ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تارىخى بىلىملەر > تولۇق مەزمۇنى

ئۇيغۇر ئىسىملىرى(4)

ۋاقىت : 2013-04-18 23:06 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
تەلەي +1

گۈلنار: ئانار گۈلى.
جەمىيلە: چىرايلىق، ئۇز، گۈزەل، كېلىشكەن.
ھەبىيبە: سۆيۈملۈك.
ھەفىيزە: مۇھاپىزەت قىلىنغۇچى، ساقلانغۇچى.
ھەلىيمە: ئېغىر- بېسىق ۋە ئەقىللىك ئايال.
ھەمىيدە: شۈكۈر ئېيتقۇچى ئايال، ماختاشقا ئەرزىيدىغان ئايال.
ھەنىيفە: ياخشىلىق تەرەپكە بۇرالغۇچى ئايال، مۇسۇلمان ئايال، توغرىنى چىڭ تۇتقۇچى ئايال.
ھەۋۋا: ھەۋۋا ئانا، ئىنسانلارنىڭ ئانىسى، يېشىلغا مايىل قارا ياكى قارىغا مايىل قىزىل.
ھۇرىيە: پەرى، ھۆر، رەڭگى ئاقپىشماق پەۋقۇلئاددە كېلىشكەن ئايال.
خالىدە: مەڭگۈ، دائىم.
خالىسە: ساپ، پاكىز، خالىس، بەك ئاق.
خەدىيجە: ۋاقتىدىن بۇرۇن تۇغۇلغان قىز بالا.
زاكىرە: ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، خاتىرە، ئاڭ.
زاكىيە: پۇرىقى ئەتراپقا يېيىلىپ تۇرغۇچى.
زەكىيە: ھۇشيار ئايال، چېچەن ئايال، زېرەك ئايال.
رەشىيدە: ھىدايەت تاپقۇچى ئايال، ئاڭلىق ئايال، ئەقىللىق ئايال.
رەنا: بەك گۈزەل بولغانلىقتىن كۆرگەن كىشى مېھرىنى ئۈزەلمەي ئۇزۇنغىچە قاراپ قالىدىغان نەرسە.
زاكىيە: ياخشى ئۆسكۈچى.
زاھىدە: ئاخرەتنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن دۇنياغا بېرىلمىگەن ئايال.
زاھىرە: گۈزەل ئايال، چىرايلىق ئايال، يۈزى يورۇق ئايال.
زۆھرە: چولپان يۇلتۇزى، ۋېنېرا، ئاپئاق، سۈزۈك رەڭ.
زەكىيە: پاك، گۇناھسىز، پەزىلەتلىك، ساپ، ئۆسكۈچى.
زەھرا: رەڭگى سۈزۈك ۋە نۇرلۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمەنىڭ لەقىمى.
زەينەب: كۆرۈنۈشى چىرايلىق خۇش پۇراق بىر دەرەخ، رىۋايەتلەردە كاككۇكنىڭ مەشۇقى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدىغان ئەپسانىۋى قۇشنىڭ نامى.
زىينەت: گۈزەللىك ۋە ھۆسن بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇيۇم، بېزەك، ھۆسن.
ساجىدە: سەجدە قىلغۇچى ئايال، باش ئەگگۈچى ئايال.
سارا: ئەڭ ياخشى، تاللانغان، سەرخىل.
سالىمە: قۇتۇلغۇچى ئايال، بېجىرىم ئايال، ساغلام ئايال، ساق- سالامەت ئايال.
سەداد: توغرىلىق، راستچىللىق.
سەئدە: بەختلىق، بەرىكەتلىك.
سەئىدە: بەختىيار ئايال، تەلەيلىك ئايال، سائادەتمەن ئايال.
سالامەت: بېجىرىم، ئەيىبسىز، ساق.
سالام: سالام بەرمەك، سالام، تىنچ- ئامانلىق سورىماق،
سەلما: ھېچ ئەيىبى يوق ئايال.
سەلىيمە: قۇتۇلغۇچى ئايال، ئەيىبسىز ئايال.
سەمرا: بۇغداي ئۆڭلۈك ئايال.
سەمىيھە: مەرد ئايال، سېخى ئايال، قولى كەڭ ئايال.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%

«ئۇيغۇر ئىسىملىرى(4)»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئالدىنقىسى:تۈزتۇرا خارابىسى
كېينكىسى: يوق
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ