ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قوناق تائاملىرى
![]() |
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قوناق تائاملىرى

ئۇيغۇرلار يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولغان شىنجاڭدا ياشاپ كەلگەن شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ياشىغان جۇغراپىيەلىك ئورنى، دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىقلار ئۆزىگە خاس مول يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان بولۇپ، ئۇ جۇڭگو يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلار تارىختا خېلى بۇرۇنلا ئىپتىدائىي تۇرمۇش ئادىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئاشلىق تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، جۈملىدىن قوناق تائاملىرىنى ئىستېمال قىلىش ئادىتىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان. قوناق ـــ ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ئۆسۈملۈك مېيى ۋە ۋىتامىن تۈرىدىكى ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار بىر قەدەر مول بولغاچقا، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، قاندىكى ماينى پارچىلاپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. شۇڭا ئەجدادلىرىمىز قوناق تائاملىرىنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلغاندىن باشقا يەنە، ئۇنى مۇھىم دورا ئورنىدىمۇ ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەلگەن.

قوناق ئادەتتە، كۆممىقۇناق ۋە ئاققوناق دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنۈش بىلەن بىرگە يەنە، كۆممىقوناق ئاق كۆممىقوناق ۋە سېرىق كۆممىقوناق دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. كۆممىقوناقنىڭ تەبىئىتى سوغۇققا، ئاققوناقنىڭ تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل كېلىدۇ. مەيلى قايسى خىلدىكى قوناق بولسۇن، ئۇنى ئېھتىياجىغا قاراپ، ياغۇنچاق ياكى تۈگمەندە ئېزىپ ئۇن قىلغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل تائاملارنى ئېتىپ يېيىشكە بولىدۇ.
كۆممىقوناقنىڭ ئۇنىدا بولسا، قوناق نان (زاغرانان)، كۆمەچ (ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدىغان نان)، سوقتا كۆمەچ (قوناق خېمىرىنىڭ ئارىسىغا گۆشلۈك نارىن سېلىپ ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدىغان كۆمەچ)، قوناق قۇيمىقى، قوناق پۆرىسى (قوناق خېمىرىنىڭ ئارىسىغا بېدە كۆكى ياكى باشقا خۇرۇچلارنى سېلىپ، تونۇر ياكى ئوچاققا يېقىپ پىشۇرۇلىدىغان قوناق سامسىسى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ) قاتارلىق نان تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئېتىپ ئىستېمال قىلغاندىن باشقا يەنە، قوناق يامىسى، ئۇماچ، زاڭ، يوبدان، مۇنەك ياكى چۇرا (گۆش، سەۋزە، بېدە كۆكى، كاۋا قاتارلىقلارنى قىيما قىلىپ قوناق خېمىرىدا ئېتىلىدىغان ئاش)، ياما قايناتمىسى (قېتىق سۈزمىسى ياكى خېمىرتۇرۇچ بىلەن قوناق يامىسىدا ئېتىلىدىغان ئاش) قاتارلىق تائاملار قازاندا ئېتىپ يېيىلىدۇ.
ئاققوناق ئۇنىدا ئاساسلىقى، ئاققوناق نېنى، سىقماق ئېشى (ئاققوناق ئۇنىنى خېمىر قىلىپ، قول ياكى تۆشۈكچىلەر ئېچىلغان خالتىدا سىقىپ ئېتىلىدىغان بىر خىل ئاش)، ئاققوناق يامىسى، ئاققوناق ئۇمىچى، ئاققوناق كوچىسى (ئاققوناقنى ئۇن قىلماستىن، پۈتۈن پېتى قازانغا سېلىپ، باشقا خۇرۇچلار بىلەن ئېتىلىدىغان ئاش) قاتارلىق ئۆزگىچە تائاملارنى ئېتىپ يىيىشكە بولىدۇ.
ئەجدادلىرىمىز يۇقىرىقىدەك قوناق تائاملىرىنى ئاساسلىق يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلغاندىن باشقا يەنە، قوناق تائاملىرىنى سالامەتلىك ئەھۋالىغا قاراپ ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مىجەزىنى تەڭشەپ تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن. مەسىلەن، ئاشقازىنىنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچار ياكى قەۋزىيەت بولۇپ قالغانلار قوناق ئۇمىچى ئىچىش، ئىچكى ئەزالىرىنىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتكەنلەر تونۇر ياكى ئوچاقتا پىشۇرۇلغان كۆمەچ تۈرىدىكى تائاملارنى ئىستېمال قىلىش، شورپىغا قوناق نېنىنى چىلاپ ئىچىش، قېتىقنى قوناق نېنىنى بىلەن ئىچىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىجەزىنى تەڭشەپ تۇرغان. ھەتتا، يېڭى توغۇلغان بوۋاقلارغىمۇ تاماق ھەزىم قىلىشى ياخشى بولۇپ، تېز چوڭ بولىدۇ، دەپ قاراپ، توغۇلۇشى بىلەنلا، قوناق نېنىنى قوينىڭ قۇيرۇق مېيى ياكى ياڭاق، بادام مېغىزى بىلەن قوشۇپ، ئېغىزلاندۇرۇش ئادەتلىرىمىزمۇ ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. قىسقىسى، قوناق تائاملىرى سالامەتلىككە كۆپ تەرەپلىمە پايدىلىق بولغاچقا، بۇرۇنقىلارنىڭ تۇرمۇش ۋە داۋالىنىش شارائىتى ھازىرقىدەك ياخشى بولمىسىمۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قوناق تائاملىرى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- ئۇيغۇر ئىسىملىرى
- تۈزتۇرا خارابىسى
- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قوناق تائاملىر
- خەلقىمىزدە تونۇر ۋە ئوچاق
- توقسۇ خەلقىنىڭ داپ ياساش ھۈنىرى
- چاچ مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر
- نورۇز بايرىمى ۋە نورۇز ئاتالمىسى
- نورۇزنىڭ خاسىيەتلىرى ۋە رەسمىيەتل
- نۇرۇز ناغرىسى
- نۇرۇز تازىلىقى
- سوغۇق قوغلاش
- نۇرۇز ئېشى
- نورۇز سەيلىسى
- نورۇز يارىشى
- نۇرۇز مەشرىپى
- نۇرۇزلۇق تىلەك
- تارىختا ئەڭ كۆپ زېمىن ئىگىلىگەن مەشھۇر ئىمپې
- ئۇيغۇرلاردا لۇغەتچىلىك-لۇغەتچىلىك تارىخىمىز
- ئاق تاغلىق غوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ھايا
- ئۇيغۇرلارنىڭ سالاملىشىش، كۆرۈشۈش ۋە ھال– ئە
- خوتەن قەغەزچىلىكى ۋە ئۇنىڭ باش – ئاخىرى
- «مۇقام» ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
- ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكل
- مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئىلىم روھى
- بىزدىكى ھىساپلاش ئۇسۇللىرى
- مەھمۇد قەشقەرى نامىدىكى ئۇيغۇر
- ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە مۇپ
- ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىشى ئىسىملىرى ۋە نۆۋەتتىكى
- تىل-ئەدەبىيات 6-يىللىق2-مەۋسۇم
- چىڭگىزخان موڭغۇلمۇ ياكى تۈركمۇ؟
- پۇلدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى كىم يازغان؟
- گېتلىرنىڭ ئۈچ سەۋەنلىكى
- يەكەن خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان قەدىمكى پۇللا
- كروران گۈزىلىنىڭ سىرى
- ئاق تاغلىق غوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ھايا
- تىپىش تەس بولغان ئېلكىتابلار