ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش > تولۇق مەزمۇنى

Office 2013 نىڭ يېڭىلىقى زادى قەيەردە؟

ۋاقىت : 2013-04-26 13:15 | مەنبەسى : ئىلقۇت بلوگى | ئاپتۇر : ئىلقۇت بلوگى | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

Office 2013 نىڭ يېڭىلىقى زادى قەيەردە؟

تېخىچە Office 2007/2010 دىن ھالقىپ كېتەلمەيۋاتامسىز؟ نېمە؟ سىز تېخىچە Office 2003 نى ئىشلىتىۋاتامسىز؟ بۇ بولماپتۇ، دەرھال ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئىشخانا يۇمشاق دېتالى New Microsoft Office نى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ.
ئەگەر دىققەت قىلغان بولسىڭىز يېقىنقى بىر نەچچە نەشردىكى Office ئەسلىدىكى Office suite دېگەن ئىسىمدىن ھازىرقى Office system غا ئۆزگەردى. مىكروسوفت ئىزچىل تەدرىجىي ھالدا بۇ ئەڭ پۇل تاپىدىغان يۇمشاق دېتالنى بىر سىستېما دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە كۈچەپ كەلدى. ئەڭ يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 8 غا تەييارلىغان The New Office يەنى Office 2013 نەشرىدە بۇ ئالاھىدىلىك ئەڭ گەۋدىلىك بولغان. Office ئىلگىرىكى نەشردىكى يۇمشاق دېتالدىن ھازىرقى توردا بىر تەرەپ قىلىش مۇلازىمىتىنى ھازىرلىغان مۇلازىمەت قورالىغا كۆتۈرۈلدى. Office ئەپ بازىرى (Office Store) نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ئۇنى تېخىمۇ بىر ئىكولوگىيەلىك مىكرو تىپتىكى سۇپا دەرىجىسىگە كۆتۈردى. ھەمدە Windows ، Skydrive ، Office 365 بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلدى. شۇڭا بۇ New Microsoft Office ھازىرغا قەدەر ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى نەشرى دەپ قارالماقتا. تۆۋەندىكى رەسىمدىن بۇ ئەڭ يېڭى نەشردىكى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ھازىرلىغان سۇپىنىڭ ئىلگىرىكى نەشرلىرى بىلەن قانداق پەرق بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:

Office 2013 نىڭ يېڭىلىقى زادى قەيەردە؟

Office 2013 نىڭ يېڭى Icon

ئىزاھات: Office تارىختىن بۇيان مىكروسوفتقا ئەڭ پايدا ياراتقان تۈرى ھېسابلىنىدۇ. 2010-يىلى 4-پەسىلدىن بۇيان، مىكروسوفت سودا بۆلۈمى مەزكۇر شىركەتنىڭ كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بۆلۈمى بولۇپ قالدى. مىكروسوفتنىڭ 2012-يىلى 4-پەسىللىك مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، Office مىكروسوفت ئۈچۈن 15 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلىپ بەرگەن بولۇپ، ئومۇمىي پايدىسىنىڭ %72.4 نى ئىگىلىگەن.

ئارا يۈزدىكى ئۆزگەرتىش

يېڭى نەشردىكى Office 2013 داۋاملىق Office 2007/2010 دىكى Ribbon ئارا يۈزگە ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق نەشرىدە قىرلىق بۈرجەكلىك قىلىپ لايىھەلەنگەن. ئىقتىدار كۇنۇپكىلىرىمۇ يۇشۇرۇن قىلىنغان بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئارا يۈزى تېخىمۇ پاكىزە بولۇپ، Win 8 Metro لاشتۇرۇلغان.

Office 2013 نىڭ يېڭىلىقى زادى قەيەردە؟

(The New Office نىڭ ئارا يۈزى)

يۇقىرىقى رەسىمدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، Office 2013 نىڭ ئىقتىدار رايونى (Ribbon) نىڭ لايىھەلىنىشى ئىلگىرىكىدىن بىر قەدەر زىچ، مىكروسوفت تاختا كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ سەزمە كونتروللۇق مەشغۇلات ئۇسۇلىغا «سەزمەر كونترول ھالىتى (触控模式)» نى تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئېكراندىكى تىزىملىك تاللاشلىرى ۋە كۇنۇپكىلىرىنىڭ رازمىرىنى چوڭايتقان. شۇ ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ توغرا چېكىپ مەشغۇلات قىلىشىغا قولايلىق ياراتقان. ئەمما ئەمەلىي ئەھۋالدا چوڭايتىلغان سەزمە كونترول ھالىتىدە مائۇسنى چېكىپ مەشغۇلات قىلىش سەزمە كونترولغا نىسبەتەن يەنىلا ئىشەنچلىك ئەمەس، تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ.

Office 2013 نىڭ يېڭىلىقى زادى قەيەردە؟

ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭى نەشردە يەنە يېڭىدىن تاختا كومپيۇتېرلاردا پۈتۈن ئېكرانلىق كۆرۈش، ئېكراننى بۆلۈپ كۆرۈش ھالىتى تەمىنلەنگەن. (Office يەنە Windows RT نەشردىكى Onenote MX نى تەمىنلىگەن. تەپسىلاتىنى “ Win8-Metro ئەپلىرى–ئۆزىدىكى ئەپلەر“ تونۇشتۇرۇشىدىن كۆرۈڭ)

نورمال ھالەتتىكى، يېڭى نەشردىكى Office دا سۈكۈتتىكى ھالەتتە ئىقتىدار رايونى يۇشۇرۇن بولۇپ، بۇ تىكلىكتىكى بوشلۇقنى كۆپ ئىگىلەپ كېتىشتىن ساقلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ رايوننى تەھرىرلەش رايونىغا ئاجراتقان.

Office 2013 نىڭ يېڭىلىقى زادى قەيەردە؟

«سەزمە كونترول» كۇنۇپكىسىنى چەككەندىن كېيىنكى (قىزىل رايون) ھالىتى، نورمال ھالەتتە مائۇستا چېكىپ مەشغۇلات قىلىشقا تېخىمۇ قولايلىق بولۇپ، يەتمەكچى بولغان سەزمە كونترولغا يەنە بەلگىلىك ئارىلىق بار.

Office 2013 نىڭ يېڭىلىقى زادى قەيەردە؟

(يېڭى نەشردىكى Office نىڭ سۈكۈتتىكى ئېچىش ھالىتى، سول تەرەپتە ئەڭ يېڭى كۆز يۈگۈرتكەن ھۆججەتلەر، ئوڭ تەرەپتە شۇ ھۆججەتكە ماس كېلىدىغان قېلىپلار تەمىنلگەن.)

يۇقىرىدىكىلىرى ئارا يۈز جەھەتتىكى ئۆزگەرتىشلەر بولۇپ، ئىقتىدار جەھەتتىكى ئۆزگەرتىشلەر يېڭى نەشردىكى Office دا مەيلى Word ، Excel ياكى PowerPoint بولسۇن، ھەممىسىدە بەلگىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن. مەسىلەن: Word دىكى PDF تەھرىرلەش، Excel دىكى Flash Fill ۋە PowerPoint دىكى يېڭى كۆرسىتىش شەكلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يېڭى نەشردىكى Office دا ھازىرلانغان ئىقتىدار جەھەتتىكى ياخشلىنىشلاردۇر. ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئىش Office 2013 قا ئورگان تەرەپتىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەنزۇچە چۈشەنمەسلىكى سەۋەبلىك Office دىن ياخشى پايدىلىنالماسلىقتەك ھالەتكە خاتىمە بېرىلىدۇ.

تۆۋەندە چۈشەندۈرمەكچى بولغىنىمىز، Office 2013 نىڭ ئىلگىرىكى نەشرلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئەڭ چوڭ بولغان ياخشىلىنىش بولۇپ، يېڭى نەشردىكى Office 2013 مىكروسوفتنىڭ Skydrive بۇلۇت مۇلازىمىتى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، Web نى ئاساس قىلغان Office كارخانا مۇلازىمىتى ۋە Office 365 ئوتتۇرىسىدا بىر Microsoft ھېساباتى ئارقىلىق باغلىنىلغان.

يەرلىكتىن تورغىچە

ئىلگىرىكى Office نەشردىمۇ توردا ساقلاش ئىقتىدارى بولغان، ئەمما ”ساقلاش ۋە يوللاش (保存并发送)“نى تاللاپ، ئاندىن يەنە ”Web دە ساقلاش (保存到 Web)“ ئارقىلىق ئاندىن توردا ساقلىغىلى بولاتتى. سۈكۈتتىكى ھالەتتە بولسا يەرلىكتە ساقلايتتى. ئەمما بۇ قېتىملىق يېڭى نەشردىكى Office 2013 دە سۈكۈتتىكى ھالەتتە Skydrive غا ساقلايدىغان بولۇپ، يەرلىكتە ساقلاش ئىككىنچى قېتىملىق تاللاشقا قويۇلغان. (تورسىز ھالەتتە تۇرغاندا، Office ھۆججەتنى يەرلىكتىكى SkyDrive ماسقەدەملەش ھۆججەت قىسقۇچىدىن ئاچىدۇ ۋە شۇنىڭغا ساقلايدۇ)

Office 2013 نىڭ يېڭىلىقى زادى قەيەردە؟

(سۈكۈتتىكى ھۆججەت ساقلاش ئارا يۈزى، ساقلاش كۆزنىكى چىققاندىن كېيىن دىيالۇگ رامكىسىدا ئاسانلا كاتۇن ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ)

ھۆججەتنىڭ بۇلۇت سۇپىسىدا ساقلىنىشى ئاخىرلىشىش بولماستىن بەلكى باشلىنىشتۇر. Skydrive غا ساقلانغان Office ھۆججىتىنى Office 365 دا تەھرىرلەپ ساقلاشقىمۇ بولىدۇ. يەنە كۆچمە ئەسلىھەلەر (Windows Phone ،iOS)گە ياكى Sharepoint قاتارلىق باشقا مەھسۇلاتلارغا ماس قەدەملىگىلى، تەھرىرلىگىلى ھەم ساقلىغىلى بولىدۇ.

Office 2013 نىڭ يېڭىلىقى زادى قەيەردە؟

Microsoft ھېساباتىدىكى Office نى SkyDrive ياكى Office 365 بىلەن باغلاپلا قالماي، يەنە LinkedIn ، Flickr ۋە Facebook قاتارلىق ئۈچىنچى تەرەپ ھېساباتى بىلەنمۇ ئاپتوماتىك باغلىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھۆججەتنىڭ ئۆزىدىن سىرت، ھېساباتقا كىرگەندىن كېيىن Office 2013 غا ئۆزگىچە تەڭشەكلەر، ئەڭ يېڭى ھۆججەت تىزىملىكى، يېڭى ئۇسلۇب چۈشۈرۈش، ئۆزى لۇغەت تۈزۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ ھېساباتقا ماسقەدەملىگىلى بولىدۇ.
بۇنداق بولغاندا، مىكروسوفتنىڭ تەشۋىق قىلغىنىدەك «ھازىرقى Office سىزنىڭكى، ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر كومپيۇتېردىكى Office ئەمەس. يېڭى مۇھىتتا پەقەت Office قا تىزىملاتسىڭىزلا، ھۆججەتلىرىڭىز، سان-سىفىرلىرىڭىز ۋە تەڭشەكلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى بۇلۇت سىستېمىسىغا ساقلىنىدۇ. ھەمدە بارلىق ئۈسكۈنىلەردە ماسقەدەملىنىدۇ.» نى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

قورالدىن مۇلازىمەتكىچە
Office ئەپ بازىرى

مىكروسوفت Windows 8 RTM نى ئېلان قىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن Office ئەپ بازىرى (Office Store)نى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇ Office ۋە SharePoint ئەپ سۇپىسىغا نىسبەتەن بولۇپ، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ Office قا مۇناسىۋەتلىك ئەپلەرنى ئېچىشىغا تەمىنلەنگەن بولۇپ Office نىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىشلىتىلىشچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. Office ئەپ بازىرىدىكى ئەپ (قىستۇرما)لاردىن پايدىلىنىپ بەزىبر تور ياكى Office دىن سىرتقى مۇھىم قوراللارنى Office بىلەن گەۋدىلەشتۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: لۇغەت، تەرجىمە، پايدىلىنىش ئۇچۇرى تىپىدىكى ئەپ قاتارلىقلار. مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك:

Office 2013 نىڭ يېڭىلىقى زادى قەيەردە؟

(تەرتىپ بويىچە ئىقتىدار رايونىدىكى ”Insert“ – Apps for Office – More Apps in Office Store نى چېكىڭ)
بۇ خىل ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ (قىستۇرما)لىرىغا بىۋاسىتە Office 2013 دىن ئېرىشىشكە بولىدۇ. يەنە Office Store نىڭ تور نەشرىگە كىرىپ «قاچىلاش ()» نى چېكىش ئارقىلىقمۇ ئېرىشىشكە بولىدۇ. ھەرگىزمۇ ئالدىن يۈكلەش ھاجەتسىز، پەقەت Office دا تۇرۇپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ھەمدە بۇ ئەپلەرنى قاچىلاش ئەھۋالىنى ھېساباتقا ماسقەدەملىگىلى بولىدۇ.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(4)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ