
خەلق تورى 21-مارت خەۋىرى: ھەر بىر خانىم-قىزلار تېرىسىنىڭ ئاق ھەم يۇمران بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەر بولسا تەبىئىي تېرە گۈزەللەشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرى ھېسابلىنىدۇ.
1. لىمون
ئاساسلىق ئاقارتىش تەركىبى: ۋىتامىن
C.
تېرىنى ئاقارتىدىغان مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە، لىمون بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. لىمون مېۋىلەرنىڭ ئىچىدىكى ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى مەھسۇلات. تەركىبىدە مول ۋىتامىن
C ۋە كالتىسي بار بولۇپ، پەرداز بۇيۇملىرى ۋە تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ خام ماتېرىيالى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. لىمون ئارقىلىق تېرىنى ئاقارتىشتا، دورا ئورنىدا ئىچسىمۇ ياكى سىرتىغا سۈرتسىمۇ بولىدۇ.
ئاساسلىق تېرە گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى: تېرىنى ئاقارتىش، داغ يوقىتىش، تېرىنى چىڭىتىش، تېرىنى سىلىقلاش، ھارغىنلىقنى يوقىتىش، تېرىنىڭ قېرىشىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىقلار.
ئۇنىڭدىن باشقا، لىمون تەركىبىدە كۆپ مىقداردا مېۋە كىسلاتاسى بار بولۇپ، مۈڭگۈز ماددا قەۋىتىنى يۇمشىتىپ، ئۆلۈك تېرىلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بىر قوشۇق لىمون شىرنىسى بىلەن بىر قوشۇق قېتىق ۋە بىر قوشۇق ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ، تىز، ئالقان ۋە تاپانغا سۈرتۈپ ئۇۋۇلاپ، 10 مىنۇتتىن كېيىن ئىلمان سۇدا چايقىۋەتكەندە، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، تېرىنى يۇمران ھەم پارقىراق قىلىدۇ.
ئاقارتىش ئۇسۇلى: لىمون يۈزلۈكى
بىر قوشۇق لىمون سۈيىنى ئىستاكانغا قۇيۇپ، بىر دانە يېڭى تۇخۇم ئېقىنى قوشۇپ، ئارىلاشتۇرىمىز. يەنە ئىككى قوشۇق بۇغداي ئۇنى، ئىككى قوشۇق زەيتۇن مېيى ياكى خاسىڭ مېيى قوشۇپ بىرلىكتە ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم ھالىتىگە كەلتۈرىمىز. ھەر كۈنى كەچتە تەييارلىۋالغان لىمون مەلھىمىنى يۈزگە سۈرۈپ، 20 مىنۇتتىن كېيىن ئىلمان سۇدا يۇيىۋەتسەكلا بولىدۇ.
ھەر كۈنى كەچتە بىر قېتىم، بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، تېرىنى ئاقارتىپلا قالماي يەنە، قۇرغاق، بوش، قورۇق چۈشكەن تېرىلەرنى پارقىراق قىلىدۇ.
2. گلاس
ئاساسلىق ئاقارتىش تەركىبى: ۋىتامىن
C، ۋىتامىن
A.
گلاس تەركىبىدىكى مول ۋىتامىن
C تېرىنى نەمخۇش قىلىپ، قارا پىگمېنتلارنىڭ شەكىللىنىشىگە ئۈنۈملۈك قارشى تۇرىدۇ. تەركىبىدە قەنت، ئاقسىل، كاروتېن، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار.
گلاس تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى ئالما تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارىنىڭ 20 ھەسسىسىگە، نەشپۈتنىڭ 30 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، تۆمۈر قاندىقى ھېموپروتېيىننىڭ مۇھىم تەركىبى ھېسابلىنىدۇ. قان يېتەرلىك بولسا تېرىگىمۇ قىزىللىق يۈرىدۇ. گلاسنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا تېرىنى يۇمران ھەم ئىلاستىنكىلىققا ئىگە قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، گلاس تەركىبىدىكى تۆمۈر ۋە كاروتېن بىر قەدەر كۆپ بولغان مېۋە بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى. بەدىنى ئاجىز قىزلارغا نىسبەتەن قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمىگە ئىگە.
ئاقارتىش ئۇسۇلى: گلاس شەربىتى
ماتېرىيال: 80 گرام گلاس، بىر ئىستاكان سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ
گلاسنى پاكىز يۇيۇپ ئۇرۇقىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ بىلەن بىرگە شىرنىسىنى چىقىرىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر قوشۇپ ئىستېمال قىلغاندا، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇپ، تېرىدىكى جاراھەت ئىزلىرىنى يوقىتىدۇ.
3. شوخلا
ئاساسلىق ئاقارتىش تەركىبى: ۋىتامىن
C.
شوخلىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن. كۆپلىگەن مودېللار شوخلىغا تايىنىپ بەدەن سۈپىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. شوخلىنىڭ كىسلاتالىق شىرنىسى تېرە
PH قىممىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ.
تېرىسى قارا ھەم يىرىك كىشىلەر، شوخلىنى ئىزىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، يۈزىگە سۈرتۈپ 15 مىنۇتتىن كېيىن پاكىز سۇدا چايقىۋەتكەندە، ئۆلۈك تېرىلەرنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. شوخلا تەركىبىدىكى ۋىتامىن
C نىسبەتەن مول بولغان كۆكتات بولۇپ، شوخلا شىرنىسىگە ئاز مىقداردا ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ يۈز قىسىمىغا سۈرتۈپ، 10 مىنۇتتىن كېيىن يۇيىۋەتكەندە، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن داغنى يوقىتىپ، تېرىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
ماتېرىيالى: بىر دانە شوخلا، 2 قوشۇق سۈت پاراشوكى، 2 قوشۇق ھەسەل.
ئۇسۇلى: شوخلا شىرنىسىگە سۈپ پاراشوكى ۋە ھەسەلنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، مەلھەم ھالىتىگە كەلگەندىن كېيىن، يۈز قىسىمىغا سۈرتۈپ 10 مىنۇتتىن كېيىن يۇيىۋەتسەكلا بولىدۇ.
4. مايمۇن شاپتۇلى
ئاساسلىق ئاقارتىش تەركىبى: ۋىتامىن
C.
ھەر گرام مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدىكى ۋىتامىن
C نىڭ مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 95.7 مىللىگرام ئەتراپىدا بولۇپ، تەركىبىدىكى ۋىتامىن
C بىلەن ۋىتامىن
E تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي يەنە، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە. تېرىنى ئاقارتىپ، داغ يوقىتىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تېرىنىڭ قېرىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئېرىشچان تالالار بار بولۇپ، ئوتتۇرچە ھەر گرام مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدىكى تالانىڭ مىقدارى 2.6 گرام ئەتراپىدا. بەدەندىكى كاربون-سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدىكى مول مېنىرال ماددىلار چاچنىڭ سىرتقى قەۋىتىدە بىر قەۋەت نېپىز پەردە ھاسىل قىلىپ، چاچنىڭ ھاۋادىكى كېرەكسىز نەرسىلەردىن بۇلغىنىشىدىن توسۇپلا قالماي يەنە، چاچنى سىلىق قىلىدۇ. كۈنىگە بىر ئىستاكان مايمۇن شاپتۇلى شەربىتى ئىچىپ بەرگەندە، چاچنىڭ ئۆسۈشىدە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.
ماتېرىيالى: مايمۇن شاپتۇلى، ئالما، يالپۇز يوپۇرمىقى
ئۇسۇلى: مايمۇن شاپتۇلىنىڭ پوستىنى ئېلىۋېتىپ پارچىلايمىز، ئالمىنى پوستى بىلەن پارچىلىغاندىن كېيىن، 3~4 پارچە يالپۇز يوپۇرمىقىنى يۇيۇپ، بىرلىكتە ئىزىپ شىرنسىىنى چىقىرىپ توڭلاتقۇدا توڭلاتقاندىن كېيىن، ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
ئۈنۈمى: تېرىنى ئاقارتىپ، قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ، قورۇقنى ئازلىتىپ، پىگمېنتلارنىڭ ئولتۇرىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.