گۇمىلىقلارنىڭ بىر قىسىم تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئادەتلىرى
1 ئۆلتۈرگەن قوينىڭ بىجەكنىڭ تۆپىدىكى يەللىنى پىستان دەيدۇ.ئەمما قوي بوغاز بولاپ 5-6 ئايلىق بولغاندا قوينىڭ يەللىسى پەيدا بولاپتۇ،تۇغۇتقان ۋاقتى يېقىلىشىپتۇ دەيدۇ.ناۋايلار توغراپ بۇ قوينىڭ پىستانىدا گۆشت گىردە ياقىدۇ.كالا بوغاز بولاپ قالسا يا موزاي چوڭوپ قالسا كالانىڭ سۈتى تىرىلىپ كېتىدۇ.كالا بۇقا تىلەپ قاپتۇ،بۇقا كالانى ئاشتى يا ئاشالمىدى دەيدۇ.ئەگەر كالانى بۇقا ئاشسە، كالا بۇقادىن چىقىپتۇ دەيمىز،ئەگەر ئاشالمىسا كالا بۇقادىن چىقماپتۇ دەيمىز.ئايغىر بايتالنى چاپتى دەيمىز يا چاپالمىدى.ئەگەر ئايغىر بايتالنى چاپسە،بايتال بوغاز بولاپتۇ، چاپالمىسە، بايتال تۇتۇلماپتۇ دەيمىز.قوشقار قوينى قوغلادى يا قوغلىيالمىدى دەيمىز.ئەگەر قوينى قوشقار قوغلىغان بولسا، قوي قوشقاردىن چىقىپتۇ، يا بوغاز بولاپتۇ دەيمىز،قوغلىيالمىسا، قوي تېخى قوشقاردىن چىقماپتۇ، يا بوغاز بولماپتۇ دەيمىز.ئىشەك ھاڭگى تىلەپ قاپتۇ، ئىشەكنى ھاڭگى چاپتى دەيمىز.ئىت قانجىق قۇسۇپتۇ دەيمىز.قانجىق ئىتنىڭ كەينىدىن سەككىز ئون ئىت ئەرگىشىپ سەككىز ئون كۈن يۈرىدۇ.سەككىز ئون كۈندىن كېيىن قانجۇق قۇسۇپ بولاپتۇ دەيمىز.قانجىق بىلەن ئىت ئىلىشىپ قاپتۇ دەيمىز.مۈشۈك ما ۋولاپتۇ دەيمىز.بىر ھېكايە بار، مۈشۈك ئىلىشقاننى كۆگەن ئادەم ،سەيىغ ئوتنىڭ يىلتىزىنى تاپقان ئادەم پادىشا بولۇتمىش دەيتكەن بى گەپ با.توخانى خوراز باستى، كەپتەمۇ باستى دەيمىز. 2 ئالتە شەھەردە ئۆي ئېتىشنىڭ بايانى ئەۋۋەل ئۆي ئېتۇدۇغان يەرنى بايلەر چاڭدېتىپ جاي ئاچچىلەرنى قىچقىرىپ ئەپكېلىدۇ.جاي ئاچچىلەر يەرنى چىزىلەپ (ئۆلچەپ)باقىپ ''باي، بۇ يەرگە بىر يۈيۈشلۈك ئايۋان سەراي ئاشخانە ، قازناق سىغىدۇ.ئا بۇجەككە ئىستىبراخانە سالىمىز، دەرۋازىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە بىر پېشايۋان بىلەن بىر دەھلىزلىك قوش مېھمانخانە سالساق ياخشى بولەدۇ''دەيدۇ.باي دەيتكى:''مېنىڭ خىيالىمدا مېھمانخانىنى تاشقىرىغا سالماقچى ئىدىم،بۇنىڭ ئىچىگە مېھمانخانىنى سالساق بەك تارچۇق بوپ قالىدۇ.''جاي ئاچچى دەيتكى:''يوقسۇ باي،مەن بولمايتقان ئىشنى ھەرگىز ئۆزلىرگە دېمەيمەن.تەخى قازناقنىڭ تۆپىسىگە بىر بالاخانە قىلىمىز.ھەرگىز قوقمىسلا، بىر ئاختاخانە ھەم پۈتىدۇ''دېگەنكىن ''ئەمىسە ياغاچ كەسسە!يول تەيەپتىكى يەغاچتىن ئوتتۇز يەتتە سوقۇما چىقارسىلا،ئاندىن باينىڭ بۇلۇڭدىكى ياغاچتىن قىرىق ئۈچ تال جايگە چىقىدۇ.ژىگىمە سەككىز تال سىنجە چىقارمىكى توققۇز يۈز ئەللەك تال ۋاسادىن. بىر يېرىم يىلچە بولدى تەييار قىلدۇرۇپ قويغانتىم.ئۆينىڭ ئۇلىنى تۈزلەپ قويدىڭلىمۇ بالا؟ ئانداغ بوسا بەشمىڭ پىشقىش ، يەتمىشمىڭ خامقىش يېتەرمۇ؟''''يەتمەس، پىشقىشتىن ئون ئىككى مىڭ پىشۇرۇپ بەسۇن''سەراي ئۆينى ۋاساجۇپ قىپ بەسلە،ئاشخانا بىلەن قازناقنى ۋاسا دەميان قىپ بەسلە،لېكىن ئۇستام بەك مەزمۇت بوسۇن !سوقۇمىنىڭ ئاستىغا يوغان تاش قويىمىز،بولمىسا ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ.ئۆينى چىتلايمىز.سوۋاقچى بارات ئاخۇنغا دەپ قوياڭ، يېنچىگە سوۋاقنى تىك گەج قىلىمىز.پاتياق ئۆينى پۈتكۈزلى، مەن پۇلنى جىك بېرىمەن، سىلە ھەم جىق كۈچ چىقىرىڭلە ''باي بۇ گەپنى قىلغاندىن ئۇلار كېيىن شۇنداق ئىتتىك ئىش قىلا-قىلا مۇز تۇتۇشقا يېقىن ئۆي پۈتۈپ بولدى.بۇ ئۇستاملار، ئىشلەمچىلەر''ۋاي ھاجىم ،ئەمدى ئۆزلىرىنى ئۆيلىيگە كۆچىيەپ ئەپچىرىپ قوياپ ئاندىنكىن كېتىمىز''دەيدۇ.ئاندىن ئۆينى سۈپۈيۈپ، سۇ سېپىپ، زىلچە گىلەم كىگىز كېچەك ، چىنە چەينەك ،كۆپە كېچەك، تەخسە پەخسەلەرنى ئۆيگە ئەپچىپ، يامچاقتىكى گۈللەرنى يەرلەردە قوياپ قاتا- قاتا تۇردىلە. بايمۇ ئۇلارنىڭ قىلغىنىغا خوش بولاپ ئالدىغا ژىگىمە سەر، كەينىگە ئون سەرگىچە سىمكاردىن باشقا پۇل ئىنئام قىلىدۇ.
![]() قوي قىرقىش ![]() خامان تېپىش ![]() سۇ تۈگمىنى ![]() يىپەك توقۇش ئۈسكۈنىسى ![]() پاختا ئايرىش ماشىنىسى ![]() ئۆگزىدە يىپەك غوزىكى قۇرۇتۇش ![]() تۆمۈرچىلىك مەنبە:تىۋىش بىلوگى تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن
|