
1. ھەرىكىتى سىرلىقلىشىدۇ. تېلېفون كېلىپ قالسا، ئالدىڭىزدىلا ئېلىۋەرمەيدۇ، يانفونىنى يېنىدىن ئايرىمايدۇ، ھەتتا سىزنىڭ ئۇنىڭغا چېقىلىشىڭىزنى خالىمايدۇ: بەزىدە ئۆزى يالغۇز سىرتلارغا چىقىدۇ، بىراق قەيەرگە بارغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدۇ: ئىلگىرى دائىم سىزگە يۆلىنىۋالىدىغان ئايال تۇيۇقسىز مۇستەقىللىشىپ كېتىدۇ.
2. ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىمۇ يۈرۈش-تۇرۇشقا بەكرەك دىققەت قىلىدىغان بوپقالىدۇ. ئاياللارمۇ ئەلەرگە ئوخشاش كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتكەندە يۈرۈش-تۇرۇشىغا بەك دىققەت قىلىدىغان بوپقالىدۇ.
3.ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. خىزمەت ۋە باشقا باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ئالدىراشلىقىنى ئېيتىدۇ، سىز بىلەنمۇ ئۇچرىشىدىغان ۋاقتى بارغانسېرى ئازلاپ كېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ھەقىقەتەن ئالدىراش ئەمەس، بەلكى ۋاقتىنى باشقا ئەرگە سەرپ قىلىدۇ.
4. سىزدىن دائىم قۇسۇر تاپىدۇ. سېلىشتۇرغاندىلا، ياخشى بىلەن يامان ئېنىق ئايرىلىدۇ، خوتۇنىڭىز دائىم سىزدىن قۇسۇر تېپىپ يۈرسە، چوقۇم ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك، بۇ ئۇنىڭ قەلبىگە باشقا بىرسىنىڭ كىرىپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
5. سىز بىلەن ئارىلىق ساقلايدۇ. ئۇ سىزگە يېقىنچىلىق قىلىشىنى خالىمىسا، دائىم رەت قىلسا، بۇ ئۇنىڭ ئاللىقاچان سىرتقا قاراپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
6. ئۆزىنى قوغداش ئېڭى كۈچىيىشكە باشلايدۇ. بۇرۇن سىدىن ھېچ نەرسىنى يوشۇرماي ئېيتىدىغان ئايال تۇيۇقسىز ئېلخەت، كوتكوت، ئۈندىدارلىرىنىڭ مەخپىي نومۇرلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.
7.چىقىمى كۆپىيىدۇ. پائالىيەت كۆپەيسە، چىقىممۇ ماس ھالدا كۆپىيىدۇ: كىشىلىك مۇناسىۋەتكە كەتكەن چىقىمدىن باشقا، مۇھەببەت دېڭىزىغا شۇڭغۇغانلارنىڭ ياسىنىش، يۈرۈش-تۇرۇشىغىمۇ ئادەتتىكىدىن كۆپرەك پۇل كېتىدۇ.
8. قىزىقىشى ئۆزگىرىدۇ. باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىش، كۆپرەك ئۇچرىشىش پۇرسىتى يارىتىش ئۈچۈن ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە باشلايدۇ، چۈنكى ئۆزگەرگەندىلا ۋاقىت ۋە پۇرسەتكە ئېرىشەلەيدۇ.
9. سىزگە ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، لېكىن بەزى تېمىلاردا سىز بىلەن قىزغىن مۇنازىرىلىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ كۆڭلى باشقا تەرەپكە بۇرالغاندىن كېيىن، قانداق قىلىسىڭىزمۇ ئۇ ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ، ھەتتا پائالىيەتلىرىڭىزنى تېخىمۇ كۆپەيتىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ، چۈنكى ئۇمۇ مۇھەببەتلىشىش ۋاقتىغا موھتاج بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ پەقەت يۈزەكى قاراشلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل كۆزلىرى بىلەن جۆرىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى، شۇنداقلا يۇقىرقى مەزمونلارغا بەك ئېسىلىۋالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز.