1907 - يىلىدىكى تورپاق يېغىلىقى
پۇقرالارنىڭ قۇمۇل ۋاڭىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشلىرى ۋاڭلىق بىلەن داۋاملاشقان. ئەمما، كۈرەشنىڭ تەرەققىياتىدا روشەن ھالدىكى ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلگەن. 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغان كەلگەندە، قۇمۇلدىكى يانچىلار ۋە دېھقانلار ئۇزاق مەزگىللىك كۈرەش ئەمىلىيىتىدىن قېچىپ كېتىشتەك پاسسىپ قارشىلىق كۆرسىتىش شەكلىگىلا تايانغاندا، ئۆزلىرىنىڭ مەھكۇملۇق ئورنىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن قوراللىق كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەدرىجى تونۇپ يەتكەن. مانا بۇ 1907 - يىلىدىكى تورپاق يېغىلىغىنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسى بولغان.
قۇمۇل ۋاڭىغا قاراشلىق يانچىلار ۋە دېھقانلار ۋاڭ ئوردىسى ئۈچۈن تۈرلۈك ھاشار مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۆتىشى كېرەك ئىدى. ھاشار ۋاقتى ھەر ئايدا 5 - 7 كۈن بولۇپ، ھەرقايدى كاتتىۋاشلارمۇ يۇقۇرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، دېھقانلارنى ئۆز مەيلىچە ھاشارغا بۇيرۇيتتى. بۇنىڭ بىلەن دېھقانلار ۋە يانچىلار ئۆزىنىڭ ياكى ئىجارىگە ئالغان يېرىنىڭ ئەمگەكلىرىگە ۋاقىت چىقىرالماي تېرىقچىلىق پەيتىنى قولدىن بېرىپ قوياتتى. نەتىجىدە ئاشلىق مەھسۇلار مىقدارى كېمىيىپ كېتەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا ۋاڭ ئوردىسى ۋە قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ تۈرلۈك يەر ئىجارىسى، باج - سېلىقلىرىنى تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئۇنداق قىلالمىسا ئۆلگۈدەك جازاغا تارتىلاتتى ياكى ھەپىسىگە ئېلىناتتى.
1907 - يىلى باھاردا، بىر - بىرىگە ئۇلىشىپلا يۈز بەرگەن ئىككى ۋەقە بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنىڭ پىلتىسى بولۇپ قالغان.
بىرى، يار تۈگمەنلىك دېھقان شەرۇللا ئاخۇن ۋاڭ ئوردىسىغا قەرز بولۇپ قالغان 5 پاتمان ئاشلىق بېجىنى تۆلەشكە زادىلا چارە قىلالمىغان، ئەمما ۋاڭ ئوردىسى ئۇنىڭ ئۆلۈش - تىرىلىشى بىلەن كارى بولماستىن، ئۇنىڭغا بىر ئايلىق سۈرۈك بەلگىلەپ بەرگەن. ئۇ ھېچ ئامال تاپالماي، سۈرۈك توشىدىغانغا ئىككى كۈن قالغاندا ۋاڭنىڭ جىنايەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەتنامە يېزىپ، جىگدە دەرىخىگە ئېسىپ قويغان ۋە ئارقىدىن شۇ دەرەخكە ئېسىلىپ ئۆلىۋالغان. شەرۇللا ئاخۇننىڭ ئۆلۈمى كىشىلەرنىڭ ئىچىنى قاتتىق سىيىلدۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ۋاڭغا بولغان غەزەب - نەپرىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان.
يەنە بىرى، تارانچى كۆمۈر كېنى ۋەقەسى بولۇپ، مەزكۇر كۆمۈر كان قۇمۇل ۋاڭنىڭ ئالقىنىدىكى دوزاق ئىدى. كان ئىشچىلىرى نازارەتچىلەرنىڭ قامچىسى ئاستىدا ئەمگەك قىلاتتى. كاندا ھېچقانداق بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىلمىغاچقا، پات - پات ۋەقە يۈز بېرىپ تۇراتتى. شۇ يىلى ئەتىيازدا كۆمۈر كاندا قۇدۇق گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، كان ئاستىدىكى 17 دېھقان بىراقلا بەختسىزلىككە ئۇچرىغان. ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر زار - زار يىغلاپ يېلىنسىمۇ، ۋاڭ ئوردىسى مىسقال چاغلىق نەپىقە بەرمىگەن. بۇ شۈبھىسىزكى ئوت ئۈستىگە ماي چېچىش بولغان.
مانا مۇشۇ ۋاقىتلاردا، قۇمۇلدىكى ئاكا - ئۇكا قېرىنداشلاردىن تورپاق راجى، تورپاق زېرىپ، تورپاق شاكىر ۋاڭ ئوردىسىغا قەرز بولۇپ قالغان 13 پاتمان "ئاشلىق بېجى" نى تۆلەشكە ئىلاج قىلالماي لاپچۇققا قېچىپ ماڭغاندا، تارانچى كۆمۈر كېنىدىن ئۆتۈپ قالغان ۋە كاندا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ئۇلار كانچىلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ، تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، تېزلا 300 دىن كۆپرەك كىشىنى توپلىغان ۋە دېھقانلار، يانچىلارنىڭ جانجان تەلەپلىرىگە ئاساسەن قۇمۇل ۋاڭىغا تۆۋەندىكىچە تەلەپلەرنى قويغان :
قۇمۇل ۋاڭىنىڭ يېرى ۋە كۆمۈر كېنى پۈتۈنلەي دېھقانلارغا ئىجارىگە بېرىلىدۇ، ئىجارىئەئە ئالغانلار ئۆز ۋاقتىدا باج - سېلىق تاپشۇرغاندىن باشقا ھېچقانداق ھاشارنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
) ھەر ئايلىق ھاشار ئۈچ كۈندىن ئاشۇرۇلمايدۇ، قالغان ۋاقىتتا دېھقانلار ئۆز ئىشىنى قىلىدۇ.
يۇقۇرقى تەلەپلەرنىڭ ئورۇنلىنىشىغا قۇمۇل ئامبىلى كېپىل بولىدۇ ھەمدە يۇقۇرقى تەلەپلەر چاسا تاشقا ئويۇلۇپ ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئالدىغا تىكلىنىدۇ.
ئەگەر يۇقۇرقى تەلەپلەر رەت قىلىنسا خەلق ۋاڭ غوجام ۋە تەيجىلەرنى ئۆرۈپ تاشلايدۇ.
بۇ ئېنىق كۈرەش نىشانى خەلق ئاممىسىنى قوزغاشتا غايەت زور رول ئوينىغان. سۇمقاغا، ئاستانە، تۇغۇچى، لاپچۇق، قارا دكۋە قاتارلىق جايلاردىن ناھايىتى تېزلا 500 نەچچە كىشى توپلانغان. قۇمۇلدا بۇ مەزگىلدە يەنە باشقا بىر تارماق كۈچ تېزدىن ئۇيۇشۇشقا باشلىغان. سودىگەر غوجامنىياز ۋاڭنىڭ جازانىخورلىقىغا نىسبەتەن ئۇزۇندىن بېرى كۆڭلىدە غۇم ساقلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئاشلىق بېجىدىن جاق تويغان دۇگامەت دېگەن كىشى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىسلام ئەھكاملىرىدىن نەقىللەرنى كەلتۈرۈپ، ئەل - جامائەت ئارىسىدا
++ "قۇرئان" دا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى باپباراۋەر دېيىلگەن. ئەجابا نېمە ئۈچۈن ۋاڭ غوجام ئەۋلادتىن ئەۋلاد شىللىمىزگە مىنىۋالىدۇ ؟ بىز نېمە ئۈچۈن ئەۋلادتىن - ئەۋلاد ئۇلارغا قۇلدەك ئىشلەيمىز ؟ بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەركىن - ياشاش ھوقۇقىمىزنى قولغا كەلتۈرىمىز، دەيدىكەنمىز جەزمەن ۋاڭلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ تاشلىشىمىش كېرەك ++ دېگەننى تەشۋىق قىلغان. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دىنىي تۈس بېرىلگەن كۈرەش تۇغىنىڭ زور تۈرتكىلىك رول ئوينىشى تەبىئىي ئىدى. ئۇلار دىندىن قۇمۇل ۋاڭىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئاساس تېپىپ چىقالىغاچقا ئەتراپىغا تېزلا نۇرغۇن ئادەم توپلانغان.
بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنىڭ ئەھۋالى جوڭگو 1 - تارىخ ئارخىپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان، خان ئۆزى تەستىق سالغان مىللەتلەر ئىشلىرى (ئۇيغۇرلار) غا دائىر مەلۇماتنامىلەر ئارىسىدىكى "گەنسۇ - شىنجاڭ باش مۇپەتتىشى ليەن كۈينىڭ قۇمۇل، تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەللە - پاراقنى ئازايتىشىنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن تېرىغان ئىشى ۋە ئۇنىڭ باش جىنايەتچىلىرىنىڭ جازالانغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتنامىسى " دا تەپسىلىي بايان قىلىنغان. "ئەسلىدە قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى جاساق بەگ چىنۋاڭنىڭ پۇقرالىرى بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك غەللە - پاراقلىرىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ تىنچ ئۆتۈۋاتقىنىغا ئۇزۇن زامانلار بولغانىدى. بۇ يىل ئەتىيازدا تىنچلىقنى بۇزغۇچى غوجامنىياز، دۇگامەت قاتارلىق كىشىلەر شاپائەتنى ئۇنتۇپ قۇمۇل ۋاڭىنىڭ باشقۇرىشىنى رەت قىلغان. ئۇلار غەللە - پاراقنى كېمەيتىش مەزمۇنىدا ئەرز يېزىپ، قۇمۇل ئامبىلىغا شىكايەت سۇنغان. يانداش ئامبال چېن تيەنلۇ ئاق - قارىنى ئېنىقلاپ كۆرمەيلا ئەرزىنى قوبۇل قىلغان ۋە شۇ پېتى يۇقۇرىغا مەلۇمات سۇنغان. 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى غوجامنىياز، دۇگامەت دېگەنلەر توپىلاڭچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئەلدە پىتنە - ئىغۋا تارقاتقان. قۇمۇل ۋاڭى تەكشۈرۈپ ئۇلارنى بىر ياقلىق قىلغان. 27 - كۈنى مۇسۇلمانلاردىن بىرەر يۈز كىشى ۋاڭ ئوردىسىنىڭ چوڭ دەرۋازىسىنى كېسەك بىلەن توسۇۋەتكەن، يەرلىك قەلەمدار - ئەلەمدار سەرۋازلار ئوق ئېتىپ ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۆلكىگە مەلۇم قىلغان. دەل شۇ ۋاقىتتا گەنسۇ ئاغلاقچىسى ياڭ زېڭشىن بۇيرۇققا بىنائەن يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئۈچۈن قۇمۇلدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، يۇقۇرىدىن ئۇنىڭغا بۇ ۋەقەنى تېزدىن بىر ياقلىق قىلىش بۇيرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاشار مەجبۇرىيىتى ۋە تاپشۇرىدىغان غەللە - پاراق ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقىپ، مۇسۇلمانلارنى رازى قىلغان ".
بۇ مەنبەدە قوزغىلاڭنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئەھۋالى ئىخچام ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بىزنىڭ قۇمۇلدا ئېلىپ بارغان ئەمەلىي تەكشۈرۈش نەتىجىمىز بىلەن ئاساسەن بىردەك، پەقەت بىرلا نۇقتا ئۆزئارا پەرقلىق، يەنى يۇقۇرىقى مەنبەدە توپلانغان كىشى "بىرەر يۈزچە" دېيىلگەن. ئەمما، ئەمىلىيەتتە توپلانغانلار 200 - 300 چە بولغان. ئۇلار ۋاڭ ئوردىسىنىڭ دەرۋازىسىنى كېسەك بىلەن ئېتىۋەتكەندىن كېيىن، ۋاڭ ئوردىسىنى قورشىۋالغان. كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشكەندىمۇ تارقالمىغان. بەزىلەر ئوردىغا ھۇجۇم قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، پىكىر ئىختىلابى تۈپەيلىدىن بىردەك ھەرىكەت قوللىنىلمىغان. ئاخىر "ئوققا تۇتۇلغاندىن كېيىن " قوزغىلاڭچى ئامما تارقىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما، دەسلەپكى باسقۇچتىكى كۈرەش يەنە مەلۇم غەلىبىگە ئېرىشىپ، ياڭ زېڭشىننى قۇمۇل ۋاڭىغا نەسىھەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاشار مەجبۇرىيىتى ۋە تاپشۇرىدىغان غەللە - پاراق ئۆلچىمى " نى تۈزۈپ چىقىشقا مەجبۇر قىلغان.
يانچىلار ۋە دېھقانلار قۇمۇل ۋاڭىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتەك تۈپ مەقسەتكە يېتەلمىگەن بولغاچقا، كۈرەش يەنىلا داۋام قىلغان. بۇ باسقۇچتىكى كۈرەش چېن تيەنلۇنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. "كېيىن چېن تيەنلۇ ئۇشتۇمتۇت قاراقچىلاردىن موللا راجىنى شاڭيۇلىققا تەيىنلىگەن. ئۇ غوجامنىياز، دۇگامەت قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قۇتراتقۇلىقىغا شېرىك بولۇپ، ئەل - جامائەتنى توپلاپ قۇرئانئ تۇتۇپ قەسەم قىلغان. ئارقىدىنلا شەھەرگە كىرىپ غەۋغا چىقارغان ھەر قايسى يۇرتلاردىكى ئاق كۆڭۈل پۇقرالارنى ۋاڭنىڭ ئىدارىسىگە قارشى چىقىشقا قىستىغان ". بۇ باسقۇچتىكى كۈرەش ئالدىنقى باسقۇچتىكى كۈرەشكە قارىغاندا بەزى ئىلگىرلەشلەرگە ئىگە بولغان، يەنى ئۇلار قۇمۇل ۋاڭىنىڭ ئىدارە قىلىشىنى ئۈزۈل - كېسىل تەرك ئېتىپ، "مەمۇرىي تۈزۈم بويىچە باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىش" نى، بىۋاستە قۇمۇل مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرىشىدا بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. چېن تيەنلۇ موللا راجىنى غەرەزلىك ھالدا "شاڭيۇ" قىلغان بولۇپ، شامەخسۇت بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، باش مۇپەتتىش ليەن كۈيگە تېلىگرامما يوللاپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان. ليەن كۈي "چېن تيەنلۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ ئۆلۆئە مەركىزىگە كېلىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇغان"، قۇمۇلدىكى ئۇيغۇرلارمۇ چېن تيەنلۇغا ئەگىشىپ ئۆلكىگە كەلگەن ۋە "ئەرز سۇنۇپ" چېن تيەنلۇنى مۇشكۈلچىلىكتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولغان. ئەمما، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت چېن تيەنلۇنى قولغا ئالغان.
بۇ ۋاقىتتا موللا راجى رەھبەرلىكىدىكى ئىسيانكار ئامما غوجامنىياز باشچىلىقىدىكى ئىسيانچى ئامما بىلەن بىرلىشىپ جەمىي "مىڭ نەچچە يۈز كىشى بولغان "، موللا راجىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا "قوللىرىغا كەتمەن، قارا مىلتىق، ئوغاق، كالتەك ئېلىپ كونا شەھەرنى قورشىۋالغان ۋە ۋاڭنىڭ قۇلى بولمايمىز! ۋاڭ غوجاملار يوقالسۇن ! دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلىغان ". شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى ئۇلارنى ئوققا تۇتقان. ئۇلار قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن، ئاۋۋال ئوق ئېتىپ ۋە تاش - داڭگال ئېتىپ مۇداپىئەدە تۇرغان، چىرىكلەردىن ئون نەچچىنى يارىلاندۇرغان "، "قەلەمدار - ئەلەمدار سىپاھلار مۇداپىئە سېپىنىڭ بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ، توپىلاڭچىلار ۋاڭ ئوردىسىغا بېسىپ كىرسە ئىشنىڭ يوغىنى چىقىدۇ دېگەن خىيالدا، لەشكەرلەرگە مەھكەم مۇداپىئەدە تۇرۇشنى بۇيرۇغان. شۇ كۈنى قاراقچىلاردىن تۆلەندى، غوجاميار، شاكىر، مەمەت ھەسەن، سىيىت، يۇنۇس قاتارلىق ئالتەيلەن ئېتىپ تاشلانغان. قالغانلىرى قىيا - چىيا قىلىشىپ قېچىشقان. موللا راجى تىرىك تۇتۇلغان" قوزغىلاڭ ئەنە شۇ يوسۇندا باستۇرۇۋېتىلەئەن.
ليەن كۈي قۇمۇلدىكى "ئەلەمدار - قەلەمدارلار" غا قۇمۇل ۋاڭى بىلەن بىرلىكتە باش جىنايەتچىلەرنى سوراق قىلىشقا كۆرسەتمە بەرگەن. قۇمۇلنىڭ يانداش ئامبىلى ليۇرنداۋ بارىكۆل باشبۇغى يې شىڭفۇ بىلەن بىللە قايتا سوراق قىلىپ، موللا راجىنىڭ "ئاممىنى غوۋغا چىقىرىشقا قۇتراتقانلىقى" غوجامنىياز، دۇگامەت قاتارلىقلارنىڭ :كۈشكۈرتكەنلىكى" نى ئىسپاتلاپ چىققان، موللا راجى بۇنىڭغا ئىقرار بولغان. ئەيىبنامىدە "غوجامنىياز دۇگامەت قاتارلىقلار ھاشار ۋە غەللە - پاراقنى كېمەيتىشنى باھانە قىلىپ موللاراجى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالغان. ئۇلار ئاممىنى قۇترىتىپ ۋاڭ ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلغان، ۋاڭ ئوردىسىنىڭ دەرۋازىسىنى كېسەك بىلەن توسۇۋەتكەن، ئارقىدىنلا شەھەردە مالىمان چىقارغان. قىلمىشى ئىسيان كۆتۈرۈشكە يېتىدۇ. غوجامنىياز، دۇگامەت، موللا راجى قاتارلىق ئۈچ قىنايەتچى ئاممىنى ئالداپ، ئومۇمنىڭ ئىشى دېگەن باھانە بىلەن توپىلاڭ پەيدا قىلغىنى ئۈچۈن بېشىنى چېپىشقا تېگىشلىك ئىدى. يېڭى نىزامغا بويسۇنۇش يۈزىسىدىن ئېتىپ تاشلاشقا ھۆكۈم قىلىندى" دېيىلىپ تورپاق راجى، تورپاق زېرىپ قاتارلىقلارمۇ ئېتىپ تاشلانغان. قوزغىلاڭغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ "سانى كۆپ بولسىمۇ كۆپىنچىسى ھە - ھۇ بىلەنلا ئەگىشىپ چىققانلار بولغاچقا قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلۈشتىن ساقىت قىلىنغان". ئەرز قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى "بۇرۇنلا ئۆلكە مەركىزىگە كېتىپ قالغانلىقى"، "شەھەردە توپىلاڭ كۆتۈرۈلگەندە نەق مەيداندا بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئايرىم سورىلىپ، جازادىن خالاس قىلىنغان"، چېن تيەنلۇغا "ئۆز مەيلىچە ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ ھوقۇق دائىرىسىگە پىسەنت قىلمىغان، يەنە قاراقچىلار ئاقساقىلىنى دائىرىسىگە پىسەنت قىلمىغان، يەنە قاراقچىلار ئاقساقىلىنى شاڭيۇلىققا تەيىنلىگەن، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا يېتىپ ئاشقۇدەك جىنايەتكە ياتىدۇ. يۇقۇرىنىڭ رايى بىلەن ھىسابلاشمايلا ئۆز ئالدىغا بىلگىنىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىش بىلەنلا بولدى قىلغاندا قىلمىشىغا چۈشلۇق ئىش بولماي قالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھەر قايسى ئورۇنلاردا مەڭگۈ قايتا ۋەزىپىگە قويۇلمىسۇن، جىنايىتىنى تولۇق تاپشۇرغىنى ئۈچۈن يۇرتىغا يالاپ ئاپىرىۋېتىلسۇن، شىنجاڭدا قېلىشقا رۇخسەت قىلىنمىسۇن" دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان.
1907 - يىلىدىكى تورپاق يېغىلىغى مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، ئەمما قۇمۇل ۋاڭىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كېيىنكى كۈرەشلەر ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبە - ساۋاقلارنى قالدۇرغان :
قوزغىلاڭچىلار قۇمۇل ۋاڭىنىڭ فىئوداللىق ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمىگە زەربە بېرىپ، ھاشارنى بىكار قىلىش شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە قۇمۇل ۋاڭى ئۈچۈن ئايدا ئۈچ كۈن ھاشارغا ئىشلەشكە قوشۇلغان. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ئۇلارنىڭ فىئودال ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمىگە قارشى ئىنقىلابىي زادىلا ئۈزۈل - كېسىل ۋە قەتئىي بولمىغان. قوراللىق توقۇنۇشتا قوزغىلاڭچىلار "ۋاڭ غوجامنى ئاغدۇرۇپ تاشلايلى !"، دېگەن شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بۇ شۇئارنى ئۆز ھەرىكىتىگە پروگرامما قىلالمىغان. شۇنداقلا ئاممىغا چوڭقۇر تەشۋىقات ئېلىپ بارالمىغان. شۇڭا، كۈرەش يەنىلا مەلۇم چەكلىمىلىكتىن خلىي بولالمىغان.
قوزغىلاڭچىلار ئېنىق كۈرەش پىلانىنى تۈزۈپ چىقالمىغان، توغرا بولغان بىر يۈرۈش كۈرەش ئىستىراگىيىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويالمىغان. كۈرەش دەسلەپتە قوراللىق كۈچ كۆرسىتىشتىن باشلىنىپ، كېيىنچە چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ ئوققا تۇتۇشى بىلەن قوراللىق تىركىشىشىگە ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما جەڭدە ئۇلاردا مۇكەممەل تەشكىلىي تۈزۈلۈش بولمىغان، بىرلىككە كەلگەن قوماندانلىق ۋە ھەرىكەتمۇ بولمىغان. شۇڭا، چىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن ناھايىتى تېزلا باستۇرۇپ تاشلانغان.
قوزغىلاڭچىلارنىڭ قۇمۇل ۋاڭى ۋە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ماھىيەتلىك تۇنۇشى تولىمۇ يېتەرسىز بولغان. ئۇلارنىڭ قۇمۇل ۋاڭىغا بولغان تۇنۇشىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، قوزغىلاڭنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىپادىلەنگەن. قوزغىلاڭ باشلىنىشتىن ئاخىرلاشقۇچە پەقەتلا قوراللىق نامايىش بولغان ھەم قوزغىلاڭچىلار قوزغىلاڭ نامىدىن پايدىلىنىپ، قۇمۇل ۋاڭىنى ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەرنى قوبۇل قىلىشقا قىستىغان. ئۇلار قۇمۇل ۋاڭىدىن ئېكىسپالاتاتسىيە ۋە ئېزىش ئىمتىيازىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ، ئەمىلىيەتتە ئۆلۈكتىن ئىمان سورىغاندىن پەرقسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتمىگەن. ئۇلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىدە بولغان ماھىيەتلىك تۇنۇشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىدە تايىنىپ قۇمۇل ۋاڭىنىڭ ئېلىسپىلاتاتسىيىسىنى چەكلەشكە ئورۇنغان، ئەمما چىڭ سۇلالىسىنىڭ قىسمەن ئەمەلدارلىرىنىڭ قوللىشى، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىغانلىقىغا باراۋەر ئەمەسلىكىنى ئويلىمىغان. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قوزغىلاڭنى باستۇرغۇچى جاللاتقا ئايلانغاندىلا، ئۇلار ئاندىن قانلىق ساۋاقتىن ھۇشىنى تاپقان.
گەرچە بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ مۇئەييەن چەكلىمىلىككە ئىگە بولسىمۇ، دەسلەپكى مەزگىللەردىكى پاسسىپ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشىدىن كۆپ ئىلگىرىلىگەن. ئۇلار قوراللىق كۈرەشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن. بۇ قېتىمقى كۈرەشنىڭ مەغلۇبىيىتى، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن بىر مەيدان ئىنقىلابىنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
مەنبە : قۇمۇل، تۇرپان ۋاڭلىرى تارىخى. ناملىق كىتابتىن ئېلىندى تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن
|