ھازىرقى زامان ھىكمەتلىرىدىن پارچە
يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-29 18:21 مەنبەسى: ئاپتورى: kamak كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئاشلىقنى دىخان ئىشلەپچىقىرىدۇ، لېكىن
 |
 |
ھازىرقى زامان ھىكمەتلىرىدىن پارچە 1-ئاشلىقنى دىخان ئىشلەپچىقىرىدۇ، لېكىن 1-دەرىجىلىك ئۇن يىيەلمەيدۇ، قوينى چارۋىچى دىخان باقىدۇ، لېكىن دىخان كۈندە گۆش يىيەلمەيدۇ. پاختىنى دىخان ئىشلەپچىقىرىدۇ، لېكىن ياخشى پاختىدىن ئىشلەنگەن كىيىملەرنى دىخان كىيەلمەيدۇ. 2-دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىدۇ ۋە دۈشمەنلىشىدۇ. 3-ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئەقلىدىن ئېزىشى، شۇ ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى ھالاك قىلسا، دۆلەت باشلىقلىرى ۋە دانىشمەنلەرنىڭ ئەقلىدىن ئېزىشى، پۈتكۈل دۆلەت ۋە خەلىقنى ھالاك قىلىدۇ. 4-ھەرقانچە كاتتا ئالى مەكتەپتە ئوقۇغانلارمۇ، جەمىيەتتىن ئىبارەت بۇ كۆپ ئىقتىدارلىق مەكتەپنى ئوقۇمىسا، زىيالى ئېتى خىيالى بولۇپ قالىدىغان ئىشكەن. 5-شەكىلۋازلىق ئەۋىج ئاالغان مائارىپنىڭ تەربىيەلەيدىغىنىمۇ بىر توپ شەكىلۋازدىن ئىبارەت. 6-بۇرۇن ئادەملەر جىسمانى جەھەتتىن قۇل قىلىنغان بولسا، ھازىر روھى جەھەتتىن قۇل قىلىنىۋاتىدۇ. 7-ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى ئاجىزلار مۇنقەرىز، كۈچلۈكلەر خۇنقەرىز. 8-ئىنسانلار ھەددىدىن زىيادە ئەقىللىقلىشىپ كەتكەنلىكتىن، ئۆزلىرى يەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ ساختا ياساش ئەۋىج ئالماقتا. 9-يەرشارىغا پاتمىغان ئادەم، ئۇزۇنلىغى 2 مېتىر، كەڭلىگى 0.8 مېتىر كېلىدىغان يەرشارىغا پاتىدۇ. 10-ھازىرقى دەۋر ئىختىساسلىقلار دەۋرى ئەمەس، ئىقتىسادلىقلار دەۋرى. 11-نەزىر چىراق ئىشلىرىنىڭ ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى، شۇ مەرھۇمنىڭ ئۆلۈمىنى تويغا ئوخشاتقانلىقتىن ئىبارەت. تەھىرلىگۇچى:admin
|
------分隔线----------------------------