
ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئەگەر كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى ئالتە سائەتكە يەتمىگەن ھالىتى بىر ھەپتىگىچە ( يەتتە كۈن ) داۋاملاشسا، ئۇكىشىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، خۇددى مەس ھالەتتە ماشىنا ھەيدىگەندىكى ھالەت بىلەن پەرىقلەنمەيدىكەن ( قان مىقدارىدىكى ئىسپىرت قويۇقلۇقى %0.08 ).
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇزاققىچە ئۇيقۇسى يېتەرسىز بولغانلىق، خۇددى 24 سائەتكىچە ئۇخلىمىغانلىق بىلەن باراۋەر بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ خىزمەت قىلىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىكەن. نورمال كىشىلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئورۇن، بوشلۇق، شەكىل، رەڭ قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ كۆزدىن كۆرۈش دۆڭچىسىگە ئاندىن چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈلىشى ئۈچۈن پەقەت 0.2 سېكۇنت ۋاقىت كېتىدىكەن، ئەگەر ئۇزاق ۋاقىتقىچە ئۇيقۇسى يېتەرسىز بولسا، تەخمىنەن 1 دىن 2 سىكۇنىتقىچە ئاندىن ئىنكاس بولىدىكەن، بۇ نورمال كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا 10 ھەسسە ئۇزۇن دېگەن گەپ. ئۇزاققىچە ئۇيقۇسى يېتەرسىز بولغان كىشىلەرنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولۇپلا قالماي، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن، مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەۋسىيىسىدە، كەچ سائەت 11 دىن ئەتىگەن سائەت 6 گىچە بولغان ۋاقىت ئۇخلاشنىڭ ‹‹ ئالتۇن ۋاقتى ›› بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، ئەگەر سىز قوڭغىراقلىق سائەت بولمىسا ئويغىنالمايدىغان، دائىم ئۇيقۇسى كېلىپ تۇرىدىغان ياكى كارىۋاتتا يېتىپ بەش مىنۇتقا قالماي ئۇخلاپ قالىدىغان كىشى بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئۇيقىڭىز ئۇزاققىچە يېتەرسىز بولغان بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، بۇنداق ۋاقىتتا چوقۇم دەم ئېلىش ۋاقتىڭىزنى مۇۋاپىق تەڭشىشىڭىز زۆرۈر.