
ئاياللار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە، پاقالچاق مۇسكۇللىرى جىددىي ھالەتكە
ئۆتىدۇ. پۇت سەللا قايرىلىپ كەتسە، بۇلجۇڭ گۆش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماي،
تاپانغان تۇتىشىدىغان پەيلەر تارتىشىپ قالىدۇ. بۇ خىل ھالەت ئۇزاققىچە داۋاملاشسا،
پۇتنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ تۆگىتاپان بولۇپ قالىدۇ، بۇ يەنە تىز بوغۇمى ھەم داس
سۆڭىكىگە بېسىم پەيدا قىلىدۇ.
داس سۆڭىكى بېسىمغا ئۇچرىسا، ئەتراپتىكى مۇسكۇللارنىڭ چېكىنىشى تېزلىشىپ،
سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش ئازىيىدۇ ھەمدە سۈيدۈك تۇتالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،
شۇڭا كۈندە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەن ۋاقىت 12 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.