭ قەدەمدە بىيىشنى كۆرسىتىدۇ ( )
7) ئىلغار مەدىنيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا دۇنياغا يۇزلىنىش لازىم ( )
8) دۆلىتىمىز يەتكەن ھازىرقى ھاللىق سەۋىيە يۇقىرى سەۋىيەنى كۆرسىتىدۇ ( )
9) ئومومى يۇزلىك ھاللىق جەمىيەت قۇرۇش پارتىيە 17- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان ( )
10) جاپاغا چىداپ كۇرەش قىىش ۋە يىڭىلىق يارىتىش روھى ھەم ساغلام بولغان ھەم ئاكتىپ بولغان تۇرمۇش پوزىتسىيەسى( )
3- سۇئال: ئىزاھلاڭ: 12 نومۇر
1) 3نى يېزىلارغا يەتكۇزۇش
2) يىڭىلىق يارىتىش
3) ئومومى مۇلۇكچىلىكنىڭ مەنىسى
4) سوتسىيالىستىك مەنىۋى –مەدەنىيەت دىگەن نىمە؟
4- سۇئال: مۇلاھىزە قىلىڭ 15 نومۇر
بەزىلەر جاپاغا چىداپ كۇرەش قىلىش يېڭىلىق يارىتىش ئۆتكەن دەۋىردىكى نەرسە ، ھازىر دۆلىتىمىز جوڭگوچە سوتسىيالىزىم قۇرۇشتا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى، بۇخىل روھ بولمىسىمۇ بولىدۇ ، بۇ خىل روھنى ئېغىزغا ئېلىشنىڭ زورۆرىيىتى يوق دەپ قارايدۇ .
1)بۇ خىل قاراش توغرىمۇ ؟ نىمە ئۇچۇن؟
- جاپاغا چىداپ كۇرەش قىلىش روھى نىمىدە ئىپادىلىنىدۇ ؟
- سىز جاپاغا چىداپ كۇرەش قىلىش ئۇچۇن قانداق قىلىسىز ؟
5- سۇئال :مۇلاھىزە قىلىڭ؟12 نومۇر
يول ئايىغىمىزنىڭ ئاستىدا ، كۆرۇنگەن تاغ يىراق ئەمەس ، غايىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشىشىمىزلازىم ،ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئۇگۇ نىش ، ئۇگۇنىش جەريانىدا چوقۇم بىسىملار بولىشى مۇمكىن . مەسىلەن؛ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىگى، دەرىس ۋاقتىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باھاسى قاتارلىقلار
- ئۇگۇنىش -بىسىمغا مۇھتاجمۇ ئەمەسمۇ؟ نىمە ئۇچۇن ؟
- ئۇگۇنىش بىسىمى بىزگە قانداق بىسىملارنى ئىلىپ كىلىدۇ؟
- ئۇگۇنىش بىسىمىنى يىنىكلىتىشنىڭ قانداق ئۇسۇللىرىنى بىلىسىز ؟
6.سۇئال :1. ماتىريال 10 نومۇر
باھار سىنىپنىڭ تازىلىق ھەيئېتى ،ئۇ دائىم ئۆزى باشلامچىلىق قىلىپ دىجۇرنىلىك قىلىدۇ ،كىم تازلىقنى ياخشى قىلمىسا قايتا قىلدۇرۇدۇ. ئۇ : دىجۇرنىلىكنى ئەستايىدىل قىلىش ھار بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىتى دەيدۇ.
- سىزنىڭچە باھار كىمگە مەسئۇل بولغان ؟
(2مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئىلىشنىڭ قانداق ئەھمىتى بار ؟
2.ماتىريال :10 نومۇر
9.يىللىق ئوقۇغۇچىسى مەردان ئوچۇق-يورۇق –شوخ بولسىمۇ لىكىن ئۈگۈنىشتە ھورۇنلۇق قىلىپ تىرىشماي،دائىم ھەر-خىل بانا سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ تاپشۇرۇق ئىشلىمەيتى،توپ ئويناش ئۈچۈن دىژۇرنىلىكتىن قاچاتتى ، يىقىنقى كۈنلەردە تور ئويناشقا خۇمار بولۇپ ،ئاتا-ئانىسى ۋە مۇئەللىمىنى ئالداپ سىرتلاردا يۈرۈپ ئوغۇرلۇق قىلدى...
ماتىريالنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئۈگەنگەن بىلىملەرگە بىرلەشتۈرۈپ ،تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىڭ ؟
(1)ئوقۇغۇچى بولۇش ،پۇخرا بولۇش سالاھىتى بىلەن مەرداننڭ ئاساسسلىق مەسئۇلىيىتى نىمە ؟
(2)مەرداننىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىگى مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن ؟
(3) مەرداننىڭ قانداق قىلغاندا مەسئۇلىيەتچان بىر ئادەم بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىر ئەقىل كۆرسىتىپ بىرىڭ
-ئوقۇش يىلى8.يىللىق ئىددىيە-ئەخلاق 2.ماۋسۇملۇق ئىمتىھان سوئالى
سىنىپى : ئىسىم-فامىلىسى :
1.سۇئال :تۆۋەندىكى تاللاشلاردىن توغرا دەپ قارىغان ھەرىپنىڭ بەلگىسىنى رامكا ئىچىگە يىزىڭ ؟ 40نومۇر
20 | 19 | 18 | 17 | 16 | 15 | 14 | 13 | 12 | 11 | 10 | 9 | 8 | 7 | 6 | 5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
1. تۆۋەندىكىلەر ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ پۇقراسىغا تەۋە بولمايدىغىنى:
A: چەتئەللىك مۇھاجىر B: جۇڭگۇ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن چەتئەللىك
C: دۆلىتىمىزنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى .
2. «قايسى جايدا قانۇن بولمايدىكەن، شۇ يەردە ئەركىنلىك يوق» دېگەن بۇ جۈملە ( ) نى ئىپادىلەيدۇ.
A: ئەركىنلىك بىلەن قانۇن تۇپتىن قارمۇ- قارشى B: قانۇن بولسىلا، ئەركىنلىك بولمايدۇ. C: قانۇن رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە ئەركىنلىكنى يۈرگۈزۈش كىرەك.
3. مەلۇم تاللا بازىرىنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىمىنىڭ نەرسە كىرەك ئوغۇرلىدى دەپ گۇمان قىلغان خىرىدارنىڭ ئۈستىۋىشىنى ئاقتۇرۇشى: ( )
A: زۆرۈر بولۇپ شۇنداق قىلغاندا بىر قىسىم ئاڭسىز كىشىلەرنىڭ ئوغۇرلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. B: پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقوقىغا دەخلى تەرۇز قىلغانلىق بولۇپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش. C: ئۇسۇلغا دىققەت قىلمىغان، ئەمما قانۇنغا خىلاپ ئەمەس.
4. تۆۋەندىكىلەردىن باشقىلارنىڭ ساغلام ياشاش ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلمىغىنى:
A: بالىلارنى چوڭ يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇش. B: يولدا تۇيۇقسىز ھۇشىدىن كەتكەنلەر ئۇچرىسا بار كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش. C: لى بوۋاينىڭ ئاچچىغىدا باشقىلارغا دائىم زىيان- زەخمەت يەتكۈزىدىغان ئوغلىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويىشى.
5 . تۆۋەندە ئىيتىلغان بايانلاردىن خاتاسى: ( )
A:ھاياتىمىزنىڭ بىخەتەرلىگى ۋە ساغلاملىقىمىزغا دىققەت قىلىپ، ئۆزىمىزنى بىخەتەرلىككە ئىگە قىلىش- ھەر بىر پۇقرانىڭ ھوقوقى. B: ھاياتىمىزنىڭ بىخەتەرلىگى ۋە ساغلاملىقىمىزغا دىققەت قىلىش- ئۆزىمىزگە بولغان غەمخورلۇق ۋە مەسئۇلىيەت ھىساپلىنىدۇ.
C : ھاياتىمىزنىڭ بىخەتەرلىگى ۋە ساغلاملىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈش- ئۆزىمىزنىڭ ئىشى، باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
6. پۇقرالار ئەركىنلىكى ۋە ھوقوقىنى يۈرگۈزگەندە:
A: ئۆز مەيلىچە چەكلىمىسىز ھالدا يۈرگۈزۈش كىرەك B: ئاساسى قانۇن قانۇنلاردا ئىتراپ قىلىنمىغان ھوقوق ۋە ئەركىنلىكنى يۈرگۈزۈش كىرەك C : ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلارغا رۇئايە قىلىش كىرەك .
7 .جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى ( ) نى كۆرسىتىدۇ.
A:جۇڭگۇدا ئولتۇراقلاشقان كىشى B: جۇڭگۇدا مەلۇم ئىش بىلەن شۇغۇللانغان كىشى
C : جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە كىشى
<8>تۆۋەندىكى قىلمىشلار ئىچىدە ھەم ئەخلاقنىڭ ئەيىپلىشىگە،ھەم قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغىنى:( ) .1.ساياھەت جەريانىدا مەدەنى يادىكارلىقلارنىڭ ئۈستىگە قالايمىقان خەت يىزىش .2.<سارىس>كىسىلى تارقالغان مەزگىلدە<ئۇچى يوق> دىزىنفىكسىتە سۇيۇقلىغىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ سىتىش .3.باشقىلارغا لەقەم قويۇش .4.ئاممىۋى تىلىفۇننى قەستەن بۇزىېىتىش .5.باشقىلارنىڭ خەت-چەكلىرىن ىيىرتىپ ئىچىش ،تاشلىېىتىش.
2.4.5 . C ، .3.4.5 1.2.3. B A. 2.3.4
.9> ئىنسانى قەدىر-قىممەت ھوقوقى پۇخرالارنىڭ ئاساسى ھوقوقى ،ئۇنۇرغۇن ھوقوقلارنى ئۆز ئىچىگە .بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغىنى :( ) .
A. پۇخرالارنىڭ ساغلام ياشاش ھوقوقى B. پۇخرالارنىڭ جىسمانى ئەركىنلىك ھوقوقى C. پۇخرالارنىڭ ئىنسانى –قەدىر-قىممەت ھوقوقى
.<10> تۆۋەندىكى تاللاشلاردىن توغرا بولغىنى :
A .ئەركىن ئادەمدە ئىنسانى ئىززەت –ھۆرمەت ھوقوقى بولىدۇ ئەمما سولاقتىكى جىنايەتچىدە بۇ-خىل ھوقوق بولمايدۇ .
B. كىشلەرنىڭ ئىسىم-فامىلە سىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش ھوقوقى بار. C.نام شۆھرىتىمىز دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىغاندا ھوقوقىمىزنى قانۇندىن پايدىلىنىپ قوغدىشىمىز كىرەك. .
<11> ئۇچۇر تىخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ،ئاز سانلىق كىشىلەر ئۆزىنىڭ غەرىزىگە يىتىش ئۈچۈن ،دائىم توردا باشقىلارنىڭ ئىلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى ئوغۇرلاپ ئىلىۋالىدۇ.بۇخىل قىلمىش پۇخرالارنىڭ :( )
A .شان-شەرەپ ھوقوقىغا دەخلى تەرۇز قىلىش قىلمىشىدۇر .
B .نام-شۆھرەت ھوقوقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىدۇر . C. شەخسى سىر ساقلاش ھوقوقىغا دەخلى تەرۇز قىلىش قىلمىشىدۇر.
<12>ئوسمان بوۋاي كىچىك ۋاختىدا ئائىلىسى نامرات بولغاچقا،مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان .بۇيىل ئۇ كەنىتتە ئىچىلدىغان ساۋاتسىزلىقنى تۈگۈتىش كۇرسىدا بىلىم ئۈگەنمەكچى بولىدۇ.بىراق ئوغلى قارشى تۇرۇپ ئۈگۈنىشكە قاتناشتۇرمايدۇ. بۇ ئوغۇلنىڭ قىلمىشى :( ) .
A .ئەمگەك قىلىش ھوقوقىغا B. تەربىيەلىنىش ھوقوقىغا C .بۇ ئوغۇلنىڭ توغرا،چۈنكى بوۋاي ياشىنىپ قالغان ،ئۇنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقوقى يوق .
<13> تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن پۇخرالارنىڭ ئىسىم-فامىلە ھوقوقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا ياتىدىغىنى ( ).
A .شۆھرەت داۋاملىق باشقىلارغا لەقەم قويۇپ بۇنى خوشاللىق دەپ بىلىدۇ . B. ئالىم داۋاملىق باشقىلارنىڭ كۈندۈلۈك خاتىرىسىنى ئوغۇرلىقچە كۆرىدۇ . C. مەمەتنىڭ ئۈگەي دادىسى ئۇنى فامىلىسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىغان .
<14>تۆۋەندىكىلەردىن پۇخرالارنىڭ شەخسى سىرساقلاش ھوقوقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا كىرىدىغىنى :( ) .
A. ساخچىخانىنىڭ <سىرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنە تازىلاش مەخسىتىدە ،ئاختۇرۇش گۇۋاھنامىسى يوق تۇرۇقلۇقمۇ مەلۇم بىر ئاھالىلەر رايۇنىنى ئاختۇرۇشى . B. ئائىلە باشلىغىنىڭ پەرزەنتىنىڭ خىتىنى ئوغۇرلۇقچە كۆرۈۋىلىشى C. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيە ئەھۋالىنى ئىگەللەپ تۇرۇش ئۈچۈن ،ئۇلارنىڭ خىتىنى ئېچىپ كۆرۈشى D .دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىگىنى ساقلاش ئۈچۈن پۇخرالارنىڭ خىتىنى كۆرۈشى.
<15>8.يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ئايگۈلنىڭ ئۈگۈنىش نەتىجىسى ياخشى بولمىغانلىقتىن ئوقۇغۇسى كەلمەي،مەكتەپتىن قىچىپ ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدۇ ،كىيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىسىدە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ .ئايگۇلنىڭ ئاتا-ئانىسى ( )ئادا قىلغان .
A .بالىسىنى ۋاختىدا مەكتەپكە ئەۋەتىش مەجبۇرىتى . B. پەرزەنتىنىڭ ئۈگۈنىش سۈپىتىنى ئاشۇرۇش مەجبۇرىتى . C. مەكتەپنىڭ نورمال ئوقۇتش تەرتىپىنى ساقلاش مەجبۇرىتى D. پەرزەنتىنىڭ بەلگۈلەنگەن يىل چەكلىمىسىدىكى تەربىلىنىشىنى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىتى .
. 16.ئىلىمىز پۇخرالىرىنىڭ بەھرىمان بولىدىغان ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقوقى ئىچىدىكى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغىنى :
A .سايلام ھوقوقى B. تەربىلىنىش ھوقوقى C. جىسمانى ئەركىنلىك ھوقوقى .
17.تۆۋەندىكى پۇخرالارنىڭ سۈرەت ھوقوقىغا دەخلى –تەرۇز قىلىشقا تەۋە بولغىنى :
A .ئالىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىشىپ چۈشكەن سۈرەتنى ئۆزىنىڭ پورتمىلىغا سىلىپ قويدى .
B .مەكتەپ مىنىڭ 3تە ياخشى بولۈان چاغدىكى سۈرۈتىمنى مەكتەپنىڭ تەشۋىقات كۆزنىكىگە چاپلاپ قويدى .
C .مەلۇم ئىلان سودىگىرى ئەمەتنىڭ پىكرىنى ئالماي تۇرۇپ سۈرىتىنى ئىلانغا باسقان .
18.تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن پۇخرالارنىڭ ھاياتى ساغلاملىقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا تەۋە بولغىنى :
A .باشقىلارغا لەقەم قويغان B .باشقىلارنىڭ شەخسىسى سىرىنى ئاشكارىلىغان
C .باشقىلارغا تۆھمەت چاپلىغان باشقىلارنى ئۇرغان ،زىيانكەشلىك قىلغان
19.تۈرلۈك پالىيەتلەرگە قاتنىشىشىمىزدىكى ئەڭ ئاساسى ھوقوق :
A .نام-شۆھرەت قوقوقى B. سۈرەت ھوقوقى C. جىسمانى ھوقوق
20.تەربىلىنىش پۇخرالارنىڭ :
A .ھوقوقى B .مەجبۇرىتى C. ھەم ھوقوقى ھەم مەجبۇرىتى
2.سۇئال :توغرا-خاتاسىغا ھۆكۈم قىلىڭ ؟( √.×) بەلگىسىنى رامكىغا تولدۇرۇڭ؟20نومۇر
1 | 2 | 3 | 4 | 5 | 6 | 7 | 8 | 9 | 10 | 11 | 12 | 13 | 14 | 15 | 16 | 17 | 18 | 19 | 20 |
2. باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىشتۇر. باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەنلىك ئۆزىنى قوغدىغانلىقتۇر. ( )
3. پۇقرالارنىڭ ئىنسانى قەدىر قىممەت ھوقوقى- بىز تۇغۇلغاندىن تارتىپ، بىزگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدۇ. ( )
4. ئاكتىپلىق بىلەن بەدەن چىنىقتۇرۇپ، كىسەل بولغاندا ۋاقتىدا داۋالىنىش – ھاياتلىقنى قەدىرلىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى. ( )
5. ئىلىمىزدە خەلق دۆلەتنىڭ خوجايىنى ( )
6. پەقەت باشقىلارنىڭ ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ ھوقوقىدىن ياخشى بەھرىمان بولغىلى بولىدۇ. ( )
7. سۆز ئەركىنلىكى بولسا، نىمىنى ئويلىسا شۇنى دىيىشنى، چەكلىمىسىزلىكنى كۆرسىتىدۇ. ( )
8. ئۆز ھاياتىمىزنىڭ بىخەتەرلىگى ۋە ساغلاملىقى شەخسىنىڭ ئىشى، باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنىڭ قانداق قىلىشىمىزنى سوراش ھوقوقى يوق. ( )
9. ئىنسانىي قەدىر قىممەت ھوقوقىنى ئۆتۈنۈپ بىرىشكە، تاشلۋىتىشكە، ۋارسلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ( )
10. جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقوقىبارلىق ھوقوق ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ . ( )
11. بىز ھاياتىمىزنى قەدىرلەشكە ، ساغلاملىقىمىزنى ئاسراشقا ھوقوقلۇق. ( )
12. ئىلىمىز ئىشچىلار سىنىپى رەمكارلىق قىلىدىغان، ئىشچى- دىھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلىدىغان، خەلق دىموگىراتىيىسى دىكتاتۇرلىقىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت. ( )
13. ئىلىمىز پۇقرالىرى كەڭ دائىردە ھەقىقىي ئەركىنلىك ۋە ھوقوقلاردىن بەھرىمان بولىدۇ.
14. ئەركىنلىك بولسا- قانداق قىلغۇسى كەلسە، شۇنداق قىلىش دىگەنلىكتۇر.( )
15.جەمىئەتنىڭ مۇقۇملىغى ۋە تەرەققىياتى ئادىللىققى مۇھتاج. ( )
16.تەربىلىنىش پۇخرالارنىڭ ھوقوقى ھەم مەجبۇرىتى . ( )
17.قانۇن ھوقوق –مەنپەتىمىزنى قوغدايدىغان ئەڭگۈشتەر . ( )
18.دۆلىتىمىز قانۇنىدا پۇخرالارنىڭ قانۇنلۇق مال-مۈلىكى قوغدىلىدۇ .( )
19.تەلىم-تەربىيە ئىنسانىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ،بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ ئاساسى( )
20.ھەققانىلىق بىزدىن قائىدە-تۈزۈملەرگە رۇئايە قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ .( )
3.سۇئال :ئاتالغۇنى چۈشەندۈرۈڭ؟ 4نومۇر
‹1›پۇخرا دېگەن نىمە ؟
‹2›ئادىللىق دېگەن نىمە؟
‹3›جىسمانى ئەركىنلىك ھوقوقى دېگەن نىمە ؟
‹4›مىراس دېگەن نىمە ؟
4. سۇئال :ھۆكۈم قىلىڭ ؟ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈڭ ؟12نومۇر
<1>تەربىيەلىنىش بولسا پۇخرالارنىڭ بەھرىمان بولىدىغان بىر تۈرلۈك ھوقوقى، مەجبۇرىتى ئەمەس .دىيىش توغرىمۇ؟نىمە ئۈچۈن ؟
<2> <قورامىغا يەتمىگەن ياش-ئۆسمۈرلەردە ئىنسانى-قەدىر قىممەت ھوقوقى بولمايدۇ >دىيىش توغرىمۇ؟ نىمە ئۈچۈن ؟
<3>.<ھوقوقتىنلا بەھرىمان بولسام ،مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلمىسام،كۆپرەك بەھرىمان بولسام ،ئازراق ئادا قىلسام >دېگەن قاراش توغرىمۇ ؟نىمە ئۈچۈن ؟
<4>.شەخسى سىر سەت ئىش دىيىش توغرىمۇ ؟نىمە ئۈچۈن ؟
5.سۇئال :ئۈنۇملۈك ئۇسۇلنى ئوتتۇرغا قويۇڭ؟ 10 نومۇر
‹1›ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق-مەنپەتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىسا قوغدىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى قايسى؟
<2>تەربىيەلىنىش ھوقوقىمىز دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىسا قوغدىنىشنىڭ
ئۇسۇللىرى قايسىلار ؟ ئۈ نۈملۈك
‹3›پۇخرالار ھوقوقىنى يۈرگۈزىشتىكى توغرا ئۇسۇلى قايسىلار ؟
‹4›شەخسى سىر ھوقوقىمىزنى قوغداشنىڭ ئۇسۇلى قايسىلار ؟
ماتىريالغا ئاساسەن تەھلىل قىلىڭ ؟ 6نومۇر 6.سۇئال :
1.ماتىريال : ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئامىنە تولىمۇ بەخىتسىز بولۇپ ،دادىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن ،ئانىسى جاپالىق ئىشلەپ ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ئارانلا قامدايتى.كۈتۈلمىگەندە ئاپىسى ئاستا خاراكتىرلىق كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قىلىپ ،ئامىنە ئوقۇشتىن چىكىنىپ ئاپىسىغا قارىماقچى بولىدۇ.سىنىپ مۇدىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن،ئەھۋالنى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ئىنكاس قىلىپ پارچە ھەقنى كۆتۈرىۋىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ،ھەم ئۆزىنىڭ تويلىقىغا يىققان 4000يۇەن پۇلنى ئانىسىنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن بىرىدۇ.ئامىنەگەتەربىيە بىرىپ ،ئىلھاملاندۇرۇپ نەسىھەت قىلىپ مەكتەپكە قايتۇرۇپ كىلىدۇ. ئامىنە ئىسسىق ياشلىرىنى تۆكۈپ ئۆزىنى مۇئەللىمنىڭ قوينىغا ئاتىدۇ (.ئۈگەنگەن بلىمگە بىرلەشتۈرۈپ تۆۋەندىكى سۇئالغا جاۋاپ بىرىڭ ؟)
1.سىز ئامىنەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى روھى ھالىتىنى چۈشۈنەمسىز ؟ ئۇنىمىدىن ئەندىشە قىلغان؟
2.سىنىپ مۇدىرى بارلىق كۈچى بىلەن ئامىنەنىڭ قانداق ھوقوقىنى قوغداپ قالدى ؟
3.تەربىيەلىنىش شەخىس ۋە دۆلەت ئۈچۈن قانداق مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ؟
2.ماتىريال : 8 نومۇر
مۇرات تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن دۆلەتنىڭ چاقىرقىغا
ئاۋاز قوشۇپ ،جۇڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم چىگرا مۇداپىە قىسمىغا ئەسكەرلىككە قاتناشتى .قىسىمدىن چىكىنگەندىن كىيىن ئۆزى مەبلەغ توپلاپ ،يىمەك-ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى .ھەم ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى .قانۇن بويىنچە تىجارەت قىلىپ ،باج تاپشۇرۇپ،كۆپ قىتىم ئىلغار تىجارەتچى بولۇپ باھالاندى .
ئۈگەنگەن بىلىمىڭىزنى قوللىنىپ تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىڭ ؟
1.مۇرات قانۇندا بەلگۈلەنگەن قانداق ئاساسى ھوقوقلاردىن بەھرىمان بولدى ؟
2.مۇرات قانۇندا بەلگۈلەنگەن قانداق مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلدى ؟
3.مۇرات قانداق ئەخلاقى مەجبۇرىتىنى ئادا قىلدى؟
4نىمەئۈچۈن كەڭ جەمىئەت ئەزالىرى ئەخلاقى مەجبۇرىتىنى ئادا قىلىشى كىرەك ؟
.ئوقۇش يىلى 2.ماۋسۇم باسقۇچلۇق 7.يىللىق
ئىددىيە سىياسىدىن ماۋسۇملۇق ئىمتىھان سۇئالى
ۋاقتى:90 مىنىۇت تولۇق نۇمۇر؛100 ئېرىشكەن نۇمۇرى:
يىللىق- سىنىپ: ئىسىم-ئاتىسى: يوقلىما نۇمۇرى:
1-سۇئال: توغرا-جاۋابىنى تاللاڭ 20نومۇر
1 | 2 | 3 | 4 | 5 | 6 | 7 | 8 | 9 | 10 |
1.ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش خۇشاللىق ئىش. چۈنكى بىز بۇنىڭدىن: ( )
A.ماددىي مەنپەئەتكە ئېرشەلەيمىز B. باشقىلارنىڭ خۇشاللىقىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز
C.ئۆز قىممىتىمىزنى ھېس قىلالايمىز D.ئۆزىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيمىز
2.ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلىيالايدىغان ئادەم، ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىك ۋە كەمچىللىكلەرگە نىسبەتەن مۇنداق پوزىتسىيىدە بولىدۇ: ( )
① كەمچىللىكلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگىنىش
② خورلۇق تۇيغۇسىدا بولىدۇ، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىدىكى كەمچىللىكىنى ئارتۇقچىلىقىغا ئايلاندۇرىدۇ
③ ئۈمۈدسىزلەنمەيدۇ، مەيۈسلەنمەيدۇ
④ ئۆزىنى چۈشىنىپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدۇ
A. ①②③④ B. ②③④ C. ②③
D. ③④
3. باشقىلارنى ھۆرمەتلەش دە ئۆزىنى ھۆرمەتلەشتۇر چۈنكى: ( )
① باشقىلار ئارقىلىق ئۆز ئىززەت-ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ
② باشقىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پوزىتسىيىسىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇغىلى بولىدۇ
③ باشقىلار بىلەن ئۆزىمىز بىر پۈتۈن گەۋدە
④ ئۆز ئاجىزلىقىمىز، خىرە نۇقتىمىز ۋە خاتالىقىمىز باشقىلارنىڭ دوستانە ئەسكەرتىشىگە مۇھتاج
A. ①②③ B. ②③ C. ①②④ D. ②③④
4. تولۇپ تاشقان ئىشەنچ:
① بارلىق بوشاڭلىق، توسالغۇ، گۇمانلىنىش ۋە ھۇرۇنلۇقنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ
② كىشىلەرنى يۈرەكلىك، كۈندىن-كۈنگە ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدۇ
③ كىشىلەرنىڭ پىكىرىنى ئۆزلەشتۈرىدۇ، روھىنى ئۇرغۇتىدۇ
④كىشىلەردىكى يوشۇرۇن قابىلىيەتنى نامايەن قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، نىشانغا يېقىنلاشتۇرىدۇ
A. ①②③ B. ②③ C. ①②④ D. ②③④
5. تۇرمۇشتا نۇرغۇنلىغان كىشىلەردە ئىشەنچ كامىل بولۇشتىن ئۆزىنى كەمسىتىش شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلاردا: ( )
A. ئەسلىدىلا ھەر قايسى تەرەپلەردە باشقىلاردەك ئەۋزەللىك يوق. B.تۇرمۇشتا چەكلىمىگە ئۇچىرىغان
C.ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق D.ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىشەنمىگەن
6.ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ھەقىقى ساقلاشتا ئالدى بىلەن : ( ) .
A.باشقىلارنىڭ، كوللىكتىپنىڭ ۋە جەمىئەتنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىشى لازىم.
B .ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدە ئارتۇقچىلىغى ۋە ئىقتىدارى بولۇش لازىم .
C .ئۆز-ئۆزىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىمىز ۋە ئاسرىشىمىز لازىم .
7 . ئەينەككە قاراپ ئۆز تەقى- تۇرقىنى كۆرگىلى باشقىلارنى ئەينەك قىلىپ ئارتۇقچىلىغىنى ،يىتەرسىزلىگىنى بىلگىلى بولىدۇ ›دىگەن جۈملە بىزگە ئۆزىنى تونۇشنىڭ ئالدىنقى ئاساسى شەرتى ( )ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ
. A. ئەينەككە قاراش B. ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش C .باشقىلار ئارقىلىق ئۆزىنى چۈشۈنىش
.8 .‹ئۆزىگە تايىنىش ئېڭىنى يڭتۈلدۈرۈش چوڭلارنىڭ ئىشى ياش-ئۆسمۈرلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز › سىزنىڭچە بۇخىل قاراش :( )
A.توغرا، ياش-ئۆسمۈرلەر ئۆزىگە تايانمىسىمۇ بولىدۇ
B .خاتا ،ياش-ئۆسمۈرلەر ئۆزىگە تايىنىشقا مۇھتاج،ئەمما چوڭلار ئۇنداق ئەمەس . .
C .خاتا،چوڭلارمۇ،ياش-ئۆسمۈرلەرمۇ ئۆزىگەتايىنىش
كىرەك.
9. ھورۇنلىق قىلىش ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈش،ئالغا ئىنتىلمەسلىك،بارىغا قانائەت قىلىش ( ) دىگەنلىكتۇر .
A. ئۆزىگە تايىنىش B. ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش C .ئۆزىنى تاشلىۋىتىش
10. ھەقىقى ھالدا مۇۋەپىقىيەت قازىنىپ ،ھاياتنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ،ھەقىقى كىشلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمان بولىدىغان كىشىلەر :( ) A.ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش بىلەنلا نىشاندىن ۋاز كىچىدىغان كىشىلەر B .ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا ئىرادىسى قەتئې بولمىغان كىشىلەر C .ئىرادىسى قەتئې ،مۇستەھكەم ئىتىقادقا ئىگە كىشىلەر .
2.سۇئال : ھۆكۈم قىلىڭ ؟ 20 نومۇر
1 | 2 | 3 | 4 | 5 | 6 | 7 | 8 | 9 | 10 |
1.ئار-نومۇسنى بىلىش، ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش، ئۆز-ئۆزىنى قۇدىرەت تاپقۇزۇش، ئادەمدىكى ئەڭ گۈزەل ئىچكى ئامىلدۇر. ( )
2.ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىك، كەمچىللىكتىن شەكىللەنگەن نومۇس قارىشى، ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ( )
3 .باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ئۆز-ئىززەت-ھۆرمىتىنى يوقىتىش بەدىلىگە كېلىدۇ. ( )
4.ئۆزىگە ئىشىنىش ئۆزىنىڭ كۈچىگە بولغان ئىشەنچىنى، ئۆزىنىڭ مەلۇم ئىشنى جەزمەن ئورۇنداپ، ئىنتىلگەن نىشانىغا يېتەلەيدىغانلىقىغا قاتتىق ئىشىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ( )
5 .«مەن قىلالايمەن» دېگەن ئىدىيىنى تۇرغۇزغاندىلا، ھەر قانداق ئىشنى چوقۇم قىلغىلى بولىدۇ.( )
6.ھوقوق –مەنپەتىمىز دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىغاندا قانۇندىن پايدىلىنىشىمىز لازىم .( )
7. 18ياشقا توشمىغان ھەرقانداق پۇخرا قورامىغا يەتمىگەن ھىساپلىنىدۇ .( )
8.يۆلىنىۋىلىش بىلەن خوشلىشىشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى-مۇستەقىل ياشاشتۇر .( )
9.ئۆزىگە ئىشىنىشتىكى توغرا ئۇسۇل –ئۆزىنى قالتىس چاغلاش ( )
10.ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇش مۈمكىن ئەمەس .( )
3.سۇئال ئاتالغۈنى چۈشەندۈرۈڭ ؟12 نومۇر
1 .ئوڭۇشسىزلىق دېگەن نىمە؟
1
2.قانۇن دېگەن نىمە ؟
3.ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش دېگەن نىمە ؟
4.مەكتەپتە قوغداش دېگەن نىمە ؟
4.سۇئال :.ماتىريال تەھلىل قىلىڭ ؟ 20نومۇر
‹1›بەختىيار ئۇچقۇچى بولۇشنى بەك ئارزۇ قىلاتتى ،بىراق رەڭ قارىغۇسىدىن ئىبارەت فىزىلوگىيەلىك كەمتۈكلۈك بۇ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىغا توسالغۇ بولۇپ قالدى.
‹2› 2008. يىلى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىسىدە چوڭ يەر تەۋرەش يۈز بىرىپ،بىر مەكتەپ ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ،خارابىلىققا ئايلاندى .
‹3› ئادىلنىڭ ئائىلە شاراىتى تۆۋەن،ھەتتا دادىسىنىڭ تەن-سالامەتلىگى ياخشى ئەمەس .شۇنداقتىمۇ ئادىل تۈرلۈك ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ ،ئائىلە ئىشلىرىنى قىلغاچ مەكتەپكىمۇ تولۇق كىلىپ ،دەرسلەرنى ياخشى ئۈگۈنۈپ كۆپلىگەن شەرەپلەرگە ئىرىشتى.
ا سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىڭ ؟
1.يۇقارقى ماتىريالدا ئەكىس ئەتكەن ،بالىلار ئۈچۈن ئوڭۇشسىزلىقنى پەيدا قىلغان ئامىل قايسىلار ؟5 نومۇر
. 2.بىرىنجى ۋە ئىككىنجى ماتىريالدىكى قايسى ئامىل كىشلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بىرىش ئىقتىدارىنى چەكلىگەن ؟5 نومۇر
3.ئادىلنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بىرىش ئىقتىدارى قانداق بولغان ؟5 نومۇر
4.ئوڭۇشسىزلىقنىڭ ئاكتىپ ۋە پاسسىپ رولىنى ھەم ئوڭۇشسىزلىقنىق بالىلارغا بولغان تەسىرىنى يىزىڭ ؟5 نومۇر
5.سۇئال :دوستانە قولىڭىزنى سۇنۇڭ ؟ 10نومۇر گۈلگىنە بىلەن گۈلمىرە سىنىپتىكى ياخشى دوسلاردىن ئىدى .بىر قىتىملىق ئىمتاھاندا گۈلمىرەنىڭ نەتىجىسى گغلگىنەنىڭكىدىن ئىشىپ كەتتى .گۈلگىنە گۈلمىرەنى ئىمتاھاندا چوقۇم ساختىپەزلىك قىلدى دەپ قاراپ ،ئارقىسىدىن بولمىغۇر گەپلەرنى تارقىتىپ ،ساۋاقداشلىرىنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرىۋەتتى .شۇندىن بۇيان بۇ ئىككىسىمۇ تەدرىجى يىراقلىشىپ ئالاقا قىلىشمايدىغان بولۇپ قالدى .
بۇ-خىل قىلمىش باشقىلارنى ھۆرمەت قىلغانلىقنىڭ ئىپادىسى بولامدۇ ؟ سەۋەبنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈڭ ؟ باشقىلارنى ھۆرمەت قىلغانلىقنىڭ ئىپادىسى نىمە ؟
6.سۇئال :ماتىريال تەھلىل قىلىڭ؟ 18نومۇر
مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئايگۈل چوڭ شەھەردە تۇراتتى ئاتا-ئانىسى ئادەتتە ئۇنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلىپ بىرەتتى .ئۇياخشى ئۈگۈنۈپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆزى ئارزۇ قىلغان مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىدۇ.ئاپىسى قىزىنى ئاپىرىپ قويۇپ ھەممە ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ كەتمەكچى بولىدۇ .قىزى ئاپىسىنىڭ قولىغا ئىسىلىېۋىلىپ يىغلاپ ئۆزىنىڭ قانداق قىلىشىنى بىلمەيدۇ .
سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىڭ؟
1. بۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئالى مەكتەپ تۇرمۇشى قانداق ئۆتۈشى مۈمكىن ؟
2.بۇ ماتىريالنىڭ سىزگە بولغان قوزغۇتىشى نىمىدىن ئىبارات ؟
3.باشقىلارغا يۆلۈنىۋىلىشنىڭ قانداق زىيىنى بارلىغىنى يىزىپ بىقىڭ ؟
4.ئۆزىگە تايىنىشنىڭ سىزنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىڭىزگە قانداق پايدىسى بارلىغىنى سۆزلەپ بىقىڭ ؟
(تەھرىر : ئىزدەن)
«9-8-7-يىللىقلار ئىدىيە ئەخلاق ماۋسۇملۇق ئىمتىھان سۇئالى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- 8-يىللىق تارىخ تىن ماۋسۇملۇق ئىميىھان سۇ
- 9-8-7-يىللىقلار ئىدىيە ئەخلاق ماۋسۇملۇق ئ
- 2011.(9-2)物理.doc
- 8-يىللىق جۇغراپىيە چارەك.doc
- 7-يىللىق جۇغراپىيە.doc
- 2012-2013-ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇملۇق (8-يىللىق جۇغ
- -2013-ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇملۇق (7-يىللىق جۇغرا
- 中学第二学期初一汉语双语班期中试题
- 8-يىلىق1-ماۋسۇم فىزىكا چارەكلىك ئىمتاھان
- 8-يىللىق1-مەۋسۈم تىل-ئەدەبىيات چارەكلىك
- شىخەنزە شەھەرلىك مىللىي مىللىي ئوتتۇرا
- تۇلۇقسىز 3-يىللىق1-بۆلەك قوش تىل ماتماتك
- 学年第二学期八年级物理期末试卷
- 2011-2012-ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇملۇق ئىمتاھان سۇ
- 2012/2013-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق « ئۈچنى قوغد
- 2012/2013-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇم ساغلاملىق ماۋس
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
月和蔼 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-06-25 10:06 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-03-28 17:03
- 8-يىللىق تارىخ تىن ماۋسۇملۇق ئىميىھان سۇئالى
- 9-8-7-يىللىقلار ئىدىيە ئەخلاق ماۋسۇملۇق ئىمتىھ
- 2011.(9-2)物理.doc
- 8-يىللىق جۇغراپىيە چارەك.doc
- 7-يىللىق جۇغراپىيە.doc
- 2012-2013-ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇملۇق (8-يىللىق جۇغراپىي
- -2013-ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇملۇق (7-يىللىق جۇغراپىيە
- 中学第二学期初一汉语双语班期中试题
- 8-يىلىق1-ماۋسۇم فىزىكا چارەكلىك ئىمتاھان سۇئا
- 8-يىللىق1-مەۋسۈم تىل-ئەدەبىيات چارەكلىك ئىمتى
- 学年第二学期八年级物理期末试卷
- تولۇقسىز 8-يىللىقلارنىڭ 1-مەۋسۇملۇ
- تىل-ئەدەبىيات مەۋسۇملۇق ئىمتىھان سوئالى
- تولۇقⅢ يىللىقلاردىن ئېلىنىدىغان تەقلىدى ئىم
- 8- يىللىق تىل ئەدەبىيات مەۋسۈملۈك ئىمتىھان سۇ
- 7-يىللىقلار ئۈچۈن ئايلىق تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھ
- تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سۇئالى
- 9- يىللىقلار ئۈچۈن 1- مەۋسۇملۇق تىل- ئەدەبىيات
- 7-يىللىقلار ئۈچۈن ئىمتىھان سوئالى
- 9 - يىللىقلار ئۈچۈن 1- مەۋسۇملۇق تىل- ئەدەبىيات