كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئىستېمال قىلىنىدىغان تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنىڭمۇ ھامىلىدارلىقتىن ساقلاش رولى بار:

1. سەۋزە. سەۋزە تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كاروتىن، ۋىتامىن ھەم بەدەنگە پايدىلىق باشقا ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار. يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئاياللار سەۋزىنى كۆپ ئىستېمال قىلسا بەدەنگە سۈمۈرۈلگەن كاروتىن ھەيزنى توختىتىپ، تۇخۇمداننىڭ نورمال تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويىدىكەن.

2. قەھۋە. تەتقىقاتچىلار ھامىلىدار بولۇشنى خالايدىغان 104 ئايالنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قەھۋەنىڭ ھامىلدارلىققا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىغان. ھە ركۈنى بىر ئىستاكاندا ئارتۇق قەھۋە ئىچىدىغان ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى قەھۋە ئىچمەيدىغان ئاياللارنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىكەن.
3. سامساق. سامساقنى كۆپ ئىستېمال قىلسا روھلاندۇرۇپلا قالماستىن، يەنە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىسپېرمىنى ئۆلتۈرۈش رولى بار ئىكەن。
4.كۇلى بېھسى. كۇلى بېھىسى تەركىبىدە پاپائىن گىدرولىزى بار بولۇپ، ئۇ كېتون بىلەن ئۆز ئارا رېئاكسىيەلىشىپ، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
5.ئىسپىرت. ئىسپىرت ئەرلەرنىڭ پەرزەنت كۆرەلمەسلىكىنى كەلتۈۈرپ چىقىرىپلا قالماستىن، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ غەيرىي تۇغۇلۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئاياللاردا ھەيز قالايمىقانلىشىش، ھەيز توختاش، توخۇم ئۆزگىرىپ كېتىش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.

6. كەرەپشە. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئەرلەر كەرەپشىنى كۆپ يېسە، تېستوسترون شەكىللىنىشىنى چەكلەپ قويىدىكەن، شۇنداقلا ئىسپېرمىنى ئۆلتۈرۈش، ئىسپېرما مىقدارىنى ئازلىتىش رولى بار ئىكەن. تېنى ساغلام، پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارى بولغان ياش ئەرلەر ئۇدا نەچچە كۈن كەرەپشە يېسە، ئىسپېرمىنىڭ مىقدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى