كانادا بىلەن ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا تاماكا چەكمەيدىغان، ئەمما ھاراققا خۇمار بولۇپ قالغان 115 ئادەم بىلەن ئارىلاپ تاماكا چېكىدىغان ھەم ئانچە-مۇنچە ئىچىپ قويىدىغان 74 ئادەمنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن مۇنداق ھۆكۈم چىقاردى:«ئۇزاق مەزگىل تاماكا چەككەن ئادەمنىڭ بەدەن قىياپىتىنى تەڭشەيدىغان چوڭ مېڭە سىستېمىسى تەسىرگە ئۇچراپ، بەدەن تەڭپۇڭلىقى بۇزىلىدىكەن».
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى:«تاماكا چەكمەيدىغان، ئەمما ھاراققا خۇمار بولۇپ قالغانلار ھاراق تاشلاپ سەككىز ھەپتىدىن كېيىن بەدىنىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، بىراق ھاراق تاشلىغان، لېكىن تاماك چېكىدىغانلارنىڭ بەدەن تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش ئىقتىدارىدا ياخشىلىنىش بولمىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تاماكا ئادەمنىڭ بەدەن تەڭپۇڭلىقىنى كونترول قىلىدىغان نېرۋا ۋە سەزگۈ مېخانىزمىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ؛ ئۇلار ھاراق تاشلىغاندىن كېيىنمۇ، تاماكىنىڭ تەسىرى يەنىلا مەۋجۇت بولىدۇ». (ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى»دىن).
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.