
ئامېرىكا فىزىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ بايقىشىچە، كىشى 10 مىنۇت ئاچچىقلانسا سەرپ
بولىدىغان زېھىنى قۇۋۋەت 3000 مېتىرلىق يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىنمۇ
قېلىشمايدىكەن. ئاچچىقلانغاندىكى فىزىئولوگىيىلىك ئىنكاس تولىمۇ شىددەتلىك بولۇپ،
ئىچكى ئاجرالمىلار ئادەتتىكى ھەرقانداق كەيپىياتتىكى ھالەتتىن مۇرەككەپ بولۇپ،
زەھەرلىك ئىكەن، شۇڭىلاشقا ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ساغلام بولۇشى تولىمۇ
قىيىن شۇنداقلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى تېخىمۇ قىيىن بولىدىكەن. ھىسياتى تۇراقسىز
بولغان كىشىلەرنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپى باشقىلاردىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى
بولىدىكەن.