توقسۇ خەلقىنىڭ داپ ياساش ھۈنىرى
![]() |
داپ - سوقما مىللىي چالغۇ بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان، ئۇزۇن تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە خەلق چالغۇسى. ئۇ دۇمباق تىپىدىن تەرەققىي قىلغان، ئۆزى يۇمىلاق قەدىمىي چالغۇ. ئاۋازى جۇشقۇن، ئۆزى يەڭگىل، ئېلىپ يۈرۈشكە، چېلىشقا ئەپلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، قول ئالقىنى ۋە بارماقلار بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدىغان، ئۇيغۇر مۇزىكىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان چالغۇ ھېسابلىنىدۇ.
داپنىڭ گەردىشى ئاساسەن ئۈجمە ياكى ياڭاق ياغىچىدا ياسىلىدۇ. يۈزلۈكى ئات، يىلان، ئۆچكە تېرىسىدىن ياسىلىدۇ. مەخسۇس يىلان تېرىسى ئىشلىتىلگەنلىرىنىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. داپ ئىشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن، چوڭ-كىچىك بولىدۇ. ئادەتتە، گەردىشىنىڭ دىيامېتىرى 20 دىن 60 سانتىمىتېرغىچە، گەردىشىنىڭ قېلىنلىقى بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئېگىزلىكى بەش-ئالتە سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ. گەردىشى ئىچىگە نۇرغۇنلىغان مىس ۋە تۆمۈردىن ئۇششاق ياسالغان ھالقىلار ئورنىتىلىدۇ. بۇ ھالقىلار مۇزىكا ئورۇنلىغاندا ئاجايىپ شىلدىرلاپ، قوشۇمچە ئاۋاز چىقىرىپ بېرىدۇ. داپ ئىشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن، <<چوڭ داپ>>، <<نەغمە دېپى>>، <<مەشرەپ دېپى>> قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
داپ يەنە ئۇيغۇر ئوركىستېرلىرىدا ئىنتايىن مۇھىم چالغۇ بولۇپ، يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. داپنى يەككە چېلىشقا ھەم باشقا چالغۇلار بىلەن تەڭكەش قىلىپ چېلىشقا بۇلىدۇ.
داپ يۇمىلاق شەكىللىك ياغاچتىن ئېگىپ، يۈزىگە تېرە كېرىپ ياسىلىدىغان چالغۇ بولۇپ، دەسلەپتە ئۇنى يۈزلۈكىگە قوي، ئات، ئېشەك تېرىسىنى كېرىپ ياسىغان، تەدرىجىي ئۇنىڭ نەملىكتىن ياكى سوغۇقتىن ئاۋازى ئاجىزلاپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئېشەك، ئات، يىلان تېرىسىنى كېرىپ ياساش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغان. گەردىشىنى ياساشتا دەسلەپتە قوتور تېرەك ياغىچىنى چەمبەرسىمان ئۇيۇپ ياسىغان. تەدرىجىي ئۈجمە ياكى ياڭاق ياغىچىنى تېخنىكىلىق ھالدا ئېگىپ ئۇلاپ، چەمبەر شەكلىگە كەلتۈرۈپ ياسىغان ھەم مۇشۇ ئۇسۇل ئومۇملاشقان.
داپنىڭ گەردىشىگە يەنە باشقا سازلارغا ئوخشاش خاس ھالدا ئۇستىخان ياكى سۇلياۋدىن نەپس نەقىش، گۈللەر چىقىرىلىپ، داپنىڭ شەكىل جەھەتتىكى گۈزەللىكى ئاشۇرۇلغان.
داپ - سوقما مىللىي چالغۇ بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان، ئۇزۇن تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە خەلق چالغۇسى. ئۇ دۇمباق تىپىدىن تەرەققىي قىلغان، ئۆزى يۇمىلاق قەدىمىي چالغۇ. ئاۋازى جۇشقۇن، ئۆزى يەڭگىل، ئېلىپ يۈرۈشكە، چېلىشقا ئەپلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، قول ئالقىنى ۋە بارماقلار بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدىغان، ئۇيغۇر مۇزىكىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان چالغۇ ھېسابلىنىدۇ.
(تەھرىر : بەشتاش)
«توقسۇ خەلقىنىڭ داپ ياساش ھۈنىرى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- ئۇيغۇر ئىسىملىرى
- تۈزتۇرا خارابىسى
- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قوناق تائاملىر
- خەلقىمىزدە تونۇر ۋە ئوچاق
- توقسۇ خەلقىنىڭ داپ ياساش ھۈنىرى
- چاچ مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر
- نورۇز بايرىمى ۋە نورۇز ئاتالمىسى
- نورۇزنىڭ خاسىيەتلىرى ۋە رەسمىيەتل
- نۇرۇز ناغرىسى
- نۇرۇز تازىلىقى
- سوغۇق قوغلاش
- نۇرۇز ئېشى
- نورۇز سەيلىسى
- نورۇز يارىشى
- نۇرۇز مەشرىپى
- نۇرۇزلۇق تىلەك
- تارىختا ئەڭ كۆپ زېمىن ئىگىلىگەن مەشھۇر ئىمپې
- ئۇيغۇرلاردا لۇغەتچىلىك-لۇغەتچىلىك تارىخىمىز
- ئاق تاغلىق غوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ھايا
- ئۇيغۇرلارنىڭ سالاملىشىش، كۆرۈشۈش ۋە ھال– ئە
- خوتەن قەغەزچىلىكى ۋە ئۇنىڭ باش – ئاخىرى
- «مۇقام» ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
- ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكل
- مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئىلىم روھى
- بىزدىكى ھىساپلاش ئۇسۇللىرى
- مەھمۇد قەشقەرى نامىدىكى ئۇيغۇر
- ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە مۇپ
- ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىشى ئىسىملىرى ۋە نۆۋەتتىكى
- تىل-ئەدەبىيات 6-يىللىق2-مەۋسۇم
- چىڭگىزخان موڭغۇلمۇ ياكى تۈركمۇ؟
- پۇلدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى كىم يازغان؟
- گېتلىرنىڭ ئۈچ سەۋەنلىكى
- يەكەن خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان قەدىمكى پۇللا
- كروران گۈزىلىنىڭ سىرى
- ئاق تاغلىق غوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ھايا
- تىپىش تەس بولغان ئېلكىتابلار