نورۇزنىڭ خاسىيەتلىرى ۋە رەسمىيەتل
![]() |
بۇ قۇتلۇق كۈنلەردە كىشىلەر ئۆزلىرى ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىللە ، بىر- بىرىگە ياخشلىق تىلىشىدۇ . ئۆزئارا يوقلاشقاندا ، سەيلە – تاماشىلاردا ، مەشرەپ – سورۇنلاردا ، نورۇز ئېشى يىگەندە ئامانلىق، ياخشىلىق تىلەنگەن بىيىت – قۇشاقلارنى ئېيتىشىدۇ. ئۇستىكارلار كۆزى پىشقان ۋە قولى چىۋەر شاگىرتلىرىغا ھۈنىرىنىڭ يېڭى بىر ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. بۇرۇنقى زامانلاردا مەدرىستە – مەكتەپلەردە مۇددەرس – ئۇستازلار ئوقۇغۇچى – تالىپلىرىغا نورۇزنامە يېزىپ بېرەتتى ياكى يازدۇراتتى.
نورۇز كۈنلىرى ھەرخىل سورۇنلار تۈزۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق سەيلىسى بولىدۇ. بۇنىڭ شەكىللىرى ناھايىتى تولا . بۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ‹‹ تۇققۇز توقۇ ›› يەنى ‹‹ تۇققۇز مەرىكە – مۇراسىم ›› دېيىلگەن. ئۇلار : (1) نورۇز ناغرىسى؛ (2) نورۇز تازىلىقى؛ (3) سوغۇق قوغلاش؛ (4) يوقلاش؛ (5) نورۇز ئېشى يېيىش؛ (6) نورۇز سەيلىسى؛ (7) نورۇز يارىشى ( مۇسابىقىسى )؛ (8) نورۇز مەشرىپى؛ (9) نورۇزلۇق تىلەك ( زاراخەتمە ).نورۇزنىڭ يەنە بىر مۇھىم خاسىيىتى شۇكى، بۇ ــ بىرلىك - ئىناقلىق بايرىمى ئىدى. ئۆچ – ئاداۋەتلىكلەر، جۈملىدىن ئارىغا سۇغۇقچىلىق چۈشكەن ئەر- خوتۇنلار ‹‹ ئۆتكەنگە سالاۋات ›› قىلىپ، يارىشاتتى ياكى ياراشتۇرۇلاتتى.
(تەھرىر : بەشتاش)
«نورۇزنىڭ خاسىيەتلىرى ۋە رەسمىيەتل»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- ئۇيغۇر ئىسىملىرى
- تۈزتۇرا خارابىسى
- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قوناق تائاملىر
- خەلقىمىزدە تونۇر ۋە ئوچاق
- توقسۇ خەلقىنىڭ داپ ياساش ھۈنىرى
- چاچ مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر
- نورۇز بايرىمى ۋە نورۇز ئاتالمىسى
- نورۇزنىڭ خاسىيەتلىرى ۋە رەسمىيەتل
- نۇرۇز ناغرىسى
- نۇرۇز تازىلىقى
- سوغۇق قوغلاش
- نۇرۇز ئېشى
- نورۇز سەيلىسى
- نورۇز يارىشى
- نۇرۇز مەشرىپى
- نۇرۇزلۇق تىلەك
- تارىختا ئەڭ كۆپ زېمىن ئىگىلىگەن مەشھۇر ئىمپې
- ئۇيغۇرلاردا لۇغەتچىلىك-لۇغەتچىلىك تارىخىمىز
- ئاق تاغلىق غوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ھايا
- ئۇيغۇرلارنىڭ سالاملىشىش، كۆرۈشۈش ۋە ھال– ئە
- خوتەن قەغەزچىلىكى ۋە ئۇنىڭ باش – ئاخىرى
- «مۇقام» ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
- ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكل
- مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئىلىم روھى
- بىزدىكى ھىساپلاش ئۇسۇللىرى
- مەھمۇد قەشقەرى نامىدىكى ئۇيغۇر
- ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە مۇپ
- ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىشى ئىسىملىرى ۋە نۆۋەتتىكى
- تىل-ئەدەبىيات 6-يىللىق2-مەۋسۇم
- چىڭگىزخان موڭغۇلمۇ ياكى تۈركمۇ؟
- پۇلدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى كىم يازغان؟
- گېتلىرنىڭ ئۈچ سەۋەنلىكى
- يەكەن خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان قەدىمكى پۇللا
- كروران گۈزىلىنىڭ سىرى
- ئاق تاغلىق غوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ھايا
- تىپىش تەس بولغان ئېلكىتابلار