باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

شىۋېتسىيە دىن تارقاتقۇچىللىرى قەش

يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-25 07:10 مەنبەسى: ئاپتورى: لوپنۇر كۆرۈلۈشى: قېتىم
شىۋېتسىيە دىن تارقاتقۇچىللىرى قەشقەردە يى جياڭ 1905-يىلنىڭ ئاخىرلىرى زور تۈركۈمدىكى ئەنگليە ،ھىندىستان سودىگەرلەر گۇروھى ۋە شىتسىيە

                                                  شىۋېتسىيە دىن تارقاتقۇچىللىرى قەشقەردە

                                                                       يى جياڭ

 

   1905-يىلنىڭ ئاخىرلىرى زور تۈركۈمدىكى ئەنگليە ،ھىندىستان سودىگەرلەر گۇروھى ۋە شىتسىيە دىن تارقاتقۇچىللىرى قەشقەرگە يىتىپ كەلدى.

شىۋېتسىينىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ھۈكمەت ئەۋەتكەن ئورگىنى يوق بۇلۇپ، پەقەت خەلىق ئىچىدىكى تەشكىلاتلىرى بار ئىدى، ئەنگليىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانسى ۋاكالىتەن باشقۇراتى.شىۋېتسىيە قەشقەردە بىر ئېنجل ئۇقتۇش مەكتىپى قۇرغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىگەللىگەن ئورنى 40مودىن ئاشاتتى. تۆت ئەتراپى كىسەك تام بىلەن قورشالغان بۇلۇپ، قېلىنلىقى 80 سانتىمېتىر ، ئېگىزلىكى تۆت مىتېر ئەتراپىدا ئىدى. ھويلا تېمى سىرتىدىكى يوغان بىر تۈپ قېرى سۈگەت ھازىرمۇ بار. ھويلا ئىچىدە ھازىر يەنە ئىككى كۇرپۇس شىۋېتسىيە ئىمارىتى بار بۇلۇپ ،بىر كۇروۇسنىڭ ئۇزۇنلىقى 15 مېتىر ، كەڭلىكى ئالتە مېتىر كىلدىغان بىر قەۋەتلىك ئۆي؛ يەنە بىر كۇرپۇس ‹‹T›› شەكىللىك قۇرۇلمىدىكى بىر قەۋەتلىك ئۆي ، قالغانلىرى بۇرۇنلا ۋەيران بۇلۇپ كەتكەن .

بۇ بىر قەۋەتلىك ئىمارەتلەر خېلىلا پۇختا بۇلۇپ ، ھويلىسىنىڭ چۇڭقۇرلىقى 1.2مېتىر كىلدۇ، ھويلىغا شېغىل تاش ياتقۇزلۇپ چىققان، يەر يۈزدىن كۈترۈلگەندىن كىيىن چاسا خىش بىلەن قۇپۇرغان بۇلۇپ ، ئېگىزلىكى ئۈچ مىتىر ئەتراپىدا كىلدۇ. ئۆينىڭ ئاستىغا پول ياتقۇزۇلغان، ئۆي ئىچى ئۇمۇمەن كۆپ بۈرجەكلىك ۋە يەلپۈگۈچ شەكىلىك. تېمنىڭ قېلىنلىقى 80 سانتېمىتىر بۇلۇپ، ئوتتۇرسى كەڭلىكى ئىككى مىتېر كىلدىغان كارىدۇر، ئىككى تەرپى ئولتۇراق ئۆي،ھەربىر ئۆينىڭ ئشلىتىش كۈلمى 16كۇۋادىرات مىتېر بۇلۇپ، تاق قاناتلىق دەرىزە قۇيۇلغان. تامنىڭ بۇلىڭىغا ئىسىنىش ئۈچۈن دىئامىتىرى 60 سانتىمېتىر كىلدىغان مىس مەش قۇيۇلغان .

كارىدۇردا يەرئاستى ئۆيگە كىردىغان ئېغىز خارابىسى ساقلانغان بۇلۇپ، كەڭلىكى ئىككى مىتىېر كىلدۇ. چاسا خش بىلەن ئېرىتمە ئارقىلىق سېلىنغان،خېلىلا پۇختا، ھەمدە ئۆي بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. ھازىر كىرىش ئېغىزى تۈكۈلگەن ئەخلەتلەر بىلەن تۇسۇلۇپ قالغان. بۇ شىۋېتسىينىڭ قەشقەردە قۇرغان ئەڭ دەسلەپكى باسما زاۋۇتى بۇلۇپ، ئۈسكىنلىرى ئەڭ ياخشى ئىدى. ئەڭ دەسلەپكى قەشقەر پۇلى مۇشۇ زاۋۇتتا بېسىلغان.

ئالدى ھويلىدىكى بىر كۇرپۇس بىر قەۋەتلىك ئۆينىڭ ئىشكى ئالدىدا تۆت دانە ناھايىتى توم تۈۋرىك قۇيۇلغان پىشيايۋان بار، پىشايۋاننىڭ ئۈستىگە ۋاسا تارتىلىپ،سامانلىق لاي بىلەن سۇۋالغان، ئاندىن ھاك تېشى بىلەن ئېرىتمىنى ئارلاشتۇرۇپ سىرلىغان. تۆت ئېغىز ئۆي چاسا شەكىلدە بۇلۇپ، قوشقاناتلىق دەرىزە قۇيۇلغان، كونىلارنىڭ ئېيتىشچە بۇ ئېنجىل ئۇقۇتۇش مەكتىپىنىڭ ئىشخانسى ئىكەنمىش.

شىۋېتسىيەلىكلەر قەشقەردىكى بۇ باش يىغىلىش نوقتىسى ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قەشقەر يېڭى شەھەر، قاغىلىق،ئاقسۇ قاتارلىق شەھەر-بازارلاردا تارماق نوختىلارنى تەسىس قىلدى. باش يىغىلىش نوقتىسىدا شىۋېتسىيەلىك دىن تارقاتقۇچىلاردىن 20 نەچچە ئادەم، ھەرقايسى تارماق نوقتىلاردا بەشتىن ئادەم بار ئىدى. ئۇلار ئاساسلىقى دوختۇرلۇق، دىن تارقىتىش، ئىنجىل ئۇقۇتۇش، تەرجىمانلىق، باسمىچىلىق قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىناتتى.

دىن تارقاتقۇچىلار ئېنجىلنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلپ، شىۋېتسىيە باسما زاۋۇتىدا بېسىپ، ئاندىن خەلىق ئارسىغا تارقاتقان. ئۇلار دەسلەپتە دوختۇرلۇقنى ۋاستە قىلىپ، ھەقسىز كىسەل كۈرۈپ دۇرا بەرگەن. كىيىن دوختۇرخانا تەسىس قىلىپ، غوللۇق دوختۇرلارنى يىتۈشتۈرگەن. بۇنىڭغا ئۇلاپ ئېنجىل ئۇقتۇش ئورنى قۇرۇپ، خەلىق ئارسىدىكى ئېگە -چاقسىىز يىتىم باللارنى بۇجايغا يىغىپ مەدەنىيەت ئۈگەتكەن. مانا بۇ ئۇلارنىڭ كاتولىك دىنى تارقىتىشتىكى دەسلەپكى ئوبىكتى ئىدى. شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ 60 تىن ئارتۇق ئۇقۇغۇچىسى بۇلۇپ، ئۇلار ئېنجىلنى ئاساس قىلغان ھالدا يەنە تىل ئەدەبىيات، ھىساپ ، جۇغراپىيە، تارىخ دەرىسلىرىنى ئۈگۈنەتتى. ئېنجىل دەرسى ۋاختىدا،ئۇقۇتقۇچى سىنىپقا پۇت بىلەن بېسىپ چالدىغان رۇيالدىن بىرنى قۇيۇپ، ئېنجىلنى ناخشا تېكىستى قىلىپ، رۇيال چالاتتى، ئۇقۇغۇچىلار مۇزىكا ئاھاڭىغا ئەگىشىپ ئېنجل تېكىستلىرىنى ئۇقۇيتى. ئۇقۇتقۇچى ئەستايىدىل بولغانلىقتىن ئۇقۇغۇچىلار ياخشى ئۈگۈنۈپ، ئۆز ۋاختىدا كىشىلەرگە ياخشى تەسىر قالدۇرغان.

قەشقەردە دىن تارقىتىشنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بۇلشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار دىن تارقىتىشنى ئەتراپتىكى ھەرقايسى ناھايە-بازارلىرىدىكى تارماق نوقتىلارغا كەڭەيتكەن. كاتولىك دىنىنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ بۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەتتە شەھەرنىڭ ھەممىسى ئازدۇر-كۆپتۇر تەسىرگە ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىمالىي شىنجاڭغىمۇ تارقىلىپ بارغان.

ئابلىمىت ئىسمايىل ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: دادام شىۋېتسىيە دىن تارقاتقۇچىللىرى قۇرغان دوختۇرخانىدا تەربىلىنىپ چىققان دەسلەپكى دوختۇر ئىدى، ئۇنىڭ دوختۇرلۇق تېخنىكىسى ناھايىتى يۇقرى بۇلۇپ، كىشلەرنىڭ چۇڭقۇر ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن. ئۇلار دوختۇرلۇق قىلىپ كىسەل كۈرۈپ، ئىگە-چاقسىز باللارنى يىغىپ ئۇقۇتقانلىقى ئۈچۈن، يەرلىك خەلىق شىۋېتسىيە دىن تارقاتقۇچىللىرىنى ھۆرمەتلەيتى. لىكىن قەشقەردە تۇرۇشلۇق سوۋېت ئىتپاقى كىشىللىرى بۇ دىن تارقاتقۇچىلاردىن ئىنتايىن بىزار ئىدى. خەلىق ئىچىكى سىرنى بىلمىگەچكە، سوۋېت ئىتپاقىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق سودىگەرلىرىگە باشقىچە كۆز قاراشتا بولغان. مەسلەن، قاغىلق ناھايىسىدە 280 ئائىللىك رۇس سودىگەرلىرى ئولتۇراقلاشقان بۇلۇپ، 733كىشى يەرلىك خەلىقنىڭ سىقىپ چىقرىشىغا ئۇچرىغان. ئىشتىن كىيىن مەلۇم بولدىكى، بۇ دىن تارقاتقۇچىلار دوختۇرلۇق، دىن تارقىتىش ئارقىلىق دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن مەدەنىيەت جەھەتتىن ھۇجۇم قىلغان، شىنجاڭدىن ئىبارەت غەربىي چوڭ دەرۋازىغا قوشنا بولغان سوۋېت ئىتپاقىغا سىڭىپ كىرىپ، رۇسىيە ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىي مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كىيىنكى ھەرخىل ئاخباراتلارنى زور مىقداردا توپلىغان.

يەكەندە ئىككى ئۇرۇندا شىۋېتسىيە ئورگىنى بۇلۇپ، بىرسى ھازىرقى نىرۋا كىسەللىكلىرى دوختۇرخانسى، يەنە بىرسى ناھايىلىك تۈرلۈك ماللار شىركىتىنىڭ ئىسكىلاتى ئىدى، بۇ يەرلەر ئۆز ۋاختىدا كاتولىك دىنىنىڭ ئېنجلنى تەرغىپ قىلدىغان مەكتىپى ئىدى. ئالدىنقىسىنىڭ ئېگەللىگەن ئورنى 50 مو،كىيىنكىسىنڭ ئورنى 40 مو كىلدىغان بۇلۇپ، ئۇ ياڭ زىڭشىن، جىن شورېنلار ھۆكۈمرانلىق قىلۋاتقان ۋاقىتلاردا قۇرۇلغان ئىدى. ھازىر بىر كۇرپۇس قەدىمىي شىۋېتسىيە ئېمارىتى ساقلىنىپ قالغاندىن باشقا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ۋەيران بۇلۇپ كەتكەن.

ئىنجل ئۇقۇتۇش مەكتىپى ئىگە-چاقسىز يېتىم بالىلاردىن 100 نەپەر قۇبۇل قىلغان بۇلۇپ، شىۋېتسىيەلىكتىن بەش كىشى، خىزمەتچىلەردىن 30 كىشى بار ئىدى، ئۇقۇغۇچىلار ئۇيغۇر، خەنزۇ ئىدى. ئۇقۇتۇش مەزمۇنى قەشقەردىكى ئىنجل مەكتىپى بىلەن ئوخشاش ئىدى. دوختۇرخانىدا بەش شىۋېتسىيەلىك بۇلۇپ، ئۈچى ئەر، ئىككىسى ئايال ئىدى. ئۇلار بۇيەردىن 30 نەپەر خىزمەتچى خادىم قۇبۇل قىلغان بۇلۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى يەرلىك كىشىلەرنىڭ كىسىلىنى كۈرەتتى.

يېڭى شەھەر ناھىيىسىدىكى جىڭ فىڭشۇ بۇ ۋاينىڭ ئېيتىشىچە، ئنجىل مەكتىپى جەنۇبي شىنجاڭنىڭ ھەممە ناھايىسىدە دىگۈدەك بار بۇلۇپ، كىشىلەر ئۇنى ئىنسانلارغا بەخىت ئېلىپ كىلدىغان جەننەت دىيشەتتى. شىۋېتسىيەلىكلەر يېڭى شەھەر ناھايىسىدە قۇرغان ئىنجىل مەكتىپىنىڭ 100 دىن كۆپرەك ئۇقۇغۇچىسى بار بۇلۇپ، ئۇلارنى ئۈچ سىنىپقا ئايرىغان، ئىككىسى ئۇغۇللار سىنىپى، بىرسى قىزلار سىنىپى ئىدى، تۆت شىۋېتسىيىلىك ئۇقۇتقۇچى، ئۈچ ئۇيغۇر ئۇقۇتقۇچى،بىر خەنزۇ ئۇقۇتقۇچى بارئىدى. ئۇقۇتۇش تۈزۈمى باشلانغۇچ مەكتەپتىن، تۇلۇق باشلانغۇچ مەكتەپكىچە ئىدى. ھەر ھەپتىنىڭ بىرىنىچى كۈنىدىن ئالتىنچى كۈنىگىچە نۇرمال دەرىس ئۇقۇيتى، يەكشەنبە كۈنلىرى ئىنجىل ئۇقۇيتى.
دوختۇرخاندىكى شىۋېتسىيەلىكلەر بىلەن بەزى خىزمەتچىلەر كۈندۈزلىرى كوچا-مەھەلىلەرنى ئارلاپ، ئاممىغا چوڭقۇر چۈكۈپ كىسەل كۆرسە، كىچىللىرى ئۇلار يەرلىك مىللەتنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋېلىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئارسىغا بېرىپ دىن تارقىتىشتىن باشقا، ئاخبارات توپلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللۇناتتى. ئاق كۈڭۈل پۇخرالار ئۇلارنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى بىلمىگەنلىكتىن، شىۋېتسىيەلىكلەرگە نىسبەتەن بەزى ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرغان ئىدى.

 بۇ ماقالە لوپنۇرى بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

لوپنۇرنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[تارىخى بىلىملەر] شىۋېتسىيە دىن تارقاتقۇچىللىرى قەش [ 2011-06-25 07:10:42 ]
[تارىخى رەسىملەر] شىۋېتسىيە ئارخىبخانىسىدىكى رەسىم [ 2011-06-25 06:56:41 ]
[تارىخى بىلىملەر] قەشقەردىكى ئەنگىلىيە كونسۇلخانىس [ 2011-06-25 06:41:26 ]
[تارىخى بىلىملەر] شىۋىتسىيىدىكى تارىخىي ماتېرىيالل [ 2011-06-25 06:31:06 ]
[تارىخى بىلىملەر] گۇمىلىقلارنىڭ بىر قىسىم تۇرمۇش ۋە [ 2011-06-25 06:24:31 ]
[تارىخى بىلىملەر] چىلتەن مازىرى تەزكىرىسى [ 2011-06-25 06:05:15 ]
[تارىخى بىلىملەر] قەشقەردە بېسىلغان ماتېرىياللار [ 2011-06-25 06:03:21 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھەيۋەتلىك ۋە يىگانە تارىم [ 2011-06-25 06:01:44 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مىللى مائارىپىمىزدىكى كىرزىس ۋە م [ 2010-03-14 22:22:39 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر