تۈزتۇرا خارابىسى
![]() |
تۈزتۇرا خارابىسى

تۈزتۇرا خارابىسىدا ئىككى تۇرا بولۇپ، ئارلىقى 41 مېتىر كېلىدۇ. شەرقىي تۇرانىڭ ئۇزۇنلۇقى 35 مېتىر، كەڭلىكى 35 مېتىر، قالدۇق ئېگىزلىكى 8 مېتىر كېلىدۇ. غەربىي تۇرانىڭ ئۇزۇنلۇقى 24 مېتىر، كەڭلىكى 24 مېتىر، قالدۇق ئېگىزلىكى تەخمىنەن 5 مېتىر كېلىدۇ. تۈزتۇرا خارابىسىنىڭ ئومۇمى كۆلىمى تەخمىنەن 179.4 كۇۋادرات مېتىر بولۇپ، شەرقىي تۇرانىڭ شىمالىي تەرپىنىڭ بەل قىسمىغا بىر تۆشۈك ئېچىلغان. تۇرانىڭ ئۇلى خاڭدالغان بولۇپ، چوققا قىسمى كېسەك بىلەن قوپۇرۇلغان. تورانىڭ تەكشىلىكتىكى يۈزى تۆت چاسا شەكىلدە بولۇپ، كەسمە يۈزى پەلەمپەي شەكلىدە قوپۇرۇلغان. ئۇلىنىڭ غەربى بىلەن شەرقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 15.2 مېتىر، جەنۇبى بىلەن شىمالىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 11.8 مېتىر كېلىدۇ. تۇرانىڭ شىمالىي قىسمىغا تەخمىنەن 10 مېتىر كېلىدىغان جايدىكى يەر يۈزىدىن قىزىل ساپال پارچىلىرى، كۈلرەڭ ساپال پارچىلىرى، داشقال، ھايۋانلارنىڭ ئۇستىخانلىرى ۋە قەدىمكى كۈسەن بەگلىكىنىڭ بەش جۇلۇق مىس پۇللىرى بايقالغان. 1988-يىلى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت جەنجوڭ توڭباۋ خەتلىك بىر دانە مىس پۇل تېپىلغان.
2006-يىلى توقسۇ ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى 2006-يىلى 3-ئايدا تۈزتۇرا خارابىسىنىڭ ئالدىغا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى دېگەن تاختاينى ئورناتتى.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«تۈزتۇرا خارابىسى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- ئۇيغۇر ئىسىملىرى
- تۈزتۇرا خارابىسى
- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قوناق تائاملىر
- خەلقىمىزدە تونۇر ۋە ئوچاق
- توقسۇ خەلقىنىڭ داپ ياساش ھۈنىرى
- چاچ مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر
- نورۇز بايرىمى ۋە نورۇز ئاتالمىسى
- نورۇزنىڭ خاسىيەتلىرى ۋە رەسمىيەتل
- نۇرۇز ناغرىسى
- نۇرۇز تازىلىقى
- سوغۇق قوغلاش
- نۇرۇز ئېشى
- نورۇز سەيلىسى
- نورۇز يارىشى
- نۇرۇز مەشرىپى
- نۇرۇزلۇق تىلەك
- تارىختا ئەڭ كۆپ زېمىن ئىگىلىگەن مەشھۇر ئىمپې
- ئۇيغۇرلاردا لۇغەتچىلىك-لۇغەتچىلىك تارىخىمىز
- ئاق تاغلىق غوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ھايا
- ئۇيغۇرلارنىڭ سالاملىشىش، كۆرۈشۈش ۋە ھال– ئە
- خوتەن قەغەزچىلىكى ۋە ئۇنىڭ باش – ئاخىرى
- «مۇقام» ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
- ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكل
- مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئىلىم روھى
- بىزدىكى ھىساپلاش ئۇسۇللىرى
- مەھمۇد قەشقەرى نامىدىكى ئۇيغۇر
- ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە مۇپ
- ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىشى ئىسىملىرى ۋە نۆۋەتتىكى
- تىل-ئەدەبىيات 6-يىللىق2-مەۋسۇم
- چىڭگىزخان موڭغۇلمۇ ياكى تۈركمۇ؟
- پۇلدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى كىم يازغان؟
- گېتلىرنىڭ ئۈچ سەۋەنلىكى
- يەكەن خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان قەدىمكى پۇللا
- كروران گۈزىلىنىڭ سىرى
- ئاق تاغلىق غوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ھايا
- تىپىش تەس بولغان ئېلكىتابلار