باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىياتكومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

«بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس، ئۆگەنمەسلىك ئەيىب»

يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-28 16:14 مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۇ كومپيۇتېرى بار ئىستۇدېنت، ھەمىشە كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىدۇ. ئەمما، ئۇ ئانا تىل-يېزىقىدا مەشغۇلات قىلىشنى بىلمەيدۇ.
تەلەي +1

«بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس، ئۆگەنمەسلىك ئەيىب»

 

سۇلتان مەقسەت

 

بىر مىسال: ئۇ كومپيۇتېرى بار ئىستۇدېنت، ھەمىشە كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىدۇ. ئەمما، ئۇ ئانا تىل-يېزىقىدا مەشغۇلات قىلىشنى بىلمەيدۇ. 

يەنە بىر مىسال: شىركەتتە نەچچە ئون خىزمەتچى بىردىن كومپيۇتېر ئالدىدا ئىشلەۋاتقاندا بىرەيلەن:

كىم كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە خەت ئۇرالايدۇ؟ دېسە ھېچكىم ئۈندىمەيدۇ. شىركەتتە ئىشلەۋاتقىنىغا ئون يىلدىن ئاشقان، خىزمىتىنى كومپيۇتېردا قىلىدىغان بىر يىگىت كومپيۇتېردا بىمالال مال سېتىۋالالايدۇ، پاي چېكى ئوينىيالايدۇ، كومپيۇتېردىن ئۆزىگە لازىملىق نەرسىنى تاپالايدۇ. ئەمما، ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىنى كومپيۇتېردا ئۇرالمايدۇ. ئۇلار باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ ئانا تىلدا يېزىش - ئوقۇشنى ئۆگەنگەن، ھازىرمۇ قەلەم بىلەن ئۆز يېزىقىدا يازالايدۇ، خاتىرە قالدۇرالايدۇ. ئۇيغۇرچە كىتاب، گېزىت - ژۇرناللارنى كۆرەلەيدۇ.

كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى بېسىش ئادەتتىكى كومپيۇتېر مەشغۇلاتىغا پۇختا ئادەم ئۈچۈن ئۇنچە تەس ئەمەس، پەقەت نەچچە كۈن كۆڭۈل قويۇپ قول كۆندۈرسە ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ. ھازىر خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇش، كۈندىلىك ئالاقە ئىشلىرىمىز كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىنىدىغان بولدى. كومپيۇتېر يىراقنى يېقىن قىلدى، مۇرەككەپنى ئاددىيلاشتۇردى. ئىشلىرىمىزنىڭ يەنىمۇ ئوڭۇشلۇق بولۇشىدا، كومپيۇتېر مەشغۇلاتىغا پۇختا بولغانغا قارىغاندا، تىلغا پۇختا بولساق تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئېھتىياجلىق ئۇچۇر ۋە بىلىملەردىن بىمالال پايدىلىنىپ ئىشلىرىمىزنى يۈرۈشتۈرەلەيمىز. ھازىر ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللىمۇ تەرەققىي قىلدى. ئۇيغۇرچە تىل - يېزىق سىستېمىسىدىمۇ نۇرغۇن يېڭىلىق ۋە قولايلىقلار يارىتىلىۋاتىدۇ، شۇڭا ئازراق ۋاقتىمىزنى سەرپ قىلىپ كومپيۇتېردا ئۆز يېزىقىمىزدا مەشغۇلات قىلىشنى ئۆگىنىپ قويساق، بۇنىڭ ئەھمىيىتى باشقىچە بولىدۇ. شۇڭا، كومپيۇتېردا ئانا تىل-يېزىقىنى قوللىنىشتا ئاتا-ئانىلارمۇ پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولۇپ، ئۆز تىلىمىزدىكى بەزى كېرەكلىك بىلىملەرنى كومپيۇتېردىن بالىلىرىمىزغا ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاشقا سەل قارىماسلىقىمىز لازىم. كەلگۈسىنىڭ ئالىي زىيالىيلىرى سانىلىۋاتقان ئىستۇدېنتلارمۇ كومپيۇتېردا ئانا تىل-يېزىقىنى قوللىنىشتا باش بولۇشى كېرەك. بۇ كەلگۈسى تەتقىقات ئىشلىرىمىزدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

باشقىنىغۇ دېمەي، كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە يازالمايدىغانلار ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىگە ئاساسەن كىرمەيدۇ، ئۇلار ئۇيغۇرچە تور دۇنياسىدىكى مىللىي پۇراقتىن، مىللىي مەدەنىيەت ھاۋاسىدىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ھەر خىل خەۋەر، ئېھتىياجلىق بىلىمنى، ئۇچۇرنى باشقا تىل سىستېمىسىدىكى تور دۇنياسىدىن تاپقىلى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇيغۇرچە تور دۇنياسىدىن مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي تۇرمۇش، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مىللىي ئىقتىساد-تەرەققىيات، مىللىي پىسخىكا يۈزلىنىشى، ئۆزىگە خاس مەدەنىيەتتىكىلەرنىڭ تەپەككۇر-قىممەت ئېڭى، قىسقىسى، ئۆز مىللىتىدىكى ئۆزگىرىش-يېڭىلىقلار، ئىدىيە-قاراش ھەم ئىللەت-ئادەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تەھلىل-مۇھاكىمە، ئەدەبىيات-سەنئەت، باھا-ئوبزور قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشالماسلىقى مۇمكىن.  

كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار كومپيۇتېردا ئۆز يېزىقىنى يېزىشنى ئاللىقاچان ئۆگىنىۋالغان بولاتتى. بۇنداقلار ئۆز تىل - يېزىقىدىن پەخىرلىنىشنى بىلىدۇ، كومپيۇتېردا ئۆز يېزىقىنى يازالماسلىقنى ساۋاتسىزلىق، بىلىمسىزلىك دەپ قارايدۇ. دېمىسىمۇ، ھەر قانداق نەرسىنى ئۆگەنمىسە تاشلىنىپ قېلىۋېرىدۇ. بۇ تاشلىنىپ قېلىش ئېھتىمال كېيىن بىر يەرلەردە دوقال بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. كومپيۇتېردا ئۆز يېزىقىنى يېزىشنى ئۆگىنىۋېلىش ھەر كىمنىڭ ئىختىيارلىقىدا. نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ كۆپ ۋاقتى كومپيۇتېر ئالدىدا باشقىلار بىلەن قۇرۇق گەپ قىلىش، كىنو كۆرۈش، ئويۇن ئويناش بىلەنمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇ مەشغۇلاتلار قاتارىدا ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ ئۆز يېزىقىمىزنى ئىشلىتىشنى، پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋالايلى. بالىلارمۇ كومپيۇتېر ئالدىدا ئويۇنچۇق ئويناشقا مەستانە بولغاننىڭ ئورنىغا، ئانا تىل - يېزىقىدا كومپيۇتېر كۈندىلىك خاتىرىسى يېزىشقا ئادەتلەندۈرۈلسە، تېخىمۇ ساغلام ئۆسۈپ - يېتىلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلىنى ئۆگەنگەن بولاتتى.

خەلقىمىزدە «بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس، ئۆگەنمەسلىك ئەيىب» دەيدىغان ماقال بار. شۇڭا، ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرنىڭ ياشلىرى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كومپيۇتېردا ئۆز يېزىقىمىزنىڭ رولىدىن ئوبدان پايدىلىنالىغىنىمىز تۈزۈك.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] چەتئەللىكلەرنىڭ باللىرىنى جازالاش ئۇسۇللىرى [ 2012-03-28 19:55:13 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] دۇنيادىكى تۇنجى ئۇچار ئاپتوموبىل 800 مىڭ فوند سىتېر [ 2012-03-28 19:48:35 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] پىراۋا ئېلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يەنە ئۆستى [ 2012-03-28 19:44:12 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مائارىپ ساھەسىدىكى قالايمىقان ئىشلار [ 2012-03-28 19:42:24 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى ئ [ 2012-03-28 19:39:21 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلار ناخشىلىرىنى كۆپ ئاڭلىسا، دېۋەڭلىك كېسىلىن [ 2012-03-28 19:36:16 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] كىتاب-مۇۋەپپەقىيەت ئاچقۇچى [ 2012-03-28 16:42:02 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] ئىنتېرنتقا ھەددىدىن زىيادە بېرىلگەندە، ئەقلىي ئىق [ 2012-03-28 16:35:13 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئانا تىلىم مەن سېنى سۆيىمەن [ 2012-03-28 16:09:31 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] دوكتور - ئەنۋەر ھامۇت [ 2012-02-28 16:26:14 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر