ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى > تولۇق مەزمۇنى

8- يىللىقلار ئۈچۈن 1- مەسۇملۇق ئىمتىھان سوئالى

ۋاقىت : 2013-03-01 21:04 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئەخلەت | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
8- يىللىقلار ئۈچۈن 1- مەسۇملۇق ئىمتىھان سوئالى
تىل- ئەدەبىيات
تاللاش سوئالى: تۆۋەندەكى ھەربىر تارماق ئۈچۈن بېرىلگەن تۆت خىل جاۋابتىن بىرىلا توغرا. (2دىن 20 نومۇر)
1. تۆۋەندە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
A. ‹‹ئات ھارۋىسى ئېگىز- پەس توپىلىق يولدا قوپال تەۋرىتىلگەن بۆشۈكتەك چايقىلىپ ماڭماقتا›› دېگەن جۈملىدە بىر ئوخشىتىش، بىر قارىمۇقارشى سۆز بار.
B. ‹‹ھەر ئىككىمىز قىچقارسا ئېتى بار، تۇتسا سېپى بار ئادەملەر›› دېگەن جۈملىدىكى ئاستى سىزىلغان بىرىكمىلەر ئىدىئومدۇر.
C. ‹‹ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس›› دېگەن بىرىكمە ماقال.
D. ‹‹سېغىندىم ۋەتەننى ئۇزاق سەپەردە›› ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى قۇربان بارات، ژانىرى شېئىر.
2. قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان يادىكارلىقلاردىن:
A. تۈركىي تىللار دىۋانى››، ئەتەبەتۇل ھەقايىق››
B. ‹‹ئالتۇن يارۇق››، ‹‹ ئوغۇزنامە››، ‹‹قۇتادغۇبىلىك››نىڭ بىرىنچى نۇسخسى
C. ‹‹كۆلتىگىن مەڭگۈ تېشى››، ‹‹تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى››
D. ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››، ‹‹مايتىرى سىمىت››
3. ‹‹بالا مېھرى›› ناملىق ئەسەر ھەققىدە ئېيتىلغان توغرا جاۋاب:
A. ئەسەردە ئاساسلىقى ئېسىلزادە خانىمنىڭ بالا يۈزى كۆرەلمىگەچكە بالىغا بولغان مېھرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەسۋىرلەنگەن.
B. نامرات ئاتا- ئانىنىڭ بالىلىرىنى باقالماي، ياخشىراق باقالايدىغان كىشىلەر بولسا بېرەيلى، دەپ خوككايدۇغا ماڭغانلىقى يېزىلغان.
C. نامرات ئاتا- ئانىنىڭ بالىلىرىغا بولغان چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببىتى ئىنتايىن تەسىرلىك ھالدا ئىپادىلەنگەن.
D. تېكىستتىن ‹‹ئانىنىڭ كۆڭلى بالىدا، بالىنىڭ كۆڭلى دالىدا›› دېگەن ماقالنى يەكۈنلەشكە بولىدۇ.
4. ‹‹مېنىڭمۇ ۋەتىنىم بار بۇ دۇنيادا، ھەر قۇشنىڭ ئۆز ئىنى بولغىنىغا ئوخشاش›› دېگەن مىسرادىكى ‹‹ئىن›› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى:
A. كەڭلىك       B. جۈپتى        C. ئۇۋا        D. يېمەكلىك
5. ‹‹مۇھەببەت ۋە نەپرەت›› ناملىق ئەسەر ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
A. بۇ شائىر لوتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرى شىنجاڭنى بېسۋالغاندا، خەنزۇ خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى كۈرەش قىلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ يازغان داستانىدۇر.
B. تېكىستتىكى ‹‹مۇھەببەت›› خەلقنىڭ ۋەتەننى دۈشمەن تاپىنىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك ۋەتەن مۇھەببىتىدۇر.
C.تېكىستتە قاچاق ئەسكەر جاڭغا نىسبەتەن ئاتا- ئانىسى ۋە سۆيگەن قىزىنىڭ كۈچلۈك نەپرىتى ئىپادىلەنگەن.
D. ياپونغا قارشى ئۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بۇ داستاندا، شائىرنىڭ كۈچلۈك ۋەتنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن.
6. ‹‹لوپنۇر ــ يوقالغان كۆل›› دېگەن ئەسەر ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
A. 1930- يىللاردا لوپنۇر كۆلى سۈيى مول، ھەرخىل قۇشلار ماكان تۇتقان سىرلىق كۆل ئىدى.
B. تارىم ۋادىسىدا بوز يەر ئاچقۇچىلارنىڭ تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنى قالايمىقان تارتىپ كېتىپ، تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئازلىتىۋېتىشىمۇ، لوپنۇر كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.
C. لوپنۇر كۆلى ئازادلىقتىن بۇرۇن، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەبىئەتكە زىيانكەشلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن قۇرۇپ كەتكەن.
D. 1980- يىلى ۋە 1996- يىللىرى جۇڭگولۇق ئالىم ۋە ئېكسپېدىتسىيىچىلەر لوپنۇر كۆلى ئەتراپىدىكى پايانسىز چۆللۈكتە خەتەرگە ئۇچرىغان.
7. ‹‹دادامنىڭ ئاخىرقى خېتى›› ناملىق ئەسەرنىڭ يېزىلىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:   (     )
A. ئەسەر بىرىنچى شەخس (‹‹مەن››) تىلىدا يېزىلغان.
B. ئەسەر ئىككى بۆلۈككە بۆلۈنۈپ يېزىلغان بولۇپ، ئىككى بۆلەكتە ئىككى خىل دەۋر يېزىلغان.
C. ئەسەردە بىر پارچە سالام خەت يىپ ئۇچى قىلىنغان.
D.ئەسەر چېكىنمە بايان ئۇسۇلىدا يېزىلغان.
تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ 8-~10- تاللاش سوئاللىرىنىڭ تەلىپىنى ئورۇنداڭ.
‹‹بىزنىڭ كېمە قارا توغراققا قاراپ ئۇچقاندەك كېتىۋاتماقتا. ئاجايىپ مەنزىرىلىك قىرغاقلارنى كەينىگە قالدۇرۇپ، سۇنىڭ ئېقىشىغا يۈرۈش نېمىدېگەن كۆڭۈللۈك-ھە! قارا توغراققا بارىدىغان دەريا ناھايىتى تۈز بولۇپ، شەرقىي شىمالغا بىلىنەر- بىلىنمەس بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ سوزۇلغانىدى. يىراقتىن قارىغاندا، سۇ يۈزى ئاسمان بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كۆرۈنەتتى. بۇ ھال دەريانىڭ چەكسىز ئالەم بوشلۇقىغا قوشۇلۇپ كەتكىنىدەك تۇيغۇ بېرەتتى.››
8. پارچىدا قوللىنىلغان ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى:   (     )
A. بايان، تەسۋىر لىرىكا           B. تەسۋىر، چۈشەندۈرۈش
C. بايان، مۇھاكىمە               D.بايان، لىرىكا
9. پارچىدىكى سۆزلەر ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:  (   )
A. ئىككىنچى جۈملىدىكى ‹‹قىرغاق›› دېگەن ئىسىمنى ئېنىقلىغان ئىككى سۈپەتنىڭ بىرى ياسالما سۈپەت، يەنە بىرى تۈپ سۈپەت.
B. پارچىدىكى ‹‹تۈز›› دېگەن ئەسلىي دەرىجىدە كەلگەن سۈپەتتۇر.
C. ‹‹چەكسىز›› دېگەن سۈپەت ‹‹ئالەم بوشلۇقى›› دېگەن ئىسىمنى ئېنىقلاپ ئېنىقلىغۇچى رولىدا قوللىنىلغان.
D. ‹‹بۇ ھال دەريانىڭ چەكسىز ئالەم بوشلۇقىغا قوشۇلۇپ كەتكىنىدەك تۇيغۇ بېرەتتى.›› دېگەن جۈملىدە بىر ئالماش قوللىنىلغان.
10. پارچىدىكى ‹‹قارا توغراق›› دېگەن سۆز بىرىكمىسى:  (    )
A. قارا رەڭلىك توغراق دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن سۈپەتلەردۇر.
B. يەر نامىنى بىلدۈرگەن سۈپەت- ئىسىم سۆز بىرىكمىسى
C. توغراقلىققا قايرىلغان يول دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
D. چوڭ توغراقلىق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىمدۇر.
 
بوش ئورۇن تولدۇرۇش سوئالى: (10 نومۇر)
11. ‹‹ئاتاڭنىڭ بالىسى بولغۇچە، ئەلنىڭ بالىسى بول.›› دېگەن جۈملە تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ (          ) تۈرىگە كىرىدۇ. (                 ) تېمىسىدا ئېيتىلغان.
12. ‹‹تەۋرەيدۇ تارىخىي جامەلەر ئەكسى، مەرمەر دېڭىزنىڭ كۆكۈچ سەتھىدە›› دېگەن مىسرالاردىكى ‹‹جامە›› (                )نى كۆرسىتىدۇ. ‹‹سەتھى›› دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى (                          )
13. لوتپۇللا مۇتەللىپ (       )- يىلى تۇغۇلۇپ، (        )- يىلى ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى (             ).
14. ‹‹دەريا بويى ــ قەدىمكى مەدەنىيەت ئارىلى›› ناملىق تېكىست ژانىرى جەھەتتىن (          ) بولۇپ، تېكىستتە (                      ) مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغان.
15. ‹‹بۈيۈك بايقاش›› ناملىق ئەسەردىكى ‹‹بايقاش›› (                    )نى كۆرسىتىدۇ.
 
قىسقىچە جاۋاب بېرىش سوئالى
16. ‹‹خادىكنىڭ ئالدى چاقى قايسى يول بىلەن ماڭسا، كەينى چاقلىرىنىڭمۇ شۇ يولغا چۈشۈپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلەتتىڭ›› دېگەن جۈملىدىكى ‹‹خادىك›› نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ بۇ جۈملىدە قانداق مەزمۇن ئىپادىلەنگەن؟ (5 نومۇر)
 
 
 
17. ئەخمەتجان قاسىمى كىم؟ بىلىدىغانلىرىڭىزنى ئەتراپىلىق بايان قىلىڭ. (4 نومۇر)
 
 
 
 
مۇھاكىمە قىلىش ۋە مەشىق ئىشلەش
18. ‹‹ياشنايدۇ قەدىمىي ئۆز ماكانىدا،
توغراقتەك، يانتاقتەك بولۇپ باراقسان.
ئىنساننىڭ ئۇ ئۆزگە تۈركۈملىرىدەك،
ياشاشقا ھەققى بار زور تۈركۈم ئىنسان.›› دېگەن  كۇپلېتنى ئوقۇپ تەلەپلەرنى ئورۇنداڭ.
1) بۇ پارچە شېئىر كىمنىڭ، قايسى ئەسىرىدىن ئېلىنغان؟ (2 نومۇر)
 
2) ئەسەردە ئاپتور كىمنى كۆزدە تۇتۇۋاتىدۇ؟ (2 نومۇر)
 
3) نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى توغراققا، يانتاققا ئوخشىتىدۇ؟ بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ياشاش تارىخى ھەققىدە نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟ (5 نومۇر)
 
 
 
4) 3- مىسرادىكى ‹‹ئىنساننىڭ ئۇ ئۆزگە تۈركۈملىرىدەك›› دېگەندە كىملەرنى كۆزدە تۇتۇۋاتىدۇ؟ (2 نومۇر)
 
5) پارچىدىكى سۈپەتكە تەۋە سۆزلەرنى ئايرىپ يېزىپ بېرىڭ. (3 نومۇر)
 
19. بېرىلگەن ئەسەرنى ئوقۇپ تەلەپلەرنى ئورۇنداڭ.
بازاردىن ئېشەكلىك ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىرەيلەن كىتاب يايمىسىدىن ئىككى پارچە كىتاب سېتىۋاپتۇ. ئۇنىڭ بىرى ‹‹قانداق قىلغاندا ئېشەكتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ››، يەنە بىرى ‹‹قانداق قىلغاندا ئېشك تېز ماڭىدۇ›› دېگەن كىتابلار ئىكەن. ئېشەك زۇۋانغا كىرىپ ئىگىسىگە شۇنداق دەپتۇ:
ــ ‹‹ئېشەكنى قانداق بېقىش كېرەك›› دېگەن كىتابنى سېتىۋالسىڭىز ئوبدان بولار ئىدى.
ــ سەن بىلمەيدىكەنسەن، جانىۋار! سەندىن كۆپرەك پايدىلانسام ئاندىن پۇل تاپالايمەن، يانچۇقتا پۇل بولسا سېنى ياخشى باقالايمەن- دە، ــ دەپتۇ ھېلىقى كىشى.
ــ مېنى ئوبدان باقسىڭىز، ئاندىن تىمەن بولىمەن. تىمەن بولسام سىزگە ئوبدان خىزمەت قىلالايمەن. سىزمۇ پۇلنى جىق تاپالايسىزغۇ،ــ دەپتۇ ئېشەكمۇ بوش كەلمەي.
ئۇلار خېلىغىچە شۇ تەرىقىدە بىر- بىرىگە گەپ بەرمەي تالىشىپ مېڭىپتۇ. بىر ياندا ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغان بىرەيلەن ئېشەكنىڭ ئىگىسىگە دەپتۇ:
ــ قولۇڭدىكى قامچىنى نېمىگە ئىشلىتىسەن؟
بۇ گەپ ئېشەكنىڭ ئىگىسىنى سەگىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قامچىسىنى ئېشەكنىڭ بېشىدا ئويناتقىلى تۇرۇپتىكەن، ئېشەك بېشىنى ئىچىگە تىقىپ چېپىشقا باشلاپتۇ.
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپتۇ. ‹‹ئېشەكنى قانداق بېقىش كېرەك›› دېگەن كىتابتىن ئاران نەچچىسىلا سېتىلىپتۇ. ‹‹قانداق قىلغاندا ئېشەكتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ›› دېگەن كىتاب بىلەن ‹‹قانداق قىلغاندا ئېشەك تېز ماڭىدۇ›› دېگەن كىتاب پاك- پاكىز سېتىلىپ تۈگەپتۇ.
تەلەپ:
1) ئەسەرگە بىر مۇۋاپىق ماۋزۇ قويۇپ بېقىڭ. (2 نومۇر)
 
2) ئەگەر ئېشەكنىڭ ئىگىسى ‹‹ئېشەكنى قانداق بېقىش كېرەك›› دېگەن كىتابنى سېتىۋېلىپ شۇ بويىچە ئىش قىلغان بولسا ئەھۋال قانداق بولار ئىدى؟ نېمە ئۈچۈن؟ (3 نومۇر)
 
 
 
3) بەزىلەر ئېشەكنىڭ گېپىنىڭمۇ ئاساسى بار، دەپ قارايدىكەن. سىزچۇ؟ ئاساسىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ. (3 نومۇر)
 
 
 
4) يۇقىرىدىكى ئەسەرگە سىڭدۈرۈلگەن ئىدىيىنى تۇرمۇشتىكى يەنە قايسى ئىشلارغا تەدبىقلىغىلى بولىدۇ؟ (3 نومۇر)
 
 
 
5) ئاستى سىزىلغان پارچىدىكى ئىسىملارنى ئايرىپ يېزىڭ. (2 نومۇر)
 
20.‹‹قۇم باسقان شەھەر›› ناملىق رومان قايسى تەرەپلەردىن سىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى؟ (4 نومۇر)
 
 
 
 
يېزىقچىلىق مەشىقى (30 نومۇر)
21. دۇنيادا ئۆز ئانا يۇرتىنى سۆيمەيدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. چۈنكى ئانا يۇرت ئۇنىڭ قىيغىتىپ ئوينايدىغان بېغى، يۆلىنىدىغان مۇقەددەس تېغى، قوغدايدىغان قۇدرەتلىك پاسىبانى. ئۇنداقتا سىزمۇ شۇ ئانا يۇرتىڭىزغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىڭىزنى مەلۇم شەكىلدە ئىپادىلەپ ئەسەر يېزىپ بېقىڭ.
تەلەپ:
1) ماۋزۇنىڭ ئوبرازلىق بولۇشىغان دىققەت قىلىڭ. ژانىرىنى ئۆزىڭىز بەلگىلەڭ.
2) سۆز- جۈملىلەرنى تاللاپ ئىشلىتىڭ. ئابزاسلىرى ئېنىق ئايرىلغان، باش- ئاخىرى ماسلاشقان بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىڭ.
3) ھەجىمى بىر بەتتىن كەم بولمىسۇن.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(5)
83.3%
ناچاركەن
(1)
16.7%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-07-25 17:07
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ