
1. كىنو ياكى تېلېۋىزيە تىياتىر كۆرگەندە ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ ياخشى-يامان ئىكەنلىكىگە پەرۋا قىلماستىن، رول ئالغان كېلىشكەن يىگىتلەرنىڭ ئوبرازىنىلا ئېسىدە چىڭ تۇتۇۋېلىپ بىر نەچچە كۈنگىچە ئاغزىدىن چۈشۈرمەي يىگىتىگە سۆزلەيدىغان قىزلار.
2.ئىدارىگە يېڭى كەلگەن يىگىتلەرگە ئۆزلۈكىدىن يېقىنلىشىپ، ئورۇنلاشتۇرمىغان ئەھۋالدىمۇ يېتەكچى بولۇۋالىدىغان، زىيادە يېقىنچىلىق قىلىدىغان ئاياللار.
3. دوستلار يىغىلىشلىرىدا ناتونۇش يىگىت ئۇچرىسا، ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئېچىلىپ-يېيىلىپ مۇئامىلە قىلىپ كېتىدىغان، ئەگەر يىگىتنىڭ لايىقى يوقلۇقىنى بىلسە، شۇ ھامان يېقىنچىلىق قىلىپ كېتىدىغان قىزلار.
4. دوستلىرى بىلەن بازار ئايلانغاندا، يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يىگىتنى باھالاشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەگەر بۇ يىگىت كېلىشكەن بولسا، باشقىچىلا ئېچىلىپ سۆزلەپ كېتىدىغان قىزلار.
5. بىر يىگىتنىڭ كەمچىلىكى ياكى ئارتۇقچىلىقىنى باھالىغاندا، ئۇنىڭ ئوقۇش تارىخى، ئىقتىدارى، خىزمەت نەتىجىسىنى سۆزلىمەستىن، ئەكسىچە ئۇنىڭ كېلىشكەن ياكى ئەمەسلىكى ۋە ياكى بەرگەن تەسىرى ئارقىلىق باھا بېرىدىغان ئاياللار.
6. ئەرلەر كۆپ بارىدىغان سورۇنغا بېرىشنى ياخشى كۆرىدىغان، بولۇپمۇ چولپانلار، باي سودىگەرلەرنىڭ سورۇنلىرىغا كۆپرەك قاتنىشىدىغان، ئۇلارنىڭ سۆھبىتىگە تېزلا ماسلىشىپ كېتىدىغان ئاياللار.
7.ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تىپتىكى كېلىشكەن ئەر بىلەن تونۇشۇپ قالسا، شۇ ئەرنىڭ مۇھەببىتىگە تېزرەك ئېرىشىشنى كېچە-كۈندۈز خىيال قىلدىغان، قارشى تەرەپنىڭ لايىقى ياكى خوتۇنى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىنمۇ نىيىتىدىن يانمايدىغان قىز-ئاياللار.
8. باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئەرنىڭ گېپى چىقىپ قالسا ئۆزىچىلا خۇشال بولۇپ، شۇ ئەرنىڭ ھەممە ئارتۇقچىلىقىنى ئاغىز -ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىدىغان ئاياللار.
9. ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئەرگە بولغان سېغىنىشنى تېزلا ئىپادىلىۋېتىدىغان، شۇ ئەرنىڭ ئەتراپىدا پەيدا بولغان ھەر قانداق بىر ئايالنى رەقىب قاتارىدا كۆرىدىغان ئاياللار.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.