ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش > تولۇق مەزمۇنى

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت سەككىز خىل يانفون

ۋاقىت : 2013-05-09 12:39 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت سەككىز خىل يانفون

بازارلاردىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان، يېڭىچە يۇقىرى پەن تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن، بىز ئىشىنىمىزكى كۆپلىگەن ھەۋەسكارلارنىڭ ئالدى بىلەن ئويلىشىدىغىنى < ھېساب كىتاب> مەسىلىسى. لېكىن پۇلدار يىگىتلەر بىلەن مىليونېر خېنىملارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەھۋال ئەكسىچە بولۇپ، ئۇلار بۇ پەن تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغا مەرۋايىت گۆھەر تاشلارنى، شۇنداقلا ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللارنى قوشۇپ مەخسۇس بۇيرۇتۇپ ياساتقۇزىدىغان بولۇپ، چۈنكى ئۇلارغا نىسبەتەن پۇل دېگەن قەغەزنىڭ ئورنىدىكى نەرسە خالاس. بۇ خىل يۇقىرى ئىستېمال بۇيۇملىرىغا نىسبەتەن، سىز ئالدىراپ ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولماڭ، چۈنكى بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىل قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش پەقەت تۇرمۇش پوزىتسىيەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ خالاس.

يېقىندا پەن تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق بىلوگ تور بېكەتلىرىنىڭ بىرى بولغان لەپتوپماگ laptopmag تور بېكىتى پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەڭ قىممەت 8 خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى تىزىپ چىققان بولۇپ، بۇ يانفونلارنىڭ ئىچىدە ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ياكى يىلان تېرىسىدە قاپلانغان iPhone 5 يانفونى، يەنە تىتان ماتېرىياللىق ئاندىرويىد يانفونلىرى شۇنداقلا پورىش شىركىتى لايىھەلىگەن قارا بۆلجۈرگەن يانفونى قاتارلىق مەھسۇلاتلار بار بولۇپ، تۆۋەندە دىققىتىڭلار بۇ مەزمۇندا بولسۇن.

iPhone 5 يانفونى

سېتىلىش باھاسى: 4500 ئامېرىكا دوللىرى

ئەگەر سىزدە بىر تال iPhone 5 يانفونى بولسا، سىزنىڭ يانفونىڭىزغا ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن بولمىسىلا، ئۇنىڭ داڭلىغۇدەك ھېچقانداق يېرى يوقكەن، بىز تۇتاشتۇرماقچى بولغان بۇ 64 گىگابايتلىق iPhone 5 يانفونىنى ئەنگلىيەنىڭ يۇقىرى ئىستېمال يانفونلىرىنى مەخسۇس بۇيرۇتۇپ ياساش شىركىتى-ئاموسو كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ چىققان بولۇپ، بۇ يانفوننىڭ كەينى تەرىپىگە 24K لىق ئالتۇن يالىتىلغان، يانفوننىڭ تۆت تەرىپى بىلەن Home كۇنۇپكىسىغا 600 تال سىۋاروۋىسكى خىرۇستال تېشى ئورنىتىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يانفونغا يەنە ھەقىقىي كالا تېرىسىدىن ئىشلەنگەن ئاسراش قېپى سەپلەنگەن.

2. كىرۇزېر تىتان يانفونى

سېتىلىش باھاسى: 2500 ئامېرىكا دوللىرى

Gresso شىركىتىنىڭ كىرۇزېر تىتان يانفونى ناھايىتى قىممەت باھالىق يانفون بولۇپ ، لېكىن بۇ يانفوننىڭ فورمات ھەم سەپلەنمىلىرىدىن بىز بۇ يانفوننىڭ مۇشۇنچىۋالا يۇقىرى باھاغا ئەرزىيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلمەيمىز. بۇ يانفوننىڭ گەۋدىسىگە تىتان ماتېرىيالى ئىشلىتىلگەن ، ئۇنىڭغا سەپلەنگەن ئىچكى سىغىم ئارانلا 30 مېگابايت كېلىدۇ، سېزىمچانلىقى تۆۋەن ئېكرانغا يەنە ئادەتتىكى كامېرا قوشۇلغان بولۇپ، يانفوننىڭ سەپلىمىسى ئىنتايىن تۆۋەن. بۇ يانفونغا سىيمانتىك S40 مەشغۇلات سىستېمىسى سەپلىنىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا قول ئارقىلىق سىلىقلاپ ئىشلەنگەن 24 تال كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. Gresso نىڭ ئىپادە بىلدۈرىشىچە، تىتاننىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش سانلىق مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا، بۇ يانفوننى قولغا ئالغاندا ئادەمگە شۇنداق ئىللىق تۇيغۇ بېرىدىكەن.

3.گىرەند تاچ يانفونى

سېتىلىش باھاسى: 3600 ئامېرىكا دوللىرى

تىتان قېتىشمىسى بىلەن ئالتۇن ماتېرىياللىق يانفونلار ھەقىقەتەن ياخشى، لېكىن ئەگەر سىز تېخىمۇ ئۆزگىچە بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنى ئىزدىسىڭىز، بىزنىڭ تەۋسىيەرىمىز شۇكى، موبىيادو Mobiado نىڭ مەرمەر تاش ماتېرىياللىق گىرەند تاچ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ. بۇ يانفون پۈتۈن دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ تاشنى ماتېرىيال قىلغان يانفون بولۇپ، قارىماققا بىر خىل ھەيكەلگە ئوخشايدۇ. بۇ يانفونغا Android 4.1 مەشغۇلات سىستېمىسى ئالدىن قاچىلانغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 1.2 گىگاگېرتىسلىق قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. بۇ يانفون پەن تېخنىكا بىلەن ھەيكەلتاراشلىقنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى بولغاچقا، ئۇ يانفون ئەمەس بەلكى بىر بەدىئىي بۇيۇم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

4.قارا بۆلجۈرگەننىڭ P'9981 يانفونى

سېتىلىش باھاسى: 2050 ئامېرىكا دوللىرى

يانفون قورالىنى ئىلغارلاشتۇرۇشنى ئويلايدىغان قارا بۆلجۈرگەن مەستانىلىرى P'9981 يانفونىنى قولدىن بېرىپ قويسا بولمايدىغان بولۇپ، قارا بۆلجۈرگەن P'9981 يانفونىنى پورش مودا لايىھەلەش گۇرۇھى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ چىققان، بۇ يانفوننىڭ ئۆزگىچە كۇنۇپكىسى شۇنداقلا داتلاشماس پولاتتىن ئىشلەنگەن ناھايىتى بەردەم قېپى كىشىلەرگە كۈچلۈك ئەركەكلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلالايدۇ. سەپلەنمە جەھەتتە، بۇ يانفونغا 1.2 گىگاگېرتىسلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ ھەم 8گىگابايتلىق ساقلاش بوشلۇقى سەپلەنگەن ، بۇ يانفونغا قارا بۆلجۈرگەن 7 مەشغۇلات سىستېمىسى ئالدىن قاچىلانغان.

5.كاۋىيار ئامور يانفونى

سېتىلىش باھاسى: 4200 ئامېرىكا دوللىرى

يىلان تېرىسىدىن ئىشلەنگەن سومكا ھەم ئاياغلارنى بىز ناھايىتى كۆپ كۆرگەن، لېكىن يىلان تېرىسىدىن ئىشلەنگەن يانفوننى كۆرۈپ باققانمۇ؟ يېقىندا ئىتالىيەنىڭ مەرۋايىت سودىگىرى-ئېلىياھ بىر خىل يىلان تېرىسىدىن تور شەكلىدە ئىشلەنگەن يانفوننى بازارغا سالغان بولۇپ، بۇ يانفون دەل كاۋىيار ئامورى يانفونى. 4200 ئامېرىكا دوللىرىدىن باشلاپ سېتىلىدىغان بۇ يانفون تۆت تال ئالتۇن ئۆزەك ھەم بوغما يىلاننىڭ تېرىسىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەنە بىر خىل 5800 ئامېرىكا دوللىرىدىن سېتىلىدىغان يانفونى-ئامور سىكارلېتتو تېخىمۇ ئېسىل.

6.تەگ خىيۇر رېيسېر

سېتىلىش باھاسى: 3125 ئامېرىكا دوللىرى

شېۋىتسارىيەنىڭ قىممەت باھالىق سائەت ياساش سودىگىرى- تەگ خىيۇر Tag Heuer يېقىندا ئۆزىنىڭ قىممەت باھالىق يانفون ياساشتىن ئىبارەت قوشۇمچە كەسپىنى ئاچقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇغى ئاستىدىكى رېيسېر يۈرۈشلۈك يانفونلىرى تۆت خىل نۇسخىدا بولۇپ، بۇ يانفونلارنىڭ سېتىلىش باھاسى 3125 ئامېرىكا دوللىرىدىن باشلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغان يانفوننىڭ سېتىلىش باھاسى 8463 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. رېيسېر يۈرۈشلۈك قىممەت باھالىق ئېسىل يانفونلارنىڭ لايىھەسىنىڭ ئىلھامى GT ناملىق مۇسابىقە ماشىنىسىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ يانفونلارنىڭ سەپلىمىسى ئوخشاش، بۇ يانفونلارغا Android 4.0 مەشغۇلات سىستېمىسى ئالدىن قاچىلانغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 1 گىگاگېرتىسلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 3.5 دىيۇملۇق ئېكران ھەم 8 گىگابايتلىق سىغىم ساقلاش بوشلۇقى سەپلەنگەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يانفونلارنىڭ ئىچىدىكى سېتىلىش باھاسى ئەڭ قىممەت بولغان يانفونىغا 18K لىق ئەتىرگۈل ئالتۇنى ئىشلىتىلگەن.

7.ۋېرتۇ تى Vertu Ti

سېتىلىش باھاسى: 11 مىڭ 901 ئامېرىكا دوللىرى

ۋېرتۇ تى يانفونى قىممەت باھالىق ئېسىل يانفون ياساش سودىگىرى- ۋېرتۇنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاندىرويىد مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن قىممەت باھالىق يانفونلىرىدىن بولۇپ، بۇ يانفونغا Android 4.0 مەشغۇلات سىستېمىسى سەپلەنگەن، يانفوننىڭ گەۋدىسىگە تىتان مېتالى ماتېرىيال قىلىنغان بولۇپ، بۇ يانفون پۈتۈنلەي قول سەنئىتى ئارقىلىق ئىشلەنگەن. يانفوننىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ناھايىتى نەپىس بولۇپ، ئۇنىڭغا 3.7 دىيۇملۇق كۆك مەرۋايىت تاشلىق ئېكران ئىشلىتىلگەن. يانفوننىڭ ئارقا قېپى بولسا تېرىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ، كۇنۇپكىسىغا قىزىل مەرۋايىت تاش سەپلەنگەن. يانفونغا يەنە قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىلگەن بولۇپ، يانفوننىڭ سىغىمى 64 گىگابايتقا يېتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يانفونغا 8 مىليون پېكسىللىق ئارقا كامېرا سەپلەنگەن.

8.ئۇلسى ناردىن يانفونى

سېتىلىش باھاسى: 123 مىڭ 537 ئامېرىكا دوللىرى

بۇ يانفون بەلكىم ھازىر دۇنيا بويىچە باھاسى ئەڭ قىممەت بولغان ئاندىرويىد يانفونى ، لېكىن يانفوننىڭ سەپلىمىلىرى ناھايىتى ئادەتتىكىچە. بۇ يانفوننىڭ ئېكرانىغا 18K لىق ئاق ئالتۇن ماتېرىيالى ھەم 3000 تال ئالماس شۇنداقلا كۆك مەرۋايىت تاش ئىشلىتىلگەن ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلسى ناردىننىڭ بۇ يانفونىغا يەنە بارماق ئىزى ئارقىلىق پەرق ئېتىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ