ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش > تولۇق مەزمۇنى

ئالما شىركىتى ئەرزان باھا iPhone يانفونىنى بازارغا سالىدىكەن

ۋاقىت : 2013-06-04 11:09 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم

 
ئالما شىركىتى بەش خىل رەڭلىك ئەرزان باھا نۇسخىلىق iPhone يانفونىنى بازارغا سالىدىكەن

ئىشىنىمىزكى، ھازىر نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئالما شىركىتىنىڭ iPhone 5S يانفونى ھەم ئەرزان باھالىق iPhone يانفونىنڭ يېتپ كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككى خىل يانفونغا ئالاقىدار خەۋەرلەرمۇ ئۆزلۈكسىز تۈردە تارقىلىپ ئايىغى چىقماي كەلگەنىدى. يېقىندا، ياپونىيىنىڭ پەن تېخنىكا بىلوگ تور بېكىتى ماكوتاكارا-Macotakara نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ ئەرزان باھالىق iPhone يانفونىنىڭ بەش خىل رەڭلىك نۇسخىسى بازارغا سېىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يانفون 6-ئايدىن باشلاپ سىناق ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن ھەم 9-ئايدا كۆپلەپ بازارغا سېلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىشىلەر تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ كېلىۋاتقان iPhone 5S يانفونىغا قوش LED لىق لامپا قوللىنىلىدىغان بولۇپ، بۇ يانفوننىڭمۇ بەش خىل رەڭلىك نۇسخىسىنى تاللاپ سېتىۋىلىشقا بولىدىكەن.

ياپونىيە پەن تېخنىكا بىلوگ تور بېكىتى ماكوتاكارا -Macotakara نىڭ ئىشەنچلىك خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ ئەرزان باھالىق iPhone يانفونىنىڭ نۇرغۇن رەڭلىك نۇسخىسىنى تاللاپ سېتىۋېلىشقا بولىدىكەن، لېكىن بۇ يانفوننىڭ رەڭگى ئىلگىرى تارقالغان خەۋەرلەردە دېيىلگەندەك ئاق رەڭلىك، ھال رەڭلىك، يېشىل رەڭلىك ھەم كۆك رەڭلىك، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك نۇسخىلاردا بولماستىن بەلكى دېڭىز ئارمىيەسى كۆك رەڭ، ئالتۇن رەڭ، قىزغۇچ سېرىق رەڭ، ئاق رەڭ، ھەم كۈل رەڭدىن ئىبارەت بەش خىل رەڭلىك نۇسخىسى بازارغا سېلىنىدىكەن. بۇ خىل يانفوننىڭ قارا رەڭلىك نۇسخىسى يوق ئىكەن.

ياپونىيە تور بېكىتى ماكوتاكارا -Macotakara نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ ئەرزان باھالىق iPhone يانفونى 6-ئايدا كىچىك كۆلەمدە پەقەت 1000 تاللا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، بۇ يانفونلار ئاساسلىقى سىناق قىلىشقا ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ يانفوننىڭ 7-ئايدا كۆلەملەشتۈرۈلۈپ ئىشلەپچىقىرىلىپ، 9-ئايدا بازارغا سېلىنىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ناۋادا يۇقارقى بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى راست بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئالما شىركىتىنىڭ ئەرزان باھالىق iPhone يانفونىنىڭ بۇ يىل 9-ئايدا رەسمىي بازارغا سېلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ بۇ قېتىم بازارغا سالماقچى بولۇۋاتقان ئەرزان باھالىق iPhone يانفونىنىڭ باھاسىنىڭ 180-200 ئامېرىكا دوللىرى ئارلىقىدا بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ يىلنىڭ 3-پەسلىدە ئېلان قىلىنىش ئېھتىماللىقى بولغان iPhone5S يانفونىنىڭ باھاسىنىڭ 350-400 ئامېرىكا دوللىرى ئارلىقىدا بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ