8-يىللىق 1-مەۋسۇملۇق ئىمتىھان سوئالى تىل-ئەدەبىيات
ئىمتىھان ۋاقتى 100مىنۇت، تولۇق نومۇر 100 نومۇر
سوئال نۇمۇرى | Ⅰ | Ⅱ | Ⅲ | Ⅳ | Ⅴ | جەمئىي |
ئېرىشكەن نومۇرى |
Ⅰ تاللاش سوئالى: (ھەر بىرىگە 2دىن جەمئىي 20 نومۇر)
تۆۋەندىكى ھەر بىر تارماق سۇئالغا بېرىلگەن تۆت خىل جاۋابتىن پەقەت بىرىلا تاللىنىدۇ، تاللىغان جاۋابنىڭ ھەرپ بەلگىسىنى جەدىۋەلدىكى ماس كاتەكچىلەرگە تولدۇرۇڭ.
سوئال رېتى | 1 | 2 | 3 | 4 | 5 | 6 | 7 | 8 | 9 | 10 |
جاۋابى |
1. «ماي تارتىپ قېلىش» دېگەن سۆز بىرىكمىسى:
A. مېيىنى تارتىپ بولالماي ئارقىدا قېلىش دېگەن مەزمۇن ئىپادىلەنگەن تەمسىل.
B. قېيدىشىپ، رەنجىشىپ قېلىش دېگەن مەزمۇن ئىپادىلەنگەن ئىدىئوم.
C. بىر- بىرىگە ياردەم قىلىش دېگەن مەزمۇن ئىپادىلەنگەن ماقال.
D. سوقۇشۇپ قېلىش دېگەن مەزمۇن ئىپادىلەنگەن ماقال- تەمسل.
2. «دۇنيا! سىرلىرىڭنى ئۈنلۈك سۆزلىيەلمىسەڭ، قۇلىقىمغا شىۋىرلاپ بولسىمۇ سۆزلىگىن،...ھەي، دۇنيا.» دېگەن پارچە ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:
A. بۇ جۈملە ‹‹بالا مېھرى›› ناملىق ئەسەردىن ئېلىنغان.
B. ‹‹يىراققا تارقالغان قوڭغۇراق ئاۋازى›› ناملىق تېكىستتىكى ھەربىيلىككە كەتكەن ئوغۇلنىڭ ئانىغا قىلغان خىتابى.
C. «سېغىندىم ۋەتەننى ئۇزاق سەپەردە» ناملىق ئەسەردىكى ئاپتورنىڭ ئانا يۇرتىغا قىلغان خىتابى.
D. «مېنىڭ ئاكام» ناملىق لىرىك نەسىردىكى ئەخمەت ئىمىننىڭ ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىغا ئېچىنىپ، دۇنياغا قىلغان خىتابى.
3. «شۇنچە چوڭ جاھان بىزگە نېمانچە تار؟ ھەي! كۈن ئالماقنىڭ تەسلىكى! بىر چارەك قوناقنى بېرىشنى تەس كۆرۈپ، دادامنى ئوغرى تۇتۇپ سولىتىپ قويدى! ياق! بىردەممۇ ھاڭۋېقىپ تۇرماسلىق كېرەك، دادامنى قۇتۇلدۇرۇش كېرەك!...» دېگەن پارچە ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
A. پارچىدا ئستلىستىكىلىق ۋاستىلاردىن رىتورىك سوراق ۋە رىتورىك خىتاب قوللىنىلغان.
B. بۇ پارچە يازغۇچى نۇر روزىنىڭ «مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى» ناملىق ھېكايىسىدىن ئېلىنغان.
C. پارچىدا پېرسوناژ تەسۋىرىدىن ھەرىكەت تەسۋىرى بېرىلگەن.
D. بۇ «مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى» ناملىق ھېكايىدىكى مۆمىننىڭ ۋاپادار، باتۇرلۇقى ئىپادىلەنگەن تەسۋىردۇر.
4. تۆۋەندىكىلەردىن ئانا تىل ئوقۇتۇشى تېما قىلىنىپ، ئانا تىلغا بولغان مۇھەببەت ئىپادىلىنىش ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتقا مەدھىيە ئوقۇلغان ئەسەر ۋە ئاپتورغا ئائىت ئۇچۇرلار توغرا گۇرۇپپىلانغىنى:
A. «ئاخىرقى دەرس» ئاپتورى دائۇدېت، فرانسوز.
B. «باھاردىكى غېرىبلىق»، ئاپتورى ئەركىن روزى، ئۇيغۇر.
C. «لوپنۇر ــ يوقالغان كۆل»، ئاپتورى ۋۇگاڭ، خەنزۇ.
D. «بالا مېھرى» ئاپتورى كاۋاباتا ياسۇنارى، ياپۇن.
5 . قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقلىرىدىن سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئىشلەنگەن ئېلىپبەلىك يېزىق:
A. چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى B.خاقانىيە يېزىقى
C. قەدىمكى تۈرك (ئورخۇن) يېزىقى D. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى
6. «دادامنىڭ ئاخىرقى خېتى›› ناملىق ئەسەر ۋە ئەسەر ئاپتورى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
A. بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى تۇرغان توختەموف بولۇپ، ئۇ قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى.
B. ئەسەر 2- شەخس تىلىدا يېزىلغان، ژانىرى بايان ماقالىسى.
C. بۇ ئەسەردىكى دادا 2- دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ قۇربان بولغان.
D. ئانىنىڭ موسكىۋادىكى نامسىز جەڭچىلەر قەبرىسىنى زىيارەت قىلغاندا دۇنيادىكى ئەڭ مۇقەددەس يەرگە يېقىنلىشىۋاتقاندەك ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئىچىدە بىر نەرسىلەرنى ئوقۇپ دۇئا قىلىشى ئۇنىڭ ئۆز ئىرىگە شۇنداقلا پۈتۈن ۋەتەن قەھرىمانلىرىغا چەكسىز ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
7. تۆۋەندىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:
A. تۇراقلىق ئىبارىلەر تۈزۈلۈشى، گرامماتىكىلىق باغلىنىشى ۋە لېكسىكىلىق مەنىسىگە قاراپ ئىدىئوم، ماقال، تەمسىل دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
B . ‹‹ئەسلىدىغۇ مۇنداق كەم ئەقىللىق قىلمىساق بوپتىكەن›› دېگەن جۈملىدە ئىدىئومدىن ئىككىسى قوللىنىلغان.
C. ‹‹ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم›› دېگەن بىرىكمە ماقال. D. ‹‹قىچقارسە ئېتى بار، تۇتسا سېپى بار›› دېگەن بىرىكمە تەمسىل ئەمەس.
8. ئىسىملار ھەققىدە تۆۋەندە ئېيتىلغان جاۋابلارنىڭ توغرىسى: ( )
A.بەزى خاس ئىسىملار ئۆزىدىن يەنىمۇ كىچىك بولغان ئىسىملارغا نىسبەتەن ئومۇمىي ئىسىم بولىدۇ؛
B. خاس ئىسىملار ھەرخىل قوشۇمچىلار بىلەن تۈرلەنگەندە ئومۇمىي ئىسىملارغا ئايلىنىدۇ؛
C. بىرىككەن ئىسىملارنىڭ ھەممىسى ئومۇمىي ئىسىم بولىدۇ؛
04. ئوقۇغۇچى، قەلەم، ۋالىبول، كەكە، مۇساجان قاتارلىقلارنى ھەممىسى ئومۇمىي ئىسىملاردۇر.
9. سۈپەتلەر ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
A. سۈپەتلەر جۈملىدە ئسىملارنىڭ ئالدىدا كېلىپ ئېنىقلىغۇچى، پېئىللارنىڭ ئالدىدا كېلىپ ھالەت ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.
B. سۈپەتلەر جۈملىنىڭ ھەرقانداق بۆلىكى بولۇپ كېلەلەيدۇ.
C. ‹‹ئانىنىڭ ئۇلۇغلۇقى تەربىيىلىگەن بالىسىدىن بىلىنىدۇ›› دېگەن جۈملىدە سۈپەت يوق.
D. ‹‹ئائىلە تەربىيىسى كۆرمىگەن بالا ئەخلاقسىز، مەكتەپ تەربىيىسى كۆرمىگەن بالا نادان چوڭ بولىدۇ›› دېگەن جۈملىدە ئاشۇرما دەرىجىدىكى سۈپەتتىن ئىككىسى قوللىنىلغان.
10. بۇنىڭدىن 400 يىل بۇرۇن بىر توپ كېرىيەلىكلەر تەكلىماكاندىن بوستانلىق ئىزدەپ، ھاياتلىق يولى ئۈزۈلۈپ، تېڭىرقاپ قالغاندا، ئۇلارغا ھاياتلىقنىڭ ئۈمىدىنى ئاتا قىلغان شەيئى:
A. قۇش B. توغراق C. بۆرە D. توشقان.
Ⅱ بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ. (11 نۇمۇر)
11. «تاش يۈرەك» دېگەن بىرىكمە تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ ( ) تۈرىگە كىرىدۇ. بۇ ئىبارە ئىپادىلىگەن مەزمۇننىڭ قارىمۇقارىشى مەنىسى ( ) دۇر.
12. «بەش تال ئوق» ناملىق ئەسەردە، ( ) ئىنقىلابىي ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان.
13. شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ ( )- يىلى تۇغۇلۇپ، ( )- يىلى ۋاپات بولغان.
14. ‹‹ھەيۋەتلىك ۋە يېگانە تارىم›› ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ( ) بولۇپ، ئاپتور بۇ ئەسەردە تارىمغا بولغان ( ) ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن.
15. « لوپنۇر» ئاتالغۇسىدىكى «نۇر» دېگەن سۆز ( ) دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. لوپنۇر كۆلى ( )- يىللىرى قۇرۇپ كەتكەن.
16. تارىم دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى ( ) كلومېتىر بولۇپ، جۇڭگۇ بويىچە بىرىنچى، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ( ) دەرياسى ھېسابلىنىدۇ.
Ⅲ مۇھاكىمە ۋە تەھلىل سۇئالى
17. ‹‹بۇ بالا ۋەتەننىڭ ئوغلى›› ناملىق ئەسەردە ئاساسلىقى كىمنىڭ ئىش- پائالىيەتلىرى يېزىلغان؟ شۇ شەخس ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسز؟ (3 نومۇر)
18.‹‹قۇم باسقان شەھەر›› ناملىق روماندىكى ‹‹بىغەملەر شەھىرى››نىڭ ئادەملىرى سىزدە قانداق تەسىرات پەيدا قىلدى. ( 3 نومۇر)
19. ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا كۆپ يېزىق قوللانغان، بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىسىزمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ (3 نومۇر)
20. ‹‹بۈيۈك بايقاش›› ناملىق ئەسەردىكى ‹‹بايقاش›› نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئاپتۇر بۇ بايقاشنى نېمە ئۈچۈن‹‹بۈيۈك›› دەيدۇ؟ (3 نومۇر)
21. « دەريا بويى ـــ قەدىمكى مەدەنىيەت ئارىلى» ناملىق تېكىستتىكى دەريا بويى خەلقلىرىنىڭ ئادىمىيلىكى بىلەن زامانىۋىي جەمئىيەت خەلقلىرىنىڭ ئادىمىيلىكىنى سېلىشتۇرۇپ، ئادىمىيلىكنىڭ ئۆلچىمى ھەققىدىكى كۆز قارىشىڭىزنى بايان قىلىڭ. (3 نومۇر)
Ⅳ مەشىق ئىشلەش سۇئالى
22. تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىسىنى ئىزاھلاڭ. (2 نومۇر)
(1) تىلسىمات:
(2) شۈبھىلەنمەك
23. تۆۋەندىكى ئىدىئوم ۋە جۈملە شەكىللىرىگە جۈملە تۈزۈڭ. (2 نومۇر)
(1) چوت سوقۇش:
(2) ...نېمىدىگەن...نېمىدىگەن...:
Ⅴ ئوقۇپ چۈشىنىش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش سوئالى
24. ھەممەيلەن ھەر كۈنى: «ۋاي بولدىلا، ۋاقىت بارغۇ، ئەتە ئۆگەنسەممۇ كەچ ئەمەس.» دەپ ئويلىشىدۇ، ئەمدى نەتىجىگە قاراپ باقايلىچۇ، ھەي، ئۆگىنىشنى دائىم ئەتىگە قالدۇرۇش ئېلزاسلىقلارنىڭ ئەڭ چوڭ بەختسىزلىكى، ئەمدى ھېلىقى ئەبلەخلەر بىزگە، ‹قانداق؟ سېلەر ئۆزۈڭلارنى تېخى فرانسوز دەيسىلەر، ھەتتا ئۆزۈڭلارنىڭ تىل-يېزىقىنى ئۇقمايسىلەر!...» دېسە، ھەقلىق.
تەلەپ:
- بۇ پارچە قايسى ئەسەردىن ئېلىنغان؟ ئەسەرنىڭ ژانىرى نېمە؟ (2 نومۇر)
(2) پارچىدىن فرانسوزلار دۇچ كەلگەن قانداق ئىجتىمائىي رېئاللىقنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ؟ ئاخىرقى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان جۈملىنى تەھلىل قىلىپ، بىر مىللەت تىل-يېزىقىنىڭ شۇ مىللەتنىڭ ھاياتىدا تۇتىدىغان مۇھىم ئورنى ھەققىدىكى كۆز-قاراشلىرىڭىزنى بايان قىلىڭ. (3 نومۇر)
25. ئانا،
ئانا ئۈچۈن ۋەتەن بىر بالا،
بالا ئۈچۈن ۋەتەن بىر ئانا،
شۇڭا دەيمىز تىنچلىق ياخشى،
ھەر كىشىنىڭ ۋەتىنى بولىسا.
ئۇنى شۇنداق قۇچاقلاپ سۆيسە،
ئەنە شۇدۇر تىنچلىق دېگەن،
ئەنە شۇدۇر قۇربان بېرىش ھەم،
ئەنە شۇدۇر ۋىجدان دېگەن ھەم،
شۇدۇر يەنە ۋەتەن ئوغلانى.
تەلەپ: (1) بۇ شېئىرىي پارچە بىلەن لوتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ‹‹مۇھەببەت ۋە نەپرەت›› ناملىق شېئىرىنىڭ يېزىلىشىدا قانداق پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىڭىز؟ (2 نومۇر)
(2) پارچىدىكى مەزمۇن ئاساسىدا « ئانا ــ ۋەتەن ــ بالا» دېگەن ئۈچ ئۇقۇمنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە قىسقا يەكۈن چىقىرىڭ.(3 نومۇر)
Ⅵ يېزىقچىلىق سۇئالى (40 نومۇر)
26. بىر مەۋسۇملۇق ئۆگىنىش، تۇرمۇشىڭىزدىن خۇلاسە چىقىرىپ بېقىڭ.(خۇلاسە يېزىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولسۇن) (10 نومۇر)
27. بىر مەيدان شىددەتلىك ئۇرۇشتا، بىر كاپىتان تۇيۇقسىز دۈشمەن ئايروپىلانىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بازىسىغا يېقىنلاپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قاپتۇ. قائىدە بويىچە بۇنداق چاغدا قىلچە ئىككىلىنىپ تۇرمايلا يەردە يېتىۋېلىش كېرەك، ئەمما كاپىتان يېتىۋالماپتۇ، چۈنكى ئۆزىدىن تۆت-بەش مېتىر نېرىدىكى بىر كىچىك ئەسكەرنىڭ تېخىچىلا ئۆرە تۇرغانلىقىنى بايقاپتۇ، ئۇ ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي، ئۇچقاندەك بېرىپ ھېلىقى كىچىك ئەسكەرنى يەردە ياتقۇزۇپ گەۋدىسى بىلەن توسۇپ يېتىۋاپتۇ. بۇ چاغدا غايەت زور پارتلاش ئاۋازى بىلەن تەڭ توپا-چاڭ ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپتۇ، دۈشمەن ئايروپىلانى بىر ھازا بومبا تاشلىغاندىن كېيىن، قايتىپ كىتىپتۇ، كاپىتان ئۈستى-بېشىدىكى توپىلارنى قېقىۋېتىپ، بىردىنلا ھاڭ-تاڭ قاپتۇ، ھېلىقى ئۆزى تۇرغان يەرگە ئىككى بومبا چۈشۈپ، يوغان بىر ئازگال پەيدا بولغانىكەن، بۇ كاپىتان شۇندىلا كىچىك ئەسكەرگە ئەمەس، ئۆزىگىمۇ ياردەم قىلغانلىقىنى ھېس قىپتۇ.
تەلەپ:
(1) «باشقىلارغا ياردەم قىلغانلىق ئۆزىگە ياردەم قىلغانلىق» دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ، بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ. (2) ژانىرىنى ئۆزىڭىز بەلگىلەڭ. ماۋزۇسىنى ئۆزىڭىز ئوبرازلىق قويۇڭ. (3) خەت چىرايلىق، ئىملا توغرا، تىنىش بەلگىلىرى جايىدا قويۇلغان بولسۇن، ھەجىمى بىر بەتتىن كەم بولمىسۇن. (30 نومۇر)
(تەھرىر : admin)
«8-يىللىق 1-مەۋسۇملۇق ئىمتىھان سوئالى تىل-ئەدەبىيات»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: 8- يىللىقلار ئۈچۈن 1- مەسۇملۇق ئىمتىھان سوئالى
- 学年第二学期八年级物理期末试卷
- 2012/2013-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق « ئۈچنى قوغد
- 2012/2013-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇم ساغلاملىق ماۋس
- 2012/2013-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇم 7- يىللىقلارنىڭ
- 2012/2013-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇم 9- يىللىقلارنىڭ
- 8-يىللىقلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى دەرس
- 8-يىللىق گۈزەل-سەنئەت ئىمتىھان سۇئالى
- 7-يىللىق گۈزەل-سەنئەت ئىمتىھان سۇئالى
- 七年级数学第二学期期末测试5
- 7-يىللىقلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى دەرس
- كومپيۇتېر نەزىرىيە ئىمتىھان سۇئالى
- -ئوتتۇرا مەكتەپ 2010/2011-ئوقۇش يىلى 2- ماۋسۇ
- 7-يىللىقلار شىنجاڭ دەرىسىنىڭ ماۋسۇملۇق
- 7-يىللىقلار ساغلاملىق ئىمتىھان سۇئالى
- تولۇق 1-يىللىق مەۋسۇملىق ئىنتىھام سۇئال
- تۇلۇقسىز 1-يىللىق1-مەۋسۈم قوش تىل ماتمات
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-07-25 17:07
- 学年第二学期八年级物理期末试卷
- 2012/2013-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق « ئۈچنى قوغداش ئى
- 2012/2013-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇم ساغلاملىق ماۋسۇملۇق
- 2012/2013-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇم 7- يىللىقلارنىڭ ئۇنۋى
- 2012/2013-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇم 9- يىللىقلارنىڭ پائال
- 8-يىللىقلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى دەرسى ماۋ
- 8-يىللىق گۈزەل-سەنئەت ئىمتىھان سۇئالى
- 7-يىللىق گۈزەل-سەنئەت ئىمتىھان سۇئالى
- 七年级数学第二学期期末测试5
- 7-يىللىقلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى دەرسى ماۋ
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى ئەدەبى
- ئىچكىرى تولۇق تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى ماتىما
- تولۇقسىز 8-يىللىقلارنىڭ 1-مەۋسۇملۇ
- 8-يىللىقلار ئىمتىھان سۇئالى
- تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سۇئالى
- 8-يىللىق ئىمتىھان سوئالى
- 学年第二学期八年级物理期末试卷
- 7-يىللىقلار ئۈچۈن ئايلىق تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھ
- ئوتتۇرا مەكتەپ 9-يىللىقلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش
- 7-يىللىق 1-مەۋسۇم شىنجاڭ ئىمتاھان سۇئالى