ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى > تولۇق مەزمۇنى

7-يىللىقلار ئۈچۈن 1-مەۋسۇملۇق ئىمتىھان سوئالى

ۋاقىت : 2013-03-01 21:01 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئەخلەت | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
7-يىللىقلار ئۈچۈن 1-مەۋسۇملۇق ئىمتىھان سوئالى
تىل-ئەدەبىيات سوئال قەغىزى
تاللاش سوئالى (ھەر بىرىگە 2دىن جەمئىي 14نومۇر بېرىلىدۇ)
پەقەت بىرىلا تاللىنىدۇ، تاللىغان جاۋابنىڭ ھەرپ بەلگىسىنى جاۋاب يېزىش قەغىزىدىكى ماس كاتەكچىگە يېزىڭ.
  1. تۆۋەندىكىلەردىن قوشۇمچىلارنىڭ ئۇلىنىشى خاتا بولغان سۆز:
.A مەكتىپىڭىزلەر                     .B ئاچقۇچلۇق
.C باغقا                                .D كېكىردەك
2. ‹‹قىزىمنىڭ بالىسى ئانارنىڭ دانىسى، ئوغلۇمنىڭ بالىسى ۋاي ئۇنىڭ ئانىسى›› دېگەن ماقالدىكى سۆزلەرنىڭ تاۋۇش ئۆزگىرىشلىرى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:
.A بىر سۆزدە ‹‹ي›› تاۋۇشىنىڭ قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن.
.B ئىككى سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن.
.C ئۈچ سۆز تەركىبىدىكى‹‹ئا›› تاۋۇشى قوشۇمچە قوشۇلغاندا ‹‹ئى›› تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان.
.D ئىككى سۆز تەركىبىدىكى ‹‹ئە›› تاۋۇشى قوشۇمچە قوشۇلغاندا ‹‹ئى›› تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان.
3. ‹‹شېئىر ۋە شائىر›› ناملىق تېكىستتە شېئىر گۈلدۈرمامىغا ئوخشىتىلىش ئارقىلىق ئىپادىلەنگىنى شېئىرنىڭ:
.A خەلقنى ئويغىتىشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكى.
.B  ئاھاڭدارلىقىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكى.
.C دۈشمەنگە زەربە بېرىش قورالى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكى.
.D سەنئەتنىڭ بىر تۈرى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكى.
4. تۆۋەندىكى پارچە ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
ــ بالا كىچىك، نادان بولغىنى ئۈچۈن شوخلۇق قىلىدۇ، ئاتنىڭ تېيىمۇ قىيغىتىدۇ، ئۆچكىنىڭ ئوغلىقىمۇ سەكرەيدۇ ئەمەسمۇ، سادىغاڭ كېتەي ئاكا! بۇ قېتىم مەن بالىنى تىلىۋالاي، ئەتىگىچە ئوبدان نەسىھەت قىلىپ ئاپىرىپ قوياي،ــ دېگەندەك بىر مۇنچە شېرىن سۆزلەر بىلەن دادامنى ئېرىتىپ، مېنى ئېلىپ قالدى.
.A پارچىدا تىل تەسۋىرى بىلەن بايان قوللىنىلغان.
.B پارچىدىكى ‹‹ئېرىتىش›› دېگەن سۆز ‹‹ماقۇل كەلتۈرۈش›› دېگەن مەنىدە قوللىنىلغان.
.Cپارچىدا بالىلارنىڭ خاراكتېرىدىكى شوخلۇقنىڭ تەبىئىي ئەھۋال ئىكەنلىكى نەقىل ئارقىلىق دېيىلگەن.
.Dپارچىدا دادا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈر زىددىيەت دېئالوگ ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.
5. ‹‹ئەتلەستىكى سەنئەت›› ناملىق تېكىستتە ئەتلەسنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بەدىئىي قىممەتكە ئىگە سەنئەت بۇيۇمى دېيىلىشىدىكى ئاساسى سەۋەب:
.Aقول ھۈنەر مەھسۇلاتى ئىكەنلىكى
.B  مۇئەييەن سمۋوللۇق قىمەتكە ئىگە ئىكەنلىكى
.C رەڭ ۋە نۇسخىلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى
.D  تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئىپادىلىگەنلىكى
6. مەشھۇر ئەسەر ‹‹مەھمۇد كاشغەرىي››گە ئائىت ئۇچۇرلاردىن توغرا ئېيتىلغانلار گۇرۇپپىسى:
(1) ‹‹مەھمۇد كاشغەرىي›› رومانى يازغۇچى پەرھات جىلان تەرىپىدىن يېزىلىپ، 1994- يىلى تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان.
(2) روماندىكى مەھمۇد كاشغەرىي قاراخانىيلار دەۋرىدە ياشىغان ئۇلۇغ تىلشۇناس ھەم مەشھۇر دۆلەت ئەربابىدۇر.
(3) روماندىكى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسى ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› ناملىق مەشھۇر ئەسەرنى يېزىپ قالدۇرغانلىقىدۇر.
(4) مەشھۇر ئالىم، تۈركلوگ مەھمۇد كاشغەرىي يازغان ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››نى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۇنجى لۇغىتى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
(5) ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››نىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بىردىنبىر نۇسخىسى ھازىر تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ساقلانماقتا.
(6) ‹‹مەھمۇد كاشغەرىي›› رومانىدىن ئېلىنغان پارچىدا مەھمۇد كاشغەرىينىڭ چەۋەندازلىققا بولغان قىزىقىشى ۋە جەڭدىكى باتۇرلۇقى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
.A(1)(3)(5)(6)    .B(3)(4)(5)(6)  .C(1)(3)(4)(5)    .D(2)(3)(4)(5)
7. ‹‹كەپتۇ دىۋىنىڭ ئاچچىقى،
 قوشت مۇشتتەك بوپتۇ قاپىقى،
كارنىيى يىرتىلىپ كەتكۈدەك،
تىل ساپتۇ ساماغا يەتكۈدەك.›› دېگەن پارچىنىڭ تەھلىلى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
.Aبۇ پارچە ‹‹دىۋە ۋە بالىلار›› ناملىق شېئىرىي چۆچەكتىن ئېلىنغان.
B.ئىككىنچى مىسرادا دىۋىنىڭ ئاچچىقى بەك كەلگەنلىكى ئوخشىتىش ئارقىلىق ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن.
.Cپارچىدىكى ‹‹ساما›› دېگەن سۆز ‹‹ئاسمان، كۆك›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
.Dپارچىدا دىۋىنىڭ ناھەقچىلىقنى كۆرسە دەرغەزەپكە كېلىدىغان ھەققانىيەتچى خاراكتېرى ئىپادىلەنگەن.
 
بوش ئورۇن تولدۇرۇش سوئالى (ھەر بىرىگە 1دىن جەمئىي15نومۇر)
8. ‹‹ياخشى كۈتۈپخانا ھەقىقىي مەنىسى بىلەن كائىناتنىڭ جاھاننامە ئەينىكى بولۇپ، بۇ ئەينەكتە ئۆز سەرگۈزەشتىلىرىمىزدىن ھالقىغان دۇنياۋىي ماھىيەتلەر جىلۋىلىنىدۇ. ئەگەر كىتاب بولمىغان بولسا، دۇنيانى مىڭلىغان قۇياشمۇ جاھالەت ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشى مۇمكىن بولمىغان بولاتتى.›› دېگەن پارچىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ.
1) ‹‹جىلۋىلىنىدۇ›› دېگەن سۆزدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ --- ھادىسىسى كۆرۈلگەن.
2) ‹‹جاھالەت›› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ------------ دېگەنلىكتۇر.
3) ‹‹كۈتۈپخانا›› ------------------ گە ئوخشىتىلغان.
4) پارچىدا كىتابنىڭ ---------------- ئىكەنلىكىدەك ئالاھىدىلىكى ئوبرازلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بۇ خىل ئالاھىدىلىككە ئاساسەن كىتابنى ------------قا ئوخشىتىشقا بولىدۇ.
9. ‹‹بالىلار ھاياتنىڭ چىرىغى!
  ئېنىقكى: شادلىقى-قىزىقى!›› دېگەن مىسرادىكى ‹‹چىراغ›› دېگەن سۆزدە ئىستىلىستىكىدىكى ------ لۇق مەنا ئىپادىلەنگەن.
10. ‹‹موللاقچىلىقنى ئۆگىنىش›› ناملىق تېكستنىڭ ئاپتورى ------ بولۇپ، ئۇ 20- ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغۇچى ------ ۋە ------- دۇر. بۇ تېكست ئۇنى--------- ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان بولۇپ، تېكستتە ---------------- تېما قىلىنغان.
11. ‹‹ئۇر توقماق›› ژانىرى جەھەتتىن ------- چۆچەك بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ‹‹ئۇر توقماق›› ---------- سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان.
12.‹‹مەشرەپ›› ناملىق تېكستتە ئاساسلىقى ‹‹------ مەشرىپى›› بىلەن ‹‹--------مەشرىپى›› تونۇشتۇرۇلغان.
 
مۇھاكىمە ۋە مەشق سوئالى (جەمئىي 26نومۇر)
13.‹‹بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى ماھىيەتتە دەل شۇ مىللەتنىڭ تارىخىدۇر›› دېگەن ھۆكۈمگە ئاساسەن تىل- ئەدەبىياتنىڭ رولى ۋە ئۇنى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈڭ. (4نومۇر)
 
 
 
 
 
14. ‹‹ئالىم بولاي دېسەڭ مەكتەپكە بار، ئادەم بولاي دېسەڭ مەشرەپكە بار›› دېگەن جۈملىگە ئاساسەن ‹‹ئالىم بولۇش›› ۋە ‹‹ئادەم بولۇش›› ھەققىدە قىسقىچە پىكىر بايان قىلىڭ.(4نومۇر)
 
 
 
 
 
15.تۆۋەندىكى مەشق تەلەپلىرىنى ئورۇنلاڭ.
1) تۆۋەندىكى جۈملە تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى بوش ئورۇنلارغا بېرىلگەن قوشۇمچىلاردىن مۇۋاپىقىنى تاللاپ جۈملىنى راۋانلاشتۇرۇڭ. (4نومۇر)
قوشۇمچىلار: ‹‹-دار، -داش، -دىن، -تىن، -غان، -قان، -گەن، -كەن›› بىر ئانا ---- تۇغۇل ---- بۇ ئىككى قېرىن ---- مىجەز جەھەت ---- ئىككى دۇنيا ئىدى.
 
2) تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن جۈملە تۈزۈڭ. جۈملىدە مەلۇم ئستىلىستىكىلىق ۋاستە قوللىنىلسۇن. (4نومۇر)
(1) ئۆرنەك:
 
(2) ئوغرى مۈشۈك:
 
16.تۆۋەندىكى پارچىلارنى ئوقۇپ تەلەپلەرنى ئورۇنلاڭ.
1) ‹‹بالىسىز بۇ دۇنيا بوش تاغار...
   بالىسىز دۇنياغا جۇت ياغار››
تەلەپ:
(1) ‹‹جۇت›› دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى نېمە؟ پارچىدا قانداق ئىتىلىستىكىلىق ۋاستىلار قوللىنىلغان؟ (3نومۇر)
 
 
(2) پارچىدا ئىپادىلەنگەن مەزمۇننى تەھلىل قىلىڭ. (2نومۇر)
 
 
 
2) ‹‹ــ ھەي، بۇ ياخشى ئۇچۇر بولدى، مەن ئەنە شۇنداق ساپ ئۇيغۇرچە كەسپىي ئاتالغۇلارغا قىزىقىۋاتىمەن، توختاڭ، ئالدىرىماي دەڭ، مەن بىرمۇ بىر يېزىۋالاي، ‹‹بويۇنچاق›› دېگەن نېمىدېگەن ئوبرازلىق ئاتالغۇ-ھە!››
تەلەپ:
(1) بۇ پارچە قايسى تېكستتىن ئېلىنغان؟ پارچىدا ‹‹مەن››نىڭ قانداق تەسۋىرى بېرىلگەن؟ (2نومۇر)
 
 
(2) پارچىدىكى ‹‹مەن›› كىم؟ پارچىدىن ‹‹مەن››نىڭ قانداق خاراكتېرىنى ھېس قىلدىڭىز؟ بۇ سىزدە قانداق تەسىرات پەيدا قىلدى؟ (3نومۇر)
 
 
 
 
يېزىقچىلىق سوئالى (45نومۇر)
17. ساۋاقدىشىڭىز ئەركىن ئائىلىسىدىكى مەلۇم جىددىي ئىش سەۋەبىدىن سىنىپ مەسئۇلىدىن بىر كۈنلۈك رۇخسەت سورىماقچى. سىز بۇ جىددىي ئىشنى رېئاللىققا ئۇيغۇن ھالدا تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئەركىن نامىدا بىر پارچە رۇخسەت سوراش خېتى يېزىڭ. رۇخسەت سوراش خېتى تەلىپىگە ئۇيغۇن بولسۇن. (7نومۇر)
 
 
 
 
 
 
 
 
18. ‹‹ئائىلىدىكى ئىشلار›› دېگەن تېمىدا بىر پارچە بايان خاراكتېرلىك ماقالە يېزىڭ. (38نومۇر)
تەلەپ:
1) ماۋزۇنى ئىجابىي،ئوبرازلىق قويۇڭ.
2) تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش-ۋەقەلەرنى تاللاپ يېزىڭ.
3) باياننىڭ ئامىللىرىنى ئىمكانقەدەرتولۇق يېزىڭ. تىلى راۋان، سۆز جۈملىلەر ئېنىق، خەت چىرايلىق، ئىملا توغرا بولسۇن، ھەجمى بىر بەتتىن كەم بولمىسۇن.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-07-25 17:07
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ