
1.تۇخۇمدان يېتىلىش مەزگىلىدە ئالقات بىلەن قان تلۇقلاش كېرەك. يەنى ئاق مور بىلەن 10 تالدىن 15 تالغىچە ئالقاتنى سۇدا 20 مىنۇتتىن يېرىم سائەتكىچە قاينىتىپ ئىچىش لازىم.
2. تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە يالپۇزنى پارچىلاپ، زەنجىۋىل، غولپىياز قاتارلىقلار بىلەن 20 مىنۇتچە قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرگەرندە، قان تولۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
3. سېرىق تەن مەزگىلى، يەنى تۇخۇم چىقىرىشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە پىششىق ئەگرىسۇناي بىلەن بەدەننى قۇۋۋەتلىگىلى ھەم قان تولۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
4.ھەيز مەزگىلىدە دارچىن بىلەن قان تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
5. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە چىلاننى دەملەپ ئىچسە ھەم پوستى سويۇۋېتىلگەن ياڭاق، يەر ياڭىقى بىلەن قاينىتىپ ئىچكەندە، قان تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
6. بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە پىششىق تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى سويۇۋېتىپ، بىر ئاز قايناتقاندىن كېيىن ئازراق قارا شېكەر سېلىپ قاينىتىپ ئىچىش كېرەك.
7. تۇغۇپ قىرىقى ئىچىدە 15 گىرام قارا يېلىمنى 250 گىرام ناۋات بىلەن قاينىتىپ ئىچكەندە، قان تولۇقلاش مەقستىگە يەتكىلى بولىدۇ.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى