باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

ناۋا 51-سان پىروگراممىسى

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

جەسەتكە تولغان شەھەر1-8

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

| ساغلاملىق دۇنياسى | خانىم-قىزلار سەھىپىسى | قانۇندىن ساۋات
ئورنىڭىز:سەھىپىلەر >> ساغلاملىق دۇنياسى >> ساغلاملىق بىلىملىرى >>

ئارىمىزدا دۆت ئاتا-ئانا باركى، دۆت پەرزەنت يوق

 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:互联网      ۋاقىت:2014-02-27 21:58:27


ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئىدارىدە ئىشلەيدىغان دوستۇمنىڭ ئۆيىگە باردىم. ناھايىتى چىرايلىق بېزەلگەن ئۆينىڭ تۆرىگە قويۇلغان ئىشكاپنىڭ ئۈستىدىكى بىر دەستە گۈلنىڭ يېنىغا ئوغلىنىڭ تەقدىرنامىسى قويۇپ قويۇلۇپتۇ. ئىشىكتىن كىرگەندىلا كۆزگە چېلىقىدىغان بىر تەقدىرنامە دىققىتىمنى تارتتى. دوستۇمنىڭ ئېرى بىزگە مۇنداق بىر ئىشنى ئەسلەپ بەردى:
-تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. ماتېماتىكىدا سىنىپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرساممۇ، خىمىيە، فىزىكا دەرسلىرىنى پەقەتلا چۈشەنمىدىم. بۇ پەنلەرگە بولغان قىزغىنلىقىم كۈندىن-كۈنگە سۇسلاپ كەتتى. ئىككىلا مۇئەللىم مېنى «دۆت» دەپ دۈشكەللىدى. ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇتىلى دەرسلىرىدە يۇقىرى نومۇر ئالغانلىقىم ئۈچۈن، سىنىپ تەربىيەچىم ئۆزىنىڭ قول يازمىسى يېزىلغان، ئەمما مەكتەپنىڭ تامغىسى بېسىلمىغان «تەقدىرنامە» نى بەردى. ئاتام بۇنى كۆرۈپ پىشانەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ: «ئەقىللىق بالام، يارايسەن!» دېدى ۋە ھېلىقى تەقدىرنامىنى رامكىغا ئېلىپ، تۆرگە تارتىلغان گىلەمنىڭ ئۈستىگە ئېسىپ قويدى. ھەر قېتىم ئىشىكتىن كىرسەم بۇ تەقدىرنامىنى كۆرەتتىم-دە، «مەن دۆت ئەمەس» دەيتتىم ئۆز-ئۆزۈمگە. شۇ «تەقدىرنامە» نىڭ سېھرى مېنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىمنىڭ ئۆگىنىشىگە ئىلھام بولدى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆيىمىزنىڭ بىر تېمى قېرىنداشلىرىمنىڭ ۋە مېنىڭ تەقدىرنامىلىرىم بىلەن تولدى. بىرىمىزنىڭ كەينىدىن بىرىمىز ئالىي مەكتەپكە كەتتۇق. ئەڭ ياخشى خىزمەت ئورنى، ئەڭ ياخشى تۇرمۇش بىزنى كۈتىۋالدى. دېمەك، پەرزەنت ھەرگىز دۆت ئەمەس، پەرزەنتنى دۆت قىلىدىغانمۇ، ئەقىللىق قىلىدىغانمۇ ئاتا-ئانىدىكى ئىدراك.


ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئوغلى ماتېماتىكىدا ئىزچىل 50 نومۇرنىڭ ئۈستىگە چىقالمايدىكەن. بۇ مەۋسۈمدە بىراقلا 120 نومۇر ئاپتۇ. باشقا پەنلەردىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، سىنىپ بويىچە ئۈچىنچى قاتارغا ئۆتۈپتۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز مەلۇم يىللىقنىڭ بىر سىنىپ تەربىيەچىسى مۇنداق دېدى:
-بىر كۈنى كېچە سائەت ئىككىدىن ئاشقاندا ئۆيۈمنىڭ تېلېفونى سايراپ كەتتى. تۇرۇپكىنى قولۇمغا ئالسام، سىنىپ بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا، ئىككىنچى رەتتە تۇرىدىغان بىر ئوقۇغۇچۇم ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىدىكى تولۇق ئوتتۇرىغا ئىمتىھان بەرگۈسى بارلىقىنى ئېيتىپ، ياردەم بېرىشىمنى ئۆتۈندى. مۇڭدىشىشتىن بىلدىمكى، ئۇ خېلى ئەقىللىق قىز ئىكەن. بىر يەكشەنبە ئۇنىڭ ئانىسىنى چاقىرىپ، قىزىنىڭ نىشانىنى ئېيتىۋىدىم، ئانىسى قىزىغا بىرنى ئالىيىۋىتىپ:
-قىزىم ھالىغا باقماي، ئۆزىگە بەك يۇقىرى نىشان بېكىتىۋاپتۇ. سىنىپتىكى بالىلارنىڭ قۇيرۇقى بولۇپ ئوقۇسا، ئۇنىڭدىن يەنە قانداق ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ؟-دەپ ۋايساپلا كەتتى.


ئوقۇغۇچۇم يىغلاپ تۇرۇپ:
-ئانام دائىم ماڭا مۇشۇنداق زەربە بېرىدۇ،-دېدى. بۇ ئوقۇغۇچۇممۇ ماڭا ماسلىشىپ تىرىشىۋاتىدۇ. ھازىر سىنىپنىڭ ئالدى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئانىسىغا پىسخىكا ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئۆزىدىكى ئىللەتلەرنى تۈزىتىشكە دائىر بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلدى.


مەكتەپ-ئىلىم-مەرىپەت باغچىسى، ئوقۇتقۇچىنىڭ پەرزەنتلەرگە بىلىم بېرىش مەجبۇرىيىتى باركى، ئادىمىيلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى سىڭدۈرۈش مەجبۇرىيىتى بولسىمۇ ئادەم بولۇشقا يېتەكلەيدۇ؛ ئائىلە پەرزەنتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەڭ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ماكانى، شۇڭا ئائىلىدە پەرزەنتىنىڭ ئەقلىنى بوغىدىغان، پىسخىكىسىنى بۇزىدىغان سۆزلەر بولمىسۇن.


ئەسلى مەنبە: قانۇنچىلىق گېزىتى
ھەپتىلىق تەۋسىيە
تاتلىق ئىچىملىك بۆرەككە زىيانلىق
تاتلىق ئىچىملىك ...
ھېسسىياتچان قىز- ئاياللارنىڭ توققۇز خىل ئىپادىسى
ھېسسىياتچان قىز-...
توخۇ يۈرىكى قىزلارغا پايدىلىق
توخۇ يۈرىكى قىزل...
قېيىنئانىلار ياقتۇرىدىغان كېلىنلەر
قېيىنئانىلار يا...
ئاياللارنىڭ يولدىن چىققانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى
ئاياللارنىڭ يول...
ئەر-ئاياللارنىڭ پەرقىنى بىلەمسىز؟
ئەر-ئاياللارنىڭ ...
تاماكىنىڭ يەنە بىر زىيىنى
تاماكىنىڭ يەنە ب...
تەبىئىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ھېسابلىنىدىغان يېمەكلىكلەر
تەبىئىي ھامىلدا...
ئاياللارنىڭ قان تولۇقلايدىغان مەزگىللىرى
ئاياللارنىڭ قان ...
​بۆرەك مىزاجىنى تەڭشەش ھەققىدە
​بۆرەك مىزاجىنى ...
ئەڭ يىڭى كىنولار
ئەڭ يىڭى سۈرەتلىك ناخشىلار
ئەڭ يىڭى بوكىسلار
ئەڭ يىڭى كۈلدۈرگىلەر
تور بېكەت ھەققىدە|مۇلازىمەتلەر|سەھىپىلىرىمىز|ئېلان بېرىڭ|ئالاقىلىشىڭ|ھەمكارلىشىڭ|بېكەت خەرىتىسى|پىكىر بېرىڭ|قوللىغۇچىلار
Copyright @ 2011-2012 Bashlan corporation , All Rights Reserved
بىكەت مەسئۇلى :ئەكبەر بارلىق ھوقوق : ئەرۋاھ تورتىخنىكا مەركىزىگە تەۋە
نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ئىلان ئالاقە-ھەمكارلىق : 13899990941
:::باشلان تورىنىڭ دوستانە ئۇلانما تۇغى: :::توربىكىتىمىزنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىڭ :::
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قىلايلى
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن
مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
新ICP备13000980号-2