ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش > تولۇق مەزمۇنى

Windows 8 نىڭ دەسلەپكى ئارايۈزى ۋە ئىقتىدارى

ۋاقىت : 2013-04-26 13:01 | مەنبەسى : ئىلقۇت بلوگى | ئاپتۇر : ئىلقۇت بلوگى | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
Windows 8 نىڭ دەسلەپكى ئارايۈزى ۋە ئىقتىدارى

ئەگەر ئاللىبۇرۇن Windows 8 نى قاچىلىغان بولسىڭىز، دەسلەپكى قەدەمدە Windows 8 نىڭ ئارايۈز UI نى چۈشەنگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئۇنداقتا، تۆۋەندە مەزكۇر ماقالە ئارقىلىق، تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ئاساستا Windows 8 نىڭ بىر قانچە دەسلەپكى قەدەمدىكى ئارايۈز ۋە ئىقتىدارىنى چۈشىنىپ باقايلى:

Windows 8 نىڭ قۇلۇپ ئېكرانى\ئېدراكلىق ئېكران
قۇلۇپ ئېكرانى كومپيۇتېرنى قۇلۇپلىغاندا، سىستېمىنى قايتا قوزغاتقاندا ۋە ئۇيقۇ ھالىتىدىن ئويغاتقاندا كۆرۈنىدىغان ئېكراندىن ئىبارەت. ئۇ ئىشلەتكۈچى ئۆزى تەڭشەپ قويغان ئارايۈز بولۇپ، ھەم ئۇچۇر يەتكۈزۈش ھەم كومپيۇتېرنىڭ رۇخسەت بېرىلمىگەن ئاساستا ئىشلىتىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. Windows 8 نى قوزغاتقاندىن كېيىن، ئىشلەتكۈچى ئەڭ ئاۋۋال كۆرۈدىغىنى، قۇلۇپ ئېكران ئارا يۈزى بولۇپ، ئاندىن كېيىن كومپيۇتېرغا كىرگىلى بولىدۇ. كېيىن ھەر قېتىم سىستېمىنى قوزغاتقاندا، تىزىمدىن چىقىرىۋەتكەندە، ئىشلەتكۈچىلەرنى ئالماشتۇرۇپ كىرگەندە، بۇ قۇلۇپ ئېكرانى كۆرۈنىدۇ. ئەگەر PC ئىشلەتكۈچىسى بولسا، بىۋاسىتە ھالدا مائۇسنى چەكسە ياكى بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى چەكسىلا بولىدۇ. ئەگەر سەزمە كونتروللۇق ئەسلىھە بولسا، بارماق بىلەن سۈرۈپلا قويسا بولىدۇ.
Windows 8 دىكى قۇلۇپ ئېكرانىنىڭ ئاساسلىقى ئۈچ خىل ئىشلىتىلىشى بار: سەزمە كونتروللۇق ئەسلىھەلەردىكى تويۇقسىز كىرىشنى سىناپ بېقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئۆزگىچە ئارايۈز تەمىنلەپ، ئىشلەتكۈچى ئۈچۈن ئاددىيلاشتۇرۇلغان ئۇچۇر (چېسلا، ۋاقىت، تور ھالىتى ۋە باتارىيە ھالىتى، قىسمەن ئەپ ئۇقتۇرۇشى) تەمىنلەش.

Windows 8 نىڭ دەسلەپكى ئارايۈزى ۋە ئىقتىدارى

يېڭى نەشرنىڭ قۇلۇپ ئېكرانى: ئارقا سۇپىدىكى ئەپ ۋە ھالەت ئۇقتۇرۇشى، مەسىلەن: ئېلېكترونلۇق خەت (ئېلخەت)، ئالاقە ئەپلىرى (مەسىلەن: QQ، Skype قاتارلىقلار)، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى قاتارلىقلار (ئەپ سانىنى يەتتىدە چەكلىنىدۇ، يەنى يەتتىدىن ئېشىپ كەتمەسىلىكى كېرەك.) بار، يۇقىرىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك.

Windows 8 نىڭ دەسلەپكى ئارايۈزى ۋە ئىقتىدارى

ئۆزگىچىلەشتۈرۈلگەن قۇلۇپ ئېكراننى تەڭشەش: قۇلۇپ ئېكران كۆرۈنمە يۈزى، ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولىۋاتقان ئەپ ۋە تەپسىلىي ھالەتنى كۆرسىتىدىغان ئەپلەرنى ئۆزى تەڭشەشكە بولىدۇ.

Windows 8 نىڭ دەسلەپكى ئارايۈزى ۋە ئىقتىدارى

ئارقا سۇپا ئۇقتۇرۇش تەڭشىكى: ئەپ ئۇقتۇرۇشىنى ئېچىۋېتىش ياكى ئېتىۋېتىش، ئۆزگىچىلەشتۈرۈش ماس قەدەملىنەمدۇ يوق قاتارلىقلار.

باشلاش ئېكرانى

«باشلاش تىزىملىكى»دىن «ۋەزىپە ئىستۇتى» غىچە
«باشلاش تىزىملىكى» Windows 95 دە ۋۇجۇدقا كەلگەندىن بىرى ئىزچىل ھالدا ئۈستەل يۈزىدە تېزلەتمە كۇنۇپكا شەكلىدىن باشقا، ئىشلەتكۈچى پىروگراممىلىرى ۋە سىستېما ئىقتىدارىنى تېز قوزغىتىش ئۈچۈن قوللىنىلىپ كېلىنگەن ئىدى. ئەمما ئىزچىل ھالدا ئارايۈزى بەك كىچىك بولغانلىقتىن، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆزى بەلگىلەش ئاۋارىچىلىقى كۆرۈلگەندىن كېيىن، XP دە «ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان پىروگراممىلار»نى قوللاندى. Vista دا «ئىزدەش رامكىسى» قوللىنىلىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇلدى. ئەمما سىستېمىنىڭ ئاساسلىق ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئۆزى بەلگىلەشكە ئامالسىز قالغانلىقتىن، ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن Windows 7 دە يەككە تىزىملىك ۋە دەرەخسىمان كونترول ئارقىلىق گۇرۇپپىلاش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. ئەمما بۇنداق بولغاندا دومىلىما تاياقچە پەيدا بولۇپ، ئەسلىدىنلا كىچىك ئارايۈزدە كۆپلىگەن تىزىملىكلەر پەيدا بولۇپ، چېكىلىش قېتىم سانى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، تېزلىك بىلەن مەلۇم بىر پىروگراممىنى ئىزدەپ تېپىش ناھايىتى تەس ئىدى.

Windows 8 نىڭ دەسلەپكى ئارايۈزى ۋە ئىقتىدارى

(XP نىڭ يايما پىروگرامملىرى ۋە Windows 7 نىڭ دومىلىما تاياقچىسىنىڭ ھەممىسى تېزلىك بىلەن ئورۇن بەلگىلەشنىڭ توسقۇنلىرىدۇر. بۇ دەل مۇقىم ۋەزىپە ئىستونىنىڭ تېزلىكتە قوبۇل قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى)

ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرگە Windows 7 دە يېڭىدىن قوللىنىلغان ئالاھىدە ۋەزىپە ئىستونى بەلگىلىك دەرىجىدە زور ئالقىشقا ئېرىشتى، نۇرغۇنلىغان ئىشلەتكۈچىلەر دائىم ئىشلىتىدىغان قوللىنىشچان پىروگراممىلىرىنى ھەتتا كونترول تاختىسىنى قوزغىتىشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئېكران ئاستىدىكى ۋەزىپە ئىستونىغا مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشلەتتى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ۋەزىپە ئىستونى باشلاش تىزىملىكىنىڭ ئورنىنى ئالدى. ئەمما ۋەزىپە ئىستونىنىڭ بوشلۇقى يەنىلا چەكلىك ئىدى.

The New Start Screen\يېڭى «باشلاش ئېكرانى»
يۇقىرىدا بىز نۇرغۇنلىغان ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەدرىجى ھالدا باشلاش تىزىملىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ھەمدە دائىم قوللىنىدىغان پىروگراممىلارنى قوزغىتىشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن ئېكران ئاستىدىكى ۋەزىپە ئىستونىغا مۇقىمداپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدۇق.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر Rainmeter، XWindows Dock، قالتىس بېلىق (酷鱼) ئۈستەل يۈزى، 360 ئۈستەل يۈزى، كىچىك Q كىتاب ئۈستىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل قوللىنىشچان پىروگراممىلارنى باشلاش تىزىملىكىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ ئىشلەتتى. ئەمما، Windows 8 نىڭ يەنە تاختا كومپيۇتېرنىمۇ قوللايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىلگىرىكى باشلاش تىزىملىكىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە ئامالسىز قالغانلىقتىن، مىكروسوفت باشلاش تىزىملىكىنى يېڭى باشتىن قايتا لايىھەلەشنى قارار قىلدى. كۆرسىتىش رايونى، كۆرسىتىش سىنبەلگىسى بەك كىچىك بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇنى چوڭايتىش كېرەك. شۇڭا، ھازىرقى باشلاش ئېكرانى ۋۇجۇدقا كەلگەن.

Windows 8 نىڭ دەسلەپكى ئارايۈزى ۋە ئىقتىدارى

ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىشلىتىش پىرىنسىپى، ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان قوللىنىشچان پىروگراممىلارنى ئەڭ قولايلىق جايغا قويۇپ ئىشلىتىشتۇر. شۇڭا نىشان قانچە يېقىن، قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ئاسان تاپقىلى بولىدۇ. يۇقىرىقى رەسىمدىكى باشلىنىش ئېكرانىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاستىنقى بۈرجىكىدىكى 17 ئەڭ ئاسان ئىشلىتىلىدىغان، مائۇس تېزلا يېتىپ بارىدىغان «باشلاش»دىكى ھەر قانداق تۈرگە تېز يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

Windows 8 نىڭ دەسلەپكى ئارايۈزى ۋە ئىقتىدارى

Windows 8 دىكى باشلاش ئېكرانى ھەرگىزمۇ يەككە ھالدىكى باشلاش تىزىملىكىنىڭ ئالماشتۇرما مەھسۇلى ئەمەس، ئۇ پۈتكۈل ئېكراننى ئىگىلەپ، ئىلگىرىكى ئۈستەل يۈزى ۋە باشلاش تىزىملىكىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، كۈچلۈك بولغان قوللىنىشچان ئەپلەرنى قوزغىتىش ۋە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان، بىر ئۇقتۇرش، ئۆزى بەلگىلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشقا بولىدىغان، ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ھەرىكەتچان ئارايۈز بولۇپ قالدى.

باشلاش ئېكرانىدىكى ھەر قايسى سىنبەلگىلەر ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدىكى جىمجىت سىنبەلگە ئەمەس، بەلكى ھەر ۋاقىت ھەرىكەتچان يېڭىلىنىدىغان ماگنېتلىق چاپلانما (磁贴 Tiles) دىن ئىبارەت. . باشلاش ئېكرانىدا ئىشلىتىلىدىغان يەككە جەريان Windows ئۇقتۇرۇش مۇلازىمىتىدىن ئۇقتۇرۇشقا ئېرىشىدۇ ۋە رەسىمنىڭ ئەڭ يېڭى ھالەت بىلەن بىردەكلىكنى ساقلايدۇ. شۇڭا كۆپ ۋاقىتلاردا يەككە ھالدا قوللىنىشنى چەكمىسىمۇ، بىۋاسىتە رەسىم ئۈسىتىدىن ھاۋارايى ئەھۋالى، پاي چەك باھاسى، باش خەۋەر، دوستلار مىكرو بلوگى قاتارلىقلارنىڭ يېڭىلىنىشىنى بىلگىلى بولىدۇ.
بۇ جەھەتتە Windows Phone ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ بۇنىڭغا چوقۇم تېخىمۇ پىششىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

ماگنېتلىق چاپلانما (磁贴 Tiles) ئۈلگە كۆرسىتىش سىن ھۆججىتى

ماگنېتلىق چاپلانما (磁贴 Tiles) ھەققىدە چۈشەنچە: 

ماگنېتلىق چاپلانما (磁贴 Tiles) دېگەن نېمە؟ ماگنېتلىق چاپلانما Windows 8 UI نىڭ «باشلاش» ئېكرانىدىكى ئىپادىلىنىش شەكلى. ماگنېتلىق چاپلانمىنىڭ ئىككى خىل رازمېرى بولۇپ: كىۋادىرات شەكىلىك چاپلانما ۋە كەڭ چاپلانمىدىن ئىبارەت. ئۇ يېزىق، رەسىم ياكى رەسىم-يېزىق ئارىلاشمىسىدىن تۈزۈلىدۇ. ماگنېتلىق چاپلانما جىمجىت بولۇپلا قالماي، يەنە ھەرىكەتچانمۇ بولىدۇ. ئۇ ئۇقتۇرۇش ئارقىلىق يېڭىلىنىدۇ. ماگنېتلىق چاپلانما يەنە ھالەت قۇلۇپ ئېكران ئەسكەرتمىسىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى ماگنېتلىق چاپلانما رەقەم ياكى خەت شەكلىدە بولىدۇ.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ